7
ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىل،
تاپشۇرۇقلىرىمنى يۈرىكىڭدە ساقلا.
تاپشۇرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، ياشنايسەن؛
تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسرا.
ئۇلارنى بارماقلىرىڭغا تېڭىپ قوي،
قەلب تاختاڭغا يېزىۋال.
دانالىقنى، سەن ھەدە-سىڭلىم، دېگىن،
پەم-پاراسەتنى «تۇغقىنىم» دەپ چاقىر.
شۇنداق قىلساڭ، ئۇلار سېنى يات خوتۇندىن يىراقلاشتۇرىدۇ،
ئاغزىدىن سىلىق سۆز چىقىدىغان يوچۇن ئايالدىن نېرى قىلىدۇ.
 
بۇزۇق خوتۇن
بىر قېتىم ئۆينىڭ دېرىزە كۆزنەكلىرىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا،
بىرنەچچە ياش، ساددا يىگىتلەرنى كۆردۈم،
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئەقىلسىزنى كۆرۈپ قالدىم،
ئۇ كوچا بويلاپ بۇزۇق خوتۇن تۇرۇشلۇق دوقمۇشتىن ئۆتۈپ،
ئاندىن ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە،
زۇلمەت كېچە، ئاي قاراڭغۇسىدا ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتتى.
10 مانا، ئۆيدىن بىر خوتۇن چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى؛
كىيىمى پاھىشە ئاياللارنىڭكىدەك بولۇپ،
نىيىتى ھىيلە-مىكىر ئىدى.
11 ئاغزى بىشەم-ھاياسىز، ناھايىتى جاھىل بىر خوتۇن،
ئۇ ئۆيىدە تۇرمايدۇ،
12 بىردە مەھەللىدە، بىردە مەيدانلاردا،
ئۇ كوچىلاردىكى ھەر دوقمۇشتا پايلاپ يۈرىدۇ.
13 ھېلىقى ياش يىگىتنى تارتىپ، ئۇنى سۆيۈپ،
نومۇسسىزلارچە ئۇنىڭغا: ــ
14 «ئۆيۈمدە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» گۆشى بار،
مەن بۈگۈن خۇداغا قەسەم قىلغان قۇربانلىقنى قىلدىم،
15 شۇڭا مەن سىزنى چاقىرغىلى چىقتىم،
دىدارىڭىزغا تەلپۈنۈپ ئىزدىدىم.
ئەمدى سىزنى تېپىۋالدىم!
16 كارۋىتىمغا مىسىرنىڭ كەشتىلىك، يوللۇق لىباس ياپقۇچلىرىنى ياپتىم.
17 ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە خۇش پۇراق مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە قوۋزاق دارچىنلارنى چاچتىم.
18 كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە مۇھەببەتلىشەيلى، ئويناپ ھۇزۇرلىنايلى،
كۆڭلىمىز قانغۇچە ئۆزئارا ئەيش-ئىشرەت قىلايلى،
19 ئېرىم ئۆيدە يوق، يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتتى.
20 ئۇ بىر ھەميان پۇل ئېلىپ كەتتى،
ئاي تولغۇچە ئۇ ئۆيگە كەلمەيدۇ» ــ دېدى.
21 ئايال كۆپ شېرىن سۆزلىرى بىلەن راسا قىزىقتۇردى،
چىرايلىق گەپلىرى بىلەن ئۇنى ئەسىر قىلىۋالدى.
22‏-23 سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك،
ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك،
قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك،
يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە،
ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.
 
24 ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار،
دېگەنلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار،
25 قەلبىڭلارنى بۇنداق خوتۇننىڭ يولىغا كەتكۈزمەڭلار،
ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار.
26 بۇنداق ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنى يىقىتىپ يارىلاندۇرغان،
ئۇنىڭ بوغۇزلىغان ئادەملىرى تولىمۇ كۆپتۇر،
27 ئۇنىڭ ئۆيى بولسا تەھتىسارانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر،
ئادەمنى «ھالاكەت مېھمانخانىسى»غا چۈشۈرۈش يولىدۇر.  
 
 
7:2 لاۋ. 18‏:5؛ پەند. 4‏:4 7:3 قان. 6‏:8؛ 11‏:18 7:5 پەند. 5‏:3 7:11 پەند. 9‏:13 7:14 «ئىناقلىق قۇربانلىقى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان مۇقەددەس قانۇن بېكىتكەن بىر خىل قۇربانلىق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى؛ (1) خۇدا بىلەن بولغان ئىناقلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن؛ (2) خۇداغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن؛ (3) خۇداغا دۇئا بىلەن قىلغان قەسىمىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن. قۇربانلىققا كالا، قوي ياكى ئۆچكىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل قۇربانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى، قۇربانلىق سۇنغۇچى كىشى ئۇنى قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن، گۆشىدىن ئېلىپ يېيەلەيدۇ. مۇشۇ يەردە بۇ ئايال: «مەن خۇدا ئالدىدا پاك» دېمەكچى بولىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ساختىپەزلىك، ئەلۋەتتە. 7:17 كۈي. 4‏:14. 7:21 پەند. 1‏:17 7:27 «تەھتىسارا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېئول»، ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر. 7:27 پەند. 2‏:18؛ 5‏:5