7
نىكاھ مۇناسىۋىتىدىن مىسال
ئى قېرىنداشلار، مەن ھازىر تەۋرات قانۇنىنى بىلگەنلەرگە سۆزلەۋاتىمەن؛ سىلەر قانۇننىڭ پەقەت ھايات ۋاقتىدىلا ئىنسان ئۈستىگە ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟
مەسىلەن، ئېرى بار ئايال، ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلانغان؛ لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆزىنى ئېرىگە باغلىغان نىكاھ قانۇنىدىن ئازاد قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەرگە باغلانسا، زىناخور ئايال دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ نىكاھ قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ؛ شۇ چاغدا باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق تېنى ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. بۇنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ باشقا بىرسىگە، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچىگە باغلىنىشىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا مېۋە بېرىشىڭلاردىن ئىبارەتتۇر.  
چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛ لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا خۇدانىڭ قۇللۇقىدا بولىمىز.
  
 
مۇقەددەس قانۇن ۋە گۇناھ
ئۇنداقتا نېمە دېگۈلۈك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دەرۋەقە، قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بولمىسا، گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. قانۇن «نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېمىگەن بولسا، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم. لېكىن گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدە ھەرخىل نەپسانىيەتچىلىكلەرنى قوزغىدى. تەۋرات قانۇنى بولمىسا، گۇناھمۇ ئۆلۈكتەك جانسىز بولاتتى. بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ھايات ئىدىم، لېكىن قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا، گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى. 10 ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ئەكسىچە ماڭا ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى. 11 چۈنكى گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى بىلەن ھۇجۇم پۇرسىتىنى تېپىپ، مېنى ئازدۇردى ۋە ئەمر ئارقىلىق مېنى ئۆلتۈردى.
12 بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك-مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا-ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر. 13 ئۇنداقتا، ياخشى بولغىنى ماڭا ئۆلۈم بولدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، گۇناھنىڭ قەۋەتلا قەبىھ ئىكەنلىكى ئەمر ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ياخشى ئەمرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گۇناھ مەندە ئۆلۈم پەيدا قىلدى.
 
گۇناھنىڭ دەھشەتلىك كۈچى
14 تەۋرات قانۇنىنىڭ «روھقا تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن.    15 چۈنكى نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن؛ ئەكسىچە، نەپرەتلىنىدىغىنىمنى قىلىمەن. 16 لېكىن ئەگەر ئۆزۈم خالىمىغان ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈم قانۇننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمەن. 17 شۇنداق ئىكەن، بۇ ئىشلارنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە مەۋجۇت بولغان گۇناھ قىلدۇرىدۇ. 18 ئىچىمدە، يەنى مېنىڭ ئەتلىرىمدە ھېچ ياخشىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمەن؛ چۈنكى ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئۇنى قىلالمايمەن. 19 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم خالىغان ياخشىلىقنى قىلماي، ئەكسىچە خالىمىغان يامانلىقنى قىلىمەن. 20 ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ماكان قىلغان گۇناھتۇر.
21 بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ. 22 قەلبىمدە خۇدانىڭ قانۇنىدىن سۆيۈنىمەن؛ 23 بىراق تېنىمدىكى ئەزالىرىمدا باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىكى قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، مېنى تېنىمدىكى ئەزالىرىمدىكى گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئەسىر قىلىدۇ. 24 نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن-ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟ 25 رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن.
 
 
7:2 1كور. 7‏:2،10،39. 7:3 مات. 5‏:32. 7:4 «بۇنىڭ مەقسىتى سىلەرنىڭ باشقا بىرسىگە، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچىگە باغلىنىشىڭلار ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا مېۋە بېرىشىڭلاردىن ئىبارەتتۇر» ــ بىردىنبىر «ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى» مەسىھدۇر، ئەلۋەتتە. «خۇداغا مېۋە بېرىش»نىڭ ھەر تەرەپلىمە مەنىسى بار؛ «نىكاھنىڭ مېۋىسى» ئادەتتە بالىلار بولىدۇ؛ مەسىھكە باغلىنىشنىڭ نەتىجىسى بەلكىم باشقىلارنىڭ بىز ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد باغلاپ ئۇنىڭغا پەرزەنت بولۇشىدىن ئىبارەت بولىدۇ؛ بۇ، شۈبھىسىزكى، روسۇل مۇشۇ يەردە كۆرسەتكەن «مېۋە»نىڭ بىر قىسمى. «گال.» 22:5نىمۇ كۆرۈڭ. 7:4 گال. 2‏:19؛ 1پېت. 4‏:1. 7:5 «چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى» ــ «ئەت» دېگەن سۆزنىڭ مۇشۇ يەردىكى مەنىسى توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ» دېگەن سۆزلەر قانۇننىڭ ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە پەيدا قىلغان تەسىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچ تەرىپى بار: (1) ئىنساننىڭ نۇرغۇن قىلمىشلىرى ئاڭسىز؛ (2) ئىنساننىڭ تەبىئىتى بەك تەتۈر بولۇپ، خۇدا بۇنى قىل دېسە، ئۇ باشقىچە قىلىدۇ؛ (3) (ئەڭ مۇھىمى) نۇرغۇن كىشىلەر شۇ گۇۋاھلىقنى بېرىدۇكى، ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشقانسېرى ئۆز گۇناھلىرى تېخىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ، ھەتتا كۆپىيىپ كېتىدۇ. تۆۋەندىكى 7-25-ئايەتلەردە پاۋلۇس ئۆزىنىڭ بۇ توغرۇلۇق تەجرىبىسىنى بىز ئۈچۈن قىسقىچە بايان قىلىدۇ. 7:6 «لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولدۇق. چۈنكى ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن بولۇپ، قانۇننىڭ دەستۇرىنىڭ كونا يولىدا ئەمەس، بەلكى روھنىڭ يېڭى يولىدا (خۇدانىڭ) قۇللۇقىدا بولىمىز» ــ ئوقۇرمەن «تەۋرات قانۇنى»غا ئەمەل قىلاي دېسە، ئۇنىڭدا 613 ماددىلىق ئەمر-بەلگىلىمىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئۇلارغا ئەمەل قىلىش بىرياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشلا كۆپ ئادەملەرگە قىيىن كېلىشى مۇمكىن. «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. 7:6 رىم. 2‏:29؛ 2كور. 3‏:6. 7:7 مىس. 20‏:17؛ قان. 5‏:21؛ رىم. 3‏:20؛ ئىبر. 7‏:18. 7:8 يـۇھ. 15‏:22؛ رىم. 4‏:15؛ 5‏:20؛ گال. 3‏:19. 7:9 «بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ...» ــ بۇنىڭ مەنىسى بەلكىم: «تەۋرات قانۇنىنىڭ مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان ۋاقتىمدا،....». «قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا...» ــ گرېك تىلىدا «قانۇن ئەمرى ماڭا كەلگەندىلا،....». «....گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆلۈم» شۈبھىسىزكى، روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ. 7:10 «ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ...» ــ مەسىلەن، «قان.» 1:4نى كۆرۈڭ. 7:12 1تىم. 1‏:8. 7:14 «بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن» ــ «ئەتكە تەۋە» ياكى «ئەتتە بولغان» توغرۇلۇق كىرىش سۆزنى كۆرۈڭ. 7:14 يەش. 52‏:3. 7:15 گال. 5‏:17. 7:18 يار. 6‏:3،5؛ 8‏:21. 7:21 «بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقايمەنكى، ياخشىلىقنى قىلماقچى بولغىنىمدا، يامانلىق ھامان ئىچىمدە ماڭا ھەمراھ بولىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «قانۇنىيەت» ۋە «قانۇن» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 7:22 ئ‍ەف. 3‏:16. 7:23 گال. 5‏:17. 7:25 «رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن!» ــ دېمەك، ئۇ ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان؛ باشقىچە ئېيتقاندا، «رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئادەمنى قۇتقۇزىدىغان خۇداغا تەشەككۈر!». «شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن» ــ تۆۋەندىكى 8-باب، 8-، 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.