10
قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس.   چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا بويسۇنمىدى. چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى.  
چۈنكى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشتىن كەلگەن ھەققانىيلىق ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان؛ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ».  
لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ «كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟») ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن».



  
ئەمدى شۇ ھەققانىيلىق نېمە دەيدۇ؟ ــ «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!» ــ بۇ سۆز-كالام دەل بىز جاكارلايدىغان ئېتىقادنىڭ سۆزىدۇر.   دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»! 10 چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ. 11 مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس».    12 چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ.    13 چۈنكى: «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ».  
14 لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ 15 شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!».
  
16 بىراق، خۇددى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس.    17 شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ.
18 لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى: ــ «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا،
سۆزلىرى يەر يۈزىنىڭ قەرلىرىگە يەتتى».  
19 يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار شۇ خەۋەردىن ۋاقىپ بولمىغانمىدۇ؟ ئالدى بىلەن، مۇسا ئىسرائىلغا مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ
««ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەردە ھەسەت قوزغايمەن،
نادان بىر خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن».  
20 كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئىنتايىن يۈرەكلىك ھالدا شۇ بېشارەتنى بېرىپ: ــ
«ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم،
مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈم كۆرۈندۈم» ــ دېدى.  
21 لېكىن، ئۇ ئىسرائىللار ھەققىدە: ــ
«مەن كۈن بويى بۇ ئىتائەتسىز ۋە تەرسا خەلققە قوللىرىمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم!» ــ دەيدۇ.  
 
 
10:2 «ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس» ــ «ھەقىقىي بىلىمگە ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس»: يەھۇدىيلارنىڭ كۆپ دىنىي مەزھەپىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىش تەۋرات قانۇنى ئۈستىدىكى «بىلىم» ۋە «بىلىم ئاشۇرۇش» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزى ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلارغا بەك ئېغىر كېلىشى مۇمكىن ئىدى. 10:2 روس. 22‏:3؛ رىم. 9‏:31؛ گال. 4‏:17. 10:4 «تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر» ــ گرېك تىلىدا «نىشان-مەقسەت» دېگەننىڭ «خاتىمە» دېگەن يەنە بىر مەنىسىمۇ بار. دېمەك، ئايەتنىڭ مەنىسى: (1) خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىدا بولغان مەقسىتى ئىنسانغا ئۆز گۇناھىنى تونۇتۇپ، مەسىھنىڭ قۇتقۇزۇشىغا موھتاج بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى؛ شۇڭا خۇدا قانۇننى بەرگەن ۋاقتىدا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۆزلىگەنىدى؛ (2) مەسىھ ئۆزى تەۋرات قانۇنىنى مۇكەممەل ئەمەلگە ئاشۇردى، جۈملىدىن تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا بېشارەت بەرگەن گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىقنى قىلدى؛ (3) مەسىھ تەۋرات قانۇنىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېچ تەلىپى قالمىدى (4:7نى كۆرۈڭ). مەزكۇر ئايەت بۇ مەنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 10:4 مات. 5‏:17؛ روس. 13‏:38؛ 2كور. 3‏:13؛ گال. 3‏:24. 10:5 «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ» ــ «لاۋ.» 5:18 ۋە يەنە «قان.» 1:4، 24:6. 10:5 لاۋ. 18‏:5؛ ئ‍ەز. 20‏:11؛ گال. 3‏:12. 10:6 قان. 30‏:12. 10:7 «لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟») ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن» ــ (6-7-ئايەت) نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىككى ئايەت: ــ «قان.» 12:30-13. بۇ سىرلىق گەپلەرنىڭ ئاجايىب مەنىلىرى بەلكىم مۇنداق: (1) «كىممۇ ئاسمانغا چىقار؟» ــ «كىممۇ خۇدانىڭ ئاسمان پەلەكتەك يۇقىرى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىقىغا يېتەلىسۇن؟» دېگەنلىكتۇر. لېكىن ئەگەر بىرسى: «ھەققانىيلىقىم مۇكەممەل، «ئاسمانغا چىققاندەكمەن»» دېگەن بولسا، بۇ دېگىنى «مەن مەسىھكە ئوخشاش ھەققانىي» دېگەنگە باراۋەر بولۇپ، خۇدانىڭ مەسىھتە كۆرسەتكەن مۇكەممەل ھەققانىيلىقىغا ئاھانەت قىلغان بولىدۇ. بۇنداق دېيىشى بەرىبىر مەسىھنى ئۆزىنىڭ پەسكەش «ھەققانىيلىقى»نىڭ دەرجىسىگە چۈشۈرۈپ، «مەسىھنى ئاسماندىن چۈشۈرمەكچى» بولغىنى. (2) «كىممۇ ھاڭنىڭ تېگىگە چۈشەر؟» دېيىشى، بىر كىشى ئۆز گۇناھىنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەكچى بولۇپ دوزاختا بىر مەزگىل تۇرسام ئاندىن گۇناھىمدىن خالاس بولىمەن» دېمەكچى بولغىنى؛ بۇ، مەسىھنىڭ ئۆلۈمىدە گۇناھىمىز ئۈچۈن جازا تارتىپ بەدەل تۆلىشىنىڭ ماڭا (شۇنداقلا ھېچكىمگە) كېرىكى يوق؛ مۇشۇنداق دېگەن كىشى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار» دېگەن بولىدۇ، يەنى «مەسىھنى ئۆلۈم يولىدىن قايتۇرۇش كېرەك، ئۇنىڭ ئۆلۈشى كېرەكسىز، ئەخمىقانە ئىشتۇر» دېگۈچى بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ھېچكىم ئۆزىگە تايىنىپ خۇدانىڭ مۇكەممەل ھەققانىيلىقىغا يېتەلمەيدۇ؛ ھېچكىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆزى بەدەل تولىيەلمەيدۇ. 10:7 قان. 30‏:13 10:8 «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!» ــ «قان.» 14:30. 10:8 قان. 30‏:12-14. 10:11 «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس» ــ «يەش.» 16:28. 10:11 يەش. 28‏:16؛ رىم. 9‏:33. 10:12 «چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق» ــ دېمەك، «بۇ جەھەتتە (مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشىشتە) يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ پەرقى يوق». 10:12 روس. 15‏:9؛ رىم. 3‏:22. 10:13 «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ» ــ «يو.» 32:2. 10:13 يو. 2‏:32؛ روس. 2‏:21. 10:15 «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!» ــ «يەش.» 7:52، «ناھ.» 15:1. مەنىسى بەلكىم «خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنلەر كەلگەندەك ۋاقتىدا كەلگەن!» دېگەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى كونا كۆچۈرمە يازمىلاردا «بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى...» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ. 10:15 يەش. 52‏:7؛ ناھ. 2‏:1. 10:16 «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» ــ «يەش.» 1:53. 10:16 يەش. 53‏:1؛ يـۇھ. 12‏:38. 10:17 «...ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمە يازمىلار: «... ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر خۇدانىڭ سۆزىدە ئاڭلىتىلىدۇ» دېيىلىدۇ. 10:18 «لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى...» ــ بەزى ئالىملار مۇشۇ يەردىكى «ئۇلار»نى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن كېيىنكى ئايەت ئالاھىدە ئىسرائىللارنىڭ «ئاڭلىشى» توغرۇلۇق بولغاچقا، «ئۇلار»نى دۇنيادىكى بارلىق ئادەملەر، يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ كۆرسەتسە كېرەك، دەپ قارايمىز. بۇ ئايەتنى شۇنداق چۈشىنىمىزكى، «ھەممە ئادەم ئاڭلىغان؛ شۇڭا، يەھۇدىي خەلقىمۇ چوقۇم ئاڭلىغان». «ۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا، سۆزلىرى يەر يۈزىنىڭ قەرلىرىگە يەتتى» ــ «زەب.» 4:19. زەبۇردىكى بۇ سۆزلەر ئەسلى ئاسماندىكى نۇرلۇق جىسىملار خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بارلىق ئالەمگە ئىپادىلىگەنلىكى توغرۇلۇق ئىدى. روسۇل پاۋلۇس بۇ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىنجىلدىكى خۇش خەۋەر دۇنيادىكى ھەر يەرلەرگە يورۇتۇلۇپ تارقىتىلماقتا، دېمەكچى. 10:18 زەب. 19‏:4 10:19 ««ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەردە ھەسەت قوزغايمەن، نادان بىر خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن» ــ «قان.» 21:32. دېمەك، باشقا ئەللەر ئاڭلىغان، قوبۇل قىلغان يەردە، ئىسرائىل چوقۇم چۈشەنگەن. ئىسرائىللار ئەسلى «نادان، بىلىمسىز، خۇداسىز» دەپ ھېسابلىغان يەھۇدىي بولمىغان ھەرقايسى يات مىللەتتىن بولغان ئىشەنگۈچى كىشىلەرنىڭ خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەچكە «خۇدانىڭ يېڭى خەلقى» بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەختىنى كۆرۈپ ھەسەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارغا غەزەپلىنىدۇ. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ «ھېچ خەلق ئەمەس» دېگەن سۆزى كەلگۈسى زاماندا ھاسىل قىلىنىدىغان مەسىھنىڭ جامائىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەرقايسى مىللەتلەردىن كەلگەچكە، بىرىنچىدىن ئۇلار «بىر خەلق» ياكى «بىر ئەل» بولالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەھۇدىيلار كۆپ بولمايدۇ. ئۇلار ھەرخىل كىشىلەردىن تەركىب تاپقاچقا، يەھۇدىيلار ئۇلارنى «بىر خەلق» ياكى «بىر ئەل» ھېسابلىمايدۇ ھەم «ھېچ خەلق ئەمەسلەر» دەپ قارايدۇ. 10:19 قان. 32‏:21. 10:20 «ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم، مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈم كۆرۈندۈم» ــ «يەش.» 1:65 10:20 يەش. 65‏:1. 10:21 «مەن كۈن بويى بۇ ئىتائەتسىز ۋە تەرسا خەلققە قوللىرىمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم!» ــ «يەش.»، 2:65. 10:21 يەش. 65‏:2.