2
داۋۇت مەسىھ قىلىنىپ پادىشاھ بولىدۇ
ئاندىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە چىقايمۇ؟ دېدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ چىققىن، دېدى. داۋۇت، نەگە چىقاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ھېبرونغا چىققىن ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالى بىلەن، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە ئەسلى كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىل بىلەن ئۇ يەرگە چىقتى. داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەملەرنىڭ ھەربىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىدىكىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلار ھېبروننىڭ شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشتى. يەھۇدانىڭ ئادەملىرىمۇ ئۇ يەرگە كېلىپ داۋۇتنى يەھۇدا جەمەتىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. داۋۇتقا سائۇلنى دەپنە قىلغانلار يابەش-گىلېئادتىكىلەر، دەپ خەۋەر بېرىلدى؛ داۋۇت يابەش-گىلېئادتىكىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ «غوجاڭلار بولغان سائۇلغا شۇنداق ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي. پەرۋەردىگار سىلەرگىمۇ مېھرىبانلىق ۋە ئۆز ۋاپالىقىنى كۆرسەتكەي؛ سىلەر بۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن مەنمۇ بۇ ياخشىلىقىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرىمەن. ئەمدى ھازىر غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى غوجاڭلار سائۇل ئۆلدى، يەھۇدا جەمەتى مېنى مەسىھ قىلىپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
 
داۋۇتنىڭ قوشۇنى سائۇلنىڭ قوشۇنى بىلەن سوقۇشىدۇ
ئەمما سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئۇغلى ئىشبوشەتنى ماھانائىمغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى گىلېئادقا، گەشۇرىيلارغا، يىزرەئەلگە، ئەفرائىمغا، بىنيامىنغا ۋە شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى. 10  سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت پادىشاھ بولغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ھالبۇكى، يەھۇدا جەمەتى داۋۇتقا ئەگىشەتتى. 11  داۋۇتنىڭ ھېبروندا يەھۇدا جەمەتى ئۈستىدە سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يەتتە يىل ئالتە ئاي بولدى.
12  بىر كۈنى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ماھانائىمدىن چىقىپ گىبېئونغا باردى. 13  شۇ چاغدا زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى چىقىپ ئۇلار بىلەن گىبېئوندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئۇچراشتى. ئۇلاردىن بىر تەرەپ كۆلنىڭ ئۇ يېقىدا، يەنە بىر تەرەپ كۆلنىڭ بۇ يېقىدا ئولتۇردى. 14  ئابنەر يوئابقا: يىگىتلەر قوپۇپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ ئوينىسۇن ــ دېدى. يوئاب: قوپسۇن ــ دېدى.
15  ئۇلار بېكىتىلگەن سان بويىچە بىنيامىن بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت تەرەپتىن ئون ئىككى كىشى ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن ئون ئىككى كىشى چىقىپ ئوتتۇرىغا ئۆتتى. 16  ئۇلار بىر-بىرىنىڭ بېشىنى قاماللاپ تۇتۇپ ھەربىرى رەقىبىنىڭ بىقىنىغا قىلىچى بىلەن سانجىشتى، ھەممىسى يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەر «قىلىچ بىسلىرىنىڭ ئېتىزى» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ گىبېئوندىدۇر.
17  ئۇ كۈندىكى بولغان سوقۇشۇش ئىنتايىن ئەشەددىي بولدى؛ ئابنەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.
18  شۇ يەردە زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچەيلەن بار ئىدى. ئاساھەل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققان ئىدى. 19  ئاساھەل ئابنەرنىڭ كەيىدىن قوغلاپ يۈگۈردى؛ ئابنەرگە ئەگىشىپ ئوڭغا ياكى سولغا بۇرۇلماي تاپ بېسىپ قوغلىدى. 20  ئابنەر كەينىگە قاراپ: سەن ئاساھەلمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ شۇنداق، مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى.
21  ئابنەر ئۇنىڭغا: يا ئوڭغا يا سولغا بۇرۇلۇپ يىگىتلەرنىڭ بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ يارىغىنى ئۆزۈڭگە تارتىۋالغىن، دېدى. لېكىن ئاساھەل ئۇنى قوغلاشتىن بۇرۇلۇشقا ئۇنىمىدى.
22  ئابنەر ئاساھەلگە يەنە: مېنى ئەمدى قوغلىماي بۇرۇلۇپ كەتكىن؛ مەن سېنى نېمە دەپ ئۇرۇپ يىقىتقۇدەكمەن؟ ئۇنداق قىلسام ئاكاڭ يوئابنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈلەيمەن؟ ــ دېدى.
23  لېكىن ئاساھەل يەنىلا قوغلاشتىن توختىمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئابنەر نەيزىسىنىڭ تۇتقۇچىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. نەيزە دۈمبىسىنى تىشىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردە يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنداق بولدىكى، ئاساھەل يىقىلىپ ئۆلگەن يەرگە ھازىر كېلىدىغان ھەربىر كىشىلەر ئۇ يەردە توختاپ قالىدۇ.
24  شۇنىڭ بىلەن يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنەرنى قوغلاشتى. كۈن پاتقاندا ئۇلار گىبېئوننىڭ چۆلىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا، گىئاھ يېزىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئامماھ ئېدىرلىقىغا يېتىپ كەلدى؛ 25  بىنيامىنلار بولسا ئابنەرنىڭ كەينىدە قوشۇندەك سەپ بولۇپ، بىر دۆڭ تۆپىسىگە چىقىپ تۇردى. 26  ئابنەر يوئابنى چاقىرىپ: قىلىچ دائىم ئادەملەرنى يەپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت ئۆچ-ئاداۋەتتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن قاچانغىچە خەلقلەرگە: «قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلاشتىن توختاڭلار» دەپ بۇيرۇماي تۇرىۋېرىسەن؟
27  يوئاب: خۇدانىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن مۇشۇ سۆزنى قىلمىغان بولساڭ، كۆپچىلىكنىڭ ھېچبىرى قېرىنداشلىرىنى قوغلاشتىن ئەتىگەنگىچىمۇ يانمايتتى ــ دېدى.
28  بۇنىڭ بىلەن يوئاب كاناي چالدى؛ ھەممە يەھۇدالار شۇئان توختىدى ۋە قايتا ئىسرائىلنى قوغلىمىدى، ئۇلار بىلەن قايتا جەڭ قىلىشمىدى. 29  ئابنەر بىلەن ئادەملىرى بولسا كېچىچە مېڭىپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بىترون دېگەن پۈتكۈل يۇرتنى كېزىپ ئۆتۈپ، ماھانايىمغا يېتىپ كەلدى.
30  يوئاب ئابنەرنى قوغلاشتىن يېنىپ بارلىق ئادەملەرنى جەم قىلدى. ئاساھەلدىن باشقا داۋۇتنىڭ غۇلاملىرىدىن ئون توققۇز ئادەم يوق چىقتى؛ 31  لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىنلاردىن ۋە ئابنەرنىڭ ئادەملىرىدىن ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنىدى.
32  ئۇلار ئاساھەلنى ئېلىپ بەيت-لەھەمدە ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى؛ ئاندىن يوئاب بىلەن ئادەملىرى كېچىچە مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھېبرونغا يېتىپ كەلدى.
 
 
2:9 «گەشۇرىيلارغا» ــ ياكى «ئاشۇرلار (ئاسۇرىيەلىكلەر)». «...پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى» ــ مۇشۇ يەردە «پۈتكۈل ئىسرائىل» ئاساسەن ئىسرائىلنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي تەرەپلىرى، يەنى ئون بىر قەبىلىنى كۆرسىتىدۇ. داۋۇت بولسا يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ بولدى. 2:11 2سام. 5‏:5؛ 1پاد. 2‏:11 2:12 «ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىشبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى» ــ مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئەسكەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 2:14 «يىگىتلەر قوپۇپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ ئوينىسۇن» ــ ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ «ئويۇن» ئەمەس، بەلكى مۇسابىقە خاراكتېرىدىكى سوقۇشۇش. ئىككى تەرەپتىن بەلگىلەنگەن ئادەملەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئادىمىنى پۈتۈنلەي ياتقۇزۇۋەتسە، شۇ تەرەپ غەلىبە قىلغان بولۇپ «ئويۇن» ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن بۇ قېتىم بىر تەرەپ ئېنىق غەلىبە قىلمىغان بولغاچقا، «ئويۇن» ئاخىر بېرىپ ئىككى قوشۇننىڭ چوڭ سوقۇشىغا ئايلاندى. 2:16 «قىلىچ بىسلىرىنىڭ ئېتىزى» ــ ياكى «چاقماق تاشلىرى ئېتىزى». ئىبرانىي تىلىدا: «ھەلقۇت-ھاززۇرىم». 2:22 «مەن سېنى نېمە دەپ ئۇرۇپ يىقىتقۇدەكمەن» ــ مۇشۇ يەردە «ئۇرۇپ يىقىتىش» ئۆلتۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ. 2:23 «ئاساھەل ... ئۆلگەن يەرگە ھازىر كېلىدىغان ھەربىر كىشىلەر ئۇ يەردە توختاپ قالىدۇ» ــ دېمەك، ئاساھەلنىڭ ھۆرىمىتى ئۈچۈن توختايدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاساھەل يىقىلىپ ئۆلگەن يەرگە كەلگەن ھەربىر كىشىلەر ئۇ يەردە توختاپ قالدى».