9
مەفىبوشەتكە شەپقەت كۆرسىتىش
داۋۇت: سائۇلنىڭ ئۆيىدىن تىرىك قالغان بىرەرسى بارمىكىن، بار بولسا مەن يوناتاننىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتەي؟ ــ دېدى.
ئەمدى سائۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى زىبا دېگەن بىر خىزمەتكار قالغانىدى. ئۇلار ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا چاقىردى. كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: سەن زىبامۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: پېقىر مەن شۇ! ــ دېدى.
پادىشاھ: سائۇلنىڭ ئائىلىسىدىن بىرەرسى تىرىك قالدىمۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ شاپائىتىنى كۆرسىتەي دەۋاتىمەن، ــ دېدى. زىبا پادىشاھقا: يوناتاننىڭ بىر ئوغلى تىرىك قالدى؛ ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاقسايدۇ ــ دېدى.  
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئۇ قەيەردە، دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا: ئۇ لو-دىباردا، ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ ــ دېدى.
شۇڭا داۋۇت پادىشاھ كىشى ئەۋەتىپ ئۇنى لو-دىباردىن، ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلدى.
سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يوناتاننىڭ ئوغلى مەفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، يۈزىنى يەرگە يىقىپ، تەزىم قىلدى. داۋۇت: سەن مەفىبوشەتمۇ؟ ــ دەپ چاقىرىۋىدى، ئۇ: پېقىر شۇ! ــ دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
داۋۇت ئۇنىڭغا: قورقمىغىن، ئاتاڭ يوناتان ئۈچۈن، ساڭا شاپائەت قىلماي قالمايمەن؛ بوۋاڭ سائۇلنىڭ ھەممە يەر-زېمىنلىرىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي، سەن ھەمىشە مېنىڭ داستىخىنىمدىن غىزالىنىسەن ــ دېدى.
مەفىبوشەت تەزىم قىلىپ: قۇلۇڭ نېمە ئىدى، مەندەك بىر ئۆلۈك ئىت ئالىيلىرى قەدىرلىگۈدەك نېمە ئىدىم؟ ــ دېدى.
ئاندىن پادىشاھ سائۇلنىڭ خىزمەتكارى زىبانى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سائۇلنىڭ ۋە پۈتكۈل ئائىلىسىنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتىنى مانا مەن غوجاڭنىڭ ئوغلىنىڭ قولىغا بەردىم. 10  سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ ۋە خىزمەتكارلىرىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلىپ، چىققان مەھسۇلاتلىرىنى غوجاڭنىڭ ئوغلىغا يېيىشكە تاپشۇرۇڭلار. غوجاڭنىڭ ئوغلى مەفىبوشەت مەن بىلەن ھەمىشە ھەمداستىخان بولۇپ غىزالىنىدۇ، ــ دېدى (زىبانىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى).
11  زىبا پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ قۇللىرىغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە كەمىنىلىرى ئەمەل قىلىدۇ، ــ دېدى. پادىشاھ داۋۇت يەنە: مەفىبوشەت بولسا پادىشاھنىڭ بىر ئوغلىدەك داستىخىنىمدىن تائام يېسۇن ــ دېدى.
12  مەفىبوشەتنىڭ مىكا دېگەن كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مەفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى. 13  ئەمدى مەفىبوشەت يېرۇسالېمدا تۇراتتى؛ چۈنكى ئۇ ھەمىشە پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تائام يەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاقساق ئىدى.
 
 
9:2 2سام. 16‏:1-4؛ 19‏:17 9:3 «يوناتاننىڭ بىر ئوغلى تىرىك قالدى؛ ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاقسايدۇ» ــ زىبانىڭ بۇ سۆزنى دېيىشى، بەلكىم، داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى ئىزدەشتىكى مەقسىتى ئۆز تەختىگە ھېچقانداق تەھدىت بولماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى يوقىتىش، دەپ ئويلىسا كېرەك؛ شۇڭا ئۇ مەفىبوشەتنى ئاقساق دەيدۇ ــ ئاقساق بىر ئادەم تەختكە ھېچقانداق تەھدىت بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. 9:3 2سام. 4‏:4 9:7 «بوۋاڭ سائۇل» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاتاڭ سائۇل» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئاتا» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدا مەنىسى كەڭدۇر.