5
بۇزۇقچىلىق-پاھىشىۋازلىقنىڭ ئاقىۋىتى بالايىئاپەتتۇر، سادىقلىقنىڭ نەتىجىسى بەخت-سائادەتتۇر
ئى ئوغلۇم، دانالىقىمغا كۆڭۈل قويغىن،
ئىدراكلىك سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن.
شۇنداق قىلغىنىڭدا ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان بولىسەن،
لەۋلىرىڭ پەم-پاراسەتتىن ئايرىلمايدۇ.
چۈنكى بۇزۇق خوتۇننىڭ ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ،
لەۋلىرى زەيتۇن يېغىدىن سىلىقتۇر؛
لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كەكرىدەك ئاچچىق،
ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر.
ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ،
تۇتقان يولى گۆرگە باشلايدۇ.  
ھاياتلىق يولىنى قىلچە بىلگۈم يوق دەپ،
باسقان قەدەملىرى تۇراقسىز بولىدۇ،
نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.
شۇڭا، ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار،
مېنىڭ دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار.
ئۇنداق خوتۇندىن يىراق قاچ!
ئىشىكى ئالدىغىمۇ يېقىن يولىما!
بولمىسا، ئىززەت-ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن،
ياشلىق يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن!
10 يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ،
جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛
11 ئەجىلىڭدە نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە،
ئەزايى-بەدىنىڭ يەم بولغاندا،
12 شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن!
كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن!
13 نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟
ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟
14 جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن.
 
15 ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن،
ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان.
16 بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە بولامدۇ؟
ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟
17 بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن،
يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن!
18 بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي!
ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان.
19 ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك!
ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن،
ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن.
20 ئى ئوغلۇم، نېمىشقا يات ئايالغا شەيدا بولىسەن؟
نېمىشقا يات خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن؟
21 چۈنكى ئىنساننىڭ ھەممە قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر،
ئۇ ئۇنىڭ ھەممە ماڭغان يوللىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرىدۇ.
22 يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ،
ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ.
23 ئۇ يوليورۇقتىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ،
چېكىدىن ئاشقان ھاماقەتلىكى تۈپەيلىدىن يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ.
 
 
5:3 پەند. 2‏:16؛ 6‏:24 5:5 «گۆر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېئول»، يەنى «تەھتىسارا» دېيىلىدۇ، ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر. 5:5 پەند. 7‏:27 5:9 پەند. 6‏:34،35 5:14 «ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ ياكى «پۈتۈنلەي زاۋاللىققا چۈشكەندەكمەن!». 5:15 «ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇ...، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان» ــ شۈبھىسىزكى، ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. 5:17 «بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە بولامدۇ؟ ... بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن!» ــ 16-17-ئايەتلەر شۈبھىسىزكى، كۆچمە مەنىدە. بىزنىڭچە كۆچمە مەنىسى: «ئىشقى مۇھەببەتلىرىڭنى يات ئايالغا بەرمە، پەقەت ئۆز جوراڭغىلا بېغىشلا؛ بولمىسا ئىنتايىن نومۇس ئىش بولىدۇ، رەستە-كوچىلاردا رەسۋا بولىسەن» دېگەندەك بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار مۇشۇ ئايەتتىكى «سۇلار» بالىلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراپ، مۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ: ــ «بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسۇن، ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسۇن (دېمەك، «پەرزەنتلىرىڭ ئۇرغۇغان بۇلاقلاردەك ھەر يەرگە تارقالسۇن!»)؛ پەقەتلا ساڭىلا خاس بولسۇن، يات ئايالدىن بولغان بولمىسۇن!». 5:18 «بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي!» ــ «بۇلىقىڭ» مۇشۇ ئايەتتە «ئۆز ئايالىڭ»نى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ. 5:19 «ئۇنىڭ باغرىدىن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئەمچەكلىرىدىن...». 5:21 2تار. 16‏:9؛ ئايۇپ 31‏:4؛ 34‏:21؛ پەند. 15‏:3؛ يەر. 16‏:17؛ 32‏:19