8
داۋامى ــ شۇلامىت سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ
«ئاھ، ئاپامنىڭ كۆكسىنى شورىغان ئىنىمدەك بولساڭئىدى!
سېنى تالادا ئۇچرىتار بولسام، سۆيەتتىم،
ۋە ھېچكىم مېنى كەمسىتمەيتتى.
مەن سېنى يېتەكلەيتتىم،
ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرەتتىم؛
سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ؛
مەن ساڭا تېتىتقۇ شارابىدىن ئىچكۈزەتتىم؛
ئانارلىرىمنىڭ شەربىتىدىن ئىچكۈزەتتىم.

ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا بولاتتى،
ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلايتتى!».
 
«سىلەرگە تاپىلايمەنكى، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى ــ
«ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە،
سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!»
 
ئون ئىككىنچى ئويلىنىش ــ يېزىلارغا، يەنى گالىلىيەگە بولغان سەپەر {8:5-8:7} •••• شۇلامىتنىڭ يۇرتىدىكى قىزلار ئاۋۋال سۆزلەيدۇ ــ ئۇنى تونۇماي قالىدۇ
«دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟
ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟»
 
«مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛
ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛
ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى».
 
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
«مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك،
بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛
چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛
مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛
ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى،
ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر!
كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛
كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛
بىرسى: «ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە،
ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ».
 
ئون ئۈچىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىتنىڭ يۇرتىغا، ئۆيىگە قايىتىپ كېلىشى. شۇلامىت كىچىك سىڭلىسى توغرۇلۇق ئىككى ئاكىسىغا سۆز قىلىدۇ {8:8-8:14}. •••• شۇلامىت ئىككى ئاكىسىغا سۆز قىلىدۇ
«بىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىز باردۇر،
بىراق ئۇنىڭ كۆكسى يوقتۇر؛
سىڭلىمىزغا ئەلچىلەر كەلگەن كۈنىدە بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟»
 
ئىككى ئاكىسى جاۋاب بېرىدۇ
«ئەگەر ئۇ سېپىل بولسا،
بىز ئۇنىڭغا كۈمۈش مۇنار سالىمىز؛
ئەگەر ئۇ ئىشىك بولسا،
بىز ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلايمىز».
 
شۇلامىت سۆز قىلىدۇ
10 «ئۆزۈم بىر سېپىلدۇرمەن،
ھەم مېنىڭ كۆكسىلىرىم مۇنارلاردەكتۇر؛
شۇڭا مەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خاتىرجەملىك تاپقان بىرسىدەك بولدۇم».
 
شۇلامىت سۆزىنى داۋام قىلىدۇ
11 «سۇلايماننىڭ بائال-ھاموندا ئۈزۈمزارى بار ئىدى،
ئۈزۈمزارىنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋىسى ئۈچۈن مىڭ تەڭگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؛
12 ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ؛
ئۇنىڭ مىڭ تەڭگىسى ساڭا بولسۇن، ئى سۇلايمان،
شۇنىڭدەك ئىككى يۈز تەڭگە مېۋىسىنى باققۇچىلارغا بولسۇن».
 
سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ
13 «ھەي باغلاردا تۇرغۇچى،
ھەمراھلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇسى بار؛
ماڭىمۇ ئۇنى ئاڭلاتقۇزغايسەن».
 
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
14 «ئى سۆيۈملۈكۈم، تېز بولە،
جەرەن ياكى ياش بۇغىدەك بول،
تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!»
8:1 «ئاھ، ئاپامنىڭ كۆكسىنى شورىغان ئىنىمدەك بولساڭئىدى! سېنى تالادا ئۇچرىتار بولسام، سۆيەتتىم، *ۋە ھېچكىم مېنى كەمسىتمەيتتى» ــ پەلەستىندە ئاچا-ئۇكىنىڭ ئۆزئارا ئامراقلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىشى، سۆيۈشى نورمال ئەھۋال. ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ شۇنداق قىلىشى ئەيىبلىك دەپ قارالغاچقا، شۇلامىت «سۇلايماننى ئىنىمدەك بولسىدى!» دەپ تىلەيدۇ. 8:2 «سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ» ــ شۇلامىت سۇلايماننىڭ دانالىقىدىن ئورتاقلاشماقچى. يېرۇسالېمدىكى ئوردىدا تۇرغاندا سۇلايمان ئالدىراش بولغاچقا مۇشۇنداق پۇرسەت ئاز بولاتتى. ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە بولسا دەخلىلەر ئاز بولىدۇ. ئەرنىڭ ئايالىغا بىلىم، دانالىقنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىش مەسئۇلىيىتى بار. «سەن ماڭا تەلىم بېرەتتىڭ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇ يەردە ئاپام ماڭا ئۆگەتكەن». «مەن ساڭا تېتىتقۇ شارابىدىن ئىچكۈزەتتىم؛ ئانارلىرىمنىڭ شەربىتىدىن ئىچكۈزەتتىم» ــ بەلكىم شۇلامىتنىڭ ئاپىسى ئىنىسىنى ئېمىتكەندەك (1-ئايەت)، سۇلايمانغا ئەمچەك سالغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 8:4 «... سىلەر مۇھەببەتنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!» ــ ياكى «...ئۇنى بالدۇر ئويغاتقىنىڭلار، قوزغىغىنىڭلارنىڭ نېمىسى؟!». 8:5 دالادىن چىقىۋاتقان بۇ زادى كىم؟ ئۆز سۆيۈملۈكىگە يۆلىنىپ؟» ــ شۇلامىت ئەسلىي تويغا بارغان يول بىلەن قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار يېرۇسالېمدىن يېرىخا شەھىرىدىكى يول بىلەن چىقىپ ئىئوردان دەرياسى جىلغىسىنى بويلاپ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ شۇنەمگە قايتىدۇ. چۆل-باياۋاننىڭ ئىسسىقى بىلەن ئۇ سۇلايمانغا يۆلىنىپ ماڭىدۇ. ئۇ شۇنچە ئۆزگەرگەنكى، يۇرتتىكىلەر ئۇنى تونۇماي قالىدۇ. شۇڭا بۇ سۆزلەر شۇلامىتنىڭ يۇرتىدىكى قىزلارنىڭ دېگىنى بولسا كېرەك. «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم؛ ئاشۇ يەردە ئاپاڭ تولغاق يەپ سېنى دۇنياغا چىقارغانىدى؛ ئاشۇ يەردە سېنى تۇغقۇچى تولغاق يەپ سېنى چىقارغانىدى» ــ بۇ سۆزلەرنى سۇلايمان شۇلامىتقا ئېيتىدۇ. سۇلايمان بەلكىم بىرىنچى قېتىم (پادىچىنىڭ قىياپىتىدە) دەل مۇشۇ ئالما دەرىخى ئاستىدا شۇلامىتنى ئۇخلاۋاتقان پېتىدە ئۇچراتقانلىقىنى ئەسلەيدۇ. شۇ ئالما دەرىخى دەل شۇلامىتنىڭ ئاپىسى ئۇنى تۇغقان جاي ئىدى. «مەن ئالما دەرىخى ئاستىدا سېنى ئويغاتقانىدىم» ــ مۇشۇ «ئويغىتىش» ھەم ئۇيقۇدىن ئويغىتىشنىمۇ، مۇھەببەتكە ئويغىتىشنىمۇ كۆرسەتسە كېرەك. سۇلايمان بىلەن شۇلامىت شۇلامىتنىڭ ھاياتى باشلانغان دەل شۇ جايدا («ئالما دەرىخى ئاستىدا) ئۆزئارا تۆۋەندىكى ئەھدە (6-ئايەت) بىلەن باغلىشىدۇ. 8:6 «مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن..» ــ شەرھى: پادىشاھ ئۆز مۆھۈرىدىن ھېچقاچان ئايرىلمايدۇ. مۆھۈرى بولسا ئادەتتە ئالتۇن-گۆھەردىن ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك نەرسە ئىدى. ھەربىر نەرسە ئۈستىگە مۆھۈر باسقاننىڭ مەنىسى «بۇ مېنىڭكى» دېگەن بولىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇلامىت ئۆزىنىڭ سۇلايماندىن ھەرگىز ئايرىلماسلىقىنى خالايدۇ، ئۆزىنى ئالەمگە: «مەن سۇلايماننىكىدۇرمەن» دەپ ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. «مۇھەببەت... ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر!» ــ «ياھ» ــ «ياھۋەھ»، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنىڭ قىسقا شەكلى. 8:7 1كور. 13‏:8 8:8 «(8-ئايەت) شەرھى» ــ شۇلامىت كىچىك سىڭلىسى ئۈچۈن ئەنسىرەيدۇ. ئۇ ياتلىق بولغۇچە قانداق قىلىپ ئۇنى پاك ساقلاش كېرەك؟ مۇشۇ سوئال توغرۇلۇق ئويلىغاندا بەلكىم ئۆزىنىڭ ياشلىق ۋاقىتلىرىنى ئەسلەيدۇ. 8:9 «(9-ئايەت) شەرھى» ــ مۇشۇ ئايەتتە شۇلامىتنىڭ ئىككى ئاكىسى ئۇنىڭ سوئالىغا (8-ئايەت) جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئۆزىنى ئاسرايدىغان، نومۇس قىلىدىغان قىز بولسا («سېپىل بولسا»)، ئۇنداقتا ئاكىلىرى ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ. بىراق ئەگەر ئۇ نومۇسنى ساقلىمايدىغان، خەتەرلىك يولغا چىقماقچى بولسا («ئىشىك بولسا»)، ئاكىلىرى ئۇنى پەۋقۇلئاددە قوغدايدۇ. 8:10 «10-ئايەت شەرھى» ــ شۇلامىت دەرۋەقە «سېپىل» ئىدى ــ باشقىلارنىڭ ئېزىتقۇلۇقلىرىغا تولۇق چىدىغۇچىلىقى بار ئىدى، ئۇ پۈتۈنلەي نومۇسى بىلەن ئۆتكەنىدى. ئۆزىنى پاك ساقلىغاچقا ئۇ سۇلايماننىڭ ئەھدىسىنى قوبۇل قىلىشقا تولىمۇ تەييار ئىدى. ئۇ ھازىر بەلكىم ئىككى ئاكىسى ئەسلى ئۆزىگە يۈرگۈزگەن قاتتىق مۇئامىلىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈپ يېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ سايىسىز ئۈزۈمزاردا ئىشلىگەندە «ئېزىقتۇرۇلۇشنىڭ ئېھتىمالى» ئاز ئىدى؛ سايىسى بولغان مېۋىلىك دەرەخلىرى ئارىسىدا ئىشلىگەن بولسا، يامان نىيەتلىك ئادەم تەرىپىدىن ئېزىقتۇرۇلۇش ئېھتىمالى بار بولاتتى. 8:12 «12-11-ئايەت شەرھى» ــ -11-12ئايەت: بۇ ئايەتلەردە شۇلامىت ئۆزىنىڭ سۇلايمانغا تولۇق مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنى سۇلايمانغا بېغىشلىغان بىر ئۈزۈمزارغا ئوخشىتىدۇ. سۇلايماننىڭ بارلىق ئۈزۈمزارلىرىنى باققۇچىلار ئۆزىگە تېگىشلىك ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنىڭغا ئوخشاش شۇلامىت ھازىر سۇلايماندىن ئىككى ئاكىسى ئۈچۈن تېگىشلىك ئىنئام بېرىشىنى سورايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇنى نومۇسچان قىلىپ توي قىلغۇچە ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەنىدى. 12-ئايەت: «ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ» دېگەن سۆزلەر شۇلامىتنىڭ ئۆز شەخسىنى سۇلايمانغا بېعىشلىغىنى پۈتۈنلەي ئىختىيارەن، پۈتۈنلەي ئەركىنلىك بىلەن بولدى، دەپ ئىپادىلەيدۇ ھەم تەكىتلەيدۇ. ئەركىنلىك مانا مۇھەببەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. 8:13 «13-ئايەت شەرھى» ــ شۇلامىتنىڭ كونا دوستلىرى (ھەمراھلار) بەلكىم ئۇنىڭدىن ناخشا ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سۇلايماننىڭمۇ ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ. شۇلامىت ناخشا ئېيتىپ سىرتقا چىقىپ، سۇلايماننى تۆۋەندىكىدەك چاقىرىدۇ. 8:14 «تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!» ــ ياكى «تېتىتقۇ ئۆسۈملۈك تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!».