13
شۇ كۈنى داۋۇت جەمەتى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن گۇناھنى ۋە پاسكىنىلىقنى يۇيىدىغان بىر بۇلاق ئېچىلىدۇ.
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن مەبۇدلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەنكى، ئۇلار يەنە ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن. شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىرەيلەن يەنىلا پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرەي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ.    شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋاتقاندا كۆرگەن كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ؛ ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ؛ ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەمەس، مەن پەقەت تېرىقچىمەن؛ چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ دەيدۇ. ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
 
ھەقىقىي پادىچىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت
ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن.    زېمىندا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇنىڭدا تىرىك قالىدۇ. ئاندىن مەن ئۈچىنچى قىسمىنى ئوتقا كىرگۈزىمەن، ئۇلارنى كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن، ئالتۇن سىنالغاندەك ئۇلارنى سىنايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن؛ مەن: «بۇ مېنىڭ خەلقىم» دەيمەن؛ ئۇلار: «پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم» ــ دەيدۇ.
 
 
13:1 لاۋ. 16؛ 23‏:26-32؛ زەك. 12‏:10-14؛ رىم. 11‏:26 13:2 «مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن» ــ بۇ پەيغەمبەرلەر ساختا پەيغەمبەرلەر، ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە بولسا مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى دۇنياغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق بولىدۇ. 13:3 «ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. مۇشۇ ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى خۇدادىن شۇنچە ئەيمىنىدۇكى، ئۆز ئوغلىنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرىدۇ. 13:3 قان. 13‏:6-11؛ 18‏:20 13:4 «ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ» ــ ئىلياس، ئېلىشا ۋە يەھيا پەيغەمبەرلەر مۇشۇنداق ئىنتايىن ئاددىي كىيىم كىيگەن. 13:5 «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئادەمنىڭ مەدىكارى بولۇپ كەلدىم». 13:6 «ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ» ــ «مەيدەڭدىكى زەخمەتلەر» ئىبرانىي تىلى بويىچە سۆزمۇسۆز ئالساق «ئىككى قولۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى زەخمەتلەر» بولىدۇ. «بۇتپەرەس پەيغەمبەرلەر» جىن-شەيتانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن پات-پات ئۆز تېنىنى كېسىۋالاتتى ۋە ئاخىرقى زاماندىمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن («1پاد.»، 28:18-ئايەتتە مىسال كۆرۈلىدۇ). شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇشۇنداق زەخمەتلەردىن گۇمانلىنىدۇ، ساختا پەيغەمبەر زەخمەتلىرىدىن خىجىل بولۇپ روشەن بىر يالغان باھانىنى كۆرسىتىدۇ. 13:7 «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللار ئۈستىگىمۇ قارشى چۈشۈرىمەن». بىراق بىزنىڭ تەرجىمىمىز 8-ئايەتكە ماسلىشىدۇ؛ ئومۇمىي مەنىسى خۇدا ئۆزىگە تەۋە كىچىك پېئىللىقلارنى قوغدايدۇ. 13:7 قان. 37‏:42؛ يەش. 26‏:20؛ مات. 26‏:31؛ مار. 14‏:27؛ لۇقا 22‏:35-38؛ يـۇھ. 18‏:8 13:9 زەب. 50‏:3-5، 15؛ 91‏:15؛ 144‏:15؛ مال. 3‏:1-4؛ يـۇھ. 20‏:28؛ 1پېت. 1‏:6.