3
ئۇنداقتا، يەھۇدىي بولغاننىڭ يەھۇدىي ئەمەستىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار؟ خەتنىلىك بولغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان. ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟   ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! خۇدا راستچىل ھېسابلىنىپ، ھەممە ئادەم يالغانچى ھېسابلانسۇن! خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ھەققىدە يېزىلغىنىدەك: ــ
«سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن،
شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن».  
لېكىن بىزنىڭ ھەققانىيسىزلىقىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ ھەققانىيسىزلىق ئۈستىگە غەزەپ تۆكىدىغان خۇدانى ھەققانىي ئەمەس دەيمىزمۇ (مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن)؟ مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر ئۇنداق بولسا، خۇدا ئالەمنى قانداق سوراققا تارتىدۇ؟
بەزىلەر يەنە: «مېنىڭ يالغانچىلقىمدىن خۇدانىڭ ھەقىقەتلىكى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنسا، شۇنداقلا ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ يورۇتۇلسا، ئەمدى مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» دېيىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولغاندا نېمىشقا (بەزىلەر بىزگە تۆھمەت چاپلىماقچى بولۇپ، گەپلىرىمىزنى بۇرىۋەتكەندەك) «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىپ قالار» ــ دېيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشى ھەقلىقتۇر!
 
ھەققانىي ئادەم يوقتۇر
ئەمدى نېمە دېيىش كېرەك؟ بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ھەرگىز! چۈنكى بىز يۇقۇرىدا يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق.  
10 دەرۋەقە، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ
«ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر،
11 يورۇتۇلغان كىشى يوقتۇر،
خۇدانى ئىزدىگىنىمۇ يوقتۇر.
12 ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى،
ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى.
مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر.  
13 ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر،
تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛
كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛    14 ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان.  
15 «پۇتلىرى قان توكۈشكە ئالدىرايدۇ؛
16 بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر.
17 تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس».  
18 «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر».  
19 تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن، دېگەنلىكتۇر. 20 شۇڭا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي ھېسابلانمايدۇ؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئىنسان ئۆز گۇناھىنى تونۇپ يېتىدۇ.
 
خۇدانىڭ ئىنساننى ھەققانىي قىلىشى
21 بىراق، ھازىر قانۇن يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بىرخىل ھەققانىيلىق ئاشكارىلاندى! بۇ خىل ھەققانىيلىققا قانۇننىڭ ئۆزى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەندۇر؛ 22 يەنى، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىگە ھەم ئۈستىگە يەتكۈزىدىغان ھەققانىيلىقىدۇر! بۇ ئىشتا ئايرىمچىلىق يوقتۇر 23 (چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى) 24 چۈنكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بەدەلسىز ھەققانىي قىلىنىدۇ.  
25 خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن قۇربانلىق ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.    26 بۇنىڭغا ئوخشاش بۇ قۇربانلىق ئارقىلىق ئۇ ھازىرقى زاماندا بولغان ھەققانىيلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى.
27 ئۇنداق بولسا، ئىنساننىڭ نېمە ماختانغۇچىلىكى بار؟ ماختىنىش يوق قىلىندى!
ــ نېمە پرىنسىپقا ئاساسەن؟ قانۇنغا ئىنتىلىش پرىنسىپى بىلەنمۇ؟
ــ ياق! «ئېتىقاد» پرىنسىپى بىلەن!
28 چۈنكى «ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ» دەپ ھېسابلايمىز!    29 ئەجەبا، خۇدا پەقەتلا يەھۇدىيلارنىڭلا خۇداسىمۇ؟ ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسى ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، ئۇ ئەللەرنىڭمۇ خۇداسىدۇر. 30 خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ. 31 ئەمدى ئېتىقاد پرىنسىپى بىلەن تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلىۋېتىمىزمۇ؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.
 
 
3:2 زەب. 147‏:19؛ رىم. 9‏:4. 3:3 «ئەمدى گەرچە ئۇلاردىن بەزىلىرى ئىشەنچسىز چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىزلىكى خۇدانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى يوققا چىقىرىۋېتەرمۇ؟» ــ پاۋلۇس بەلكىم خۇدانىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ئەھدە-ۋەدىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلغاندىن كېيىن، بەزى يەھۇدىيلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ خەلقى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بۇ قىلمىشلىرى خۇدانىڭ ۋەدىسىنى يوققا چىقىرىۋېتەمدۇ؟ 3:3 چۆل. 23‏:19؛ رىم. 9‏:6؛ 2تىم. 2‏:13. 3:4 «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل دەپ ئىسپاتلانغايسەن، شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن» ــ «زەب.» 4:51. «شىكايەتكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھۆكۈم چىقارغىنىڭدا غەلىبە قىلغايسەن». زەبۇردىكى بۇ كۈيدە داۋۇت پەيغەمبەر ئېغىر گۇناھىنى خۇدا ۋە خەلق ئالدىدا ئىقرار قىلىدۇ؛ ئۇ بۇ سۆزلەرنى، خۇدا مېنى جازالىغاندا، خەلق بېشىمغا چۈشىدىغان كۈلپەتنىڭ خۇدادىن ئادىل جازاسىنى بىلسۇن دەپ ئېيتىدۇ. گۇناھىنى ئوچۇق ئىقرار قىلمىغان بولسا بەلكىم خەلق: «نېمىشقا سۆيۈملۈك داۋۇت پادىشاھىمىز كۈلپەتكە ئۇچرىغاندۇ، خۇدا ئۇنىڭغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانمىدۇ؟» دېيىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ دېگىنى پاۋلۇسنىڭ دېگىنىگە ئوپمۇ-ئوخشاش؛ خۇدا ھەقتۇر ھەم ئالەم ئالدىدا ئۇنىڭ ھەقلىقى ئىسپاتلانسۇن؛ ئۇنىڭ ھەر ئىشتىكى دۇرۇسلۇقى ئىسپاتلانسۇن (ۋە ئىسپاتلىنىدۇ!)، خاتالىق ياكى يالغانچىلىقنىڭ بولسا بىزدىلا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسۇن (ۋە ئىسپاتلىنىدۇ!). 3:4 زەب. 51‏:4؛ 116‏:11؛ يـۇھ. 3‏:33. 3:5 «مەن ئىنسانچە سۆزلەيمەن!» ــ دېمەك، پەقەت ئىساننىڭ كۆز-قارىشى بويىچە سۆزلەيمەن. بۇ ئىبارىدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ھەرقانداق ئادەم توۋا قىلمىسا، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرى تۇمانلىشىپ كېتىدۇ، ئۆزى ئېلىشىپ قالىدۇ. 3:7 «مېنىڭ يالغانچىلىقىم ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتى تېخىمۇ ئوچۇق قىلىنىدۇ...» ــ خۇدا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ بەزىلىرى ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقى، ھەتتا مەسىلەن ئۆز مەسىھىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ بېشارەت بەرگەنىدى. شۇڭا «مېنىڭ يالغانچىلىقىم» خۇدانىڭ توغرا ئېيتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 3:9 «يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئەيىبلىدۇق» ــ «گرېكلار» مۇشۇ يەردە بارلىق «يەھۇدىي ئەمەسلەر»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 3:9 گال. 3‏:22. 3:10 زەب. 14‏:3؛ 53‏:3 3:12 «ھەققانىي ئادەم يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر، ... ھەممە ئادەم يولدىن چەتنىدى، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى. مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر» ــ (10-13-ئايەت) «زەب.» 1:14-3 (يەنە 1:53-3)؛ «توپ.» 20:7. 3:12 زەب. 14‏:1-3؛ 53‏:1-3؛ توپ. 7‏:20 3:13 «ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ» ــ «زەب.» 9:5 ۋە 3:140. 3:13 زەب. 5‏:9؛ 140‏:4. 3:14 «ئۇلارنىڭ زۇۋانى قارغاش ھەم زەردىگە تولغان» ــ «زەب.» 7:10. 3:14 زەب. 10‏:7 3:15 پەند. 1‏:16؛ يەش. 59‏:7. 3:17 «پۇتلىرى قان توكۈشكە ئالدىرايدۇ؛ بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئەلىك ئىشلار باردۇر. تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر» ــ (15-17-ئايەت) «يەش.» 7:59-8. 3:17 يەش. 59‏:7،8 3:18 «ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر» ــ «زەب.» 1:36. 3:18 زەب. 36‏:1 3:19 «تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلار» ــ يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. «تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن» ــ «تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەر» مۇشۇ يەردە بەلكىم يۇقۇرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن، بارلىق ئىنساننىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان (تەۋراتتىكى) ئايەتلەرنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. 3:20 رىم. 7‏:7؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:18. 3:21 رىم. 1‏:17؛ فىل. 3‏:9. 3:22 «مەسىھنىڭ ئىشەنچ-ساداقەتلىكى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلار...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئىتىقادى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلار...». گرېك تىلىدا «ئىشەنچ، ئېتىقاد» ۋە «ساداقەتلىك، ئىشەنچلىك» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 3:23 «چۈنكى بارلىق ئىنسانلار گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە يېتەلمەي، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولدى» ــ بۇنىڭ ئىككى تەرىپى بار؛ (1) خۇدا ئەسلىدە ئادەمنى «ئۆز سۈرىتى بويىچە»، يەنى «ئۆز شان-شەرىپى بولۇشى ئۈچۈن» ياراتقانىدى. گۇناھ سادىر قىلغىنىدا ئىنسان بۇ شان-شەرەپكە يېتەلمىدى، شۇڭلاشقا خۇداغا ۋەكىل بولۇشتىكى ئىمتىيازدىن مەھرۇم بولدى. (2) گۇناھى تۈپەيلىدىن ئىنسان خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرەلمەيدىغان بولدى. 3:24 «مەسىھ ئەيسادا بولغان نىجات-ھۆرلۈك ئارقىلىق...» ــ ياكى «مەسىھ ئەيسانىڭ گۇناھتىن ھۆر قىلىش خىزمىتى ئارقىلىق...». 3:24 يەش. 53‏:5. 3:25 «گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى» ــ گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «كافارەت» توغرۇلۇق «مىس.» 33:29 ۋە ئىزاھاتى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «خۇدا ئۇنى گۇناھلارنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت قۇربانلىقى سۈپىتىدە تەيىنلىدى؛ (ئىنسانلارنىڭ) ئۇنىڭ (قۇربانلىق) قېنىغا ئىشەنچ باغلىشى بىلەن (قۇربانلىق) ئىناۋەتلىكتۇر. خۇدا بۇ ئارقىلىق بۇرۇنقى زاماندىكىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، جازالىماي ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى» ــ بۇ تولۇق ئايەت ئىنتايىن مۇھىم. خۇدا بۇرۇنقى زاماندىكى توۋا قىلغان ئېتىقادچى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى جازالىماي كەچۈرۈم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەسىھنىڭ كەلگۈسى زاماندا قۇربانلىق بولۇپ، شۇ گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئاساسلانغانىدى، شۇڭلاشقا پۈتۈنلەي ئادىللىق ئىدى. «گۇناھلارغا ... ئۆتكۈزۈۋېتىش» دېگەن ئىبارە بەلكىم بۇرۇنقى دەۋردىكى بارلىق گۇناھلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بىراق خۇدا بۇ گۇناھلارنى جازالىماي ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولسىمۇ، خەقلەر توۋا قىلمىسا بەرىبىر ئاخىر بېرىپ ئۆزلىرى جازالىرىنى تارتىدۇ. ھازىرقى زاماندىمۇ شۇنداق. 3:25 مىس. 25‏:17؛ 2كور. 5‏:19؛ كول. 1‏:20؛ ئىبر. 4‏:16؛ 1يۇھ. 4‏:10. 3:26 «شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھەم ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ھەم ئەيسانىڭ ئېتىقادىدا بولغۇچىنى ھەققانىي قىلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ نامايان قىلدى» ــ مەسىھ ئەيسا ھەر زاماندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممە گۇناھىنىڭ تېگىشلىك جازاسى (خۇدانىڭ گۇناھ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان غەزىپى)نى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن خۇدا تولىمۇ ھەققانىيلىق بىلەن توۋا قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلىپ ئۇلارنى ھەققانىي قىلغۇچى بولىدۇ. 3:28 «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس...» ــ مۇ ئىبارە گرېك تىلىدا ئىنتايىن قىسقارتىلىپ: «قانۇندىكى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس...» ياكى «قانۇنغا قارىتىلغان ئەمەللەر بىلەن ئەمەس...» ياكى «قانۇندىن چىققان ئەمەللەر بىلەن ئەمەس...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە «رىم.» 28:3، «گال.» 16:2، 2:3، 5، 10دىمۇ تېپىلىدۇ. ئىنساننىڭ بارلىق «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى» ئۆزىنىڭ گۇناھقا پاتقان بىر گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس. 3:28 روس. 13‏:38؛ رىم. 8‏:3؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:25. 3:30 «خۇدا بولسا بىردۇر، ئۇ خەتنە قىلىنغانلارنى ئېتىقاد بىلەن ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلارنىمۇ ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى «خەتنە قىلىنغانلار» يەھۇدىيلارنى، «خەتنە قىلىنمىغانلار» بارلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنى بىلدۈرىدۇ.