14
ھەربىر دانا ئايال ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار؛
ئەخمەق ئايال ئائىلىسىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلار.
دۇرۇسلۇق يولىدا ماڭىدىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن قورقار؛
قىڭغىر يولدا ماڭغان كىشى خۇدانى كۆزگە ئىلماس.
ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى ئۆزىگە تاياق بولار؛
ئاقىلانىنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى قوغدار.
ئۇلاغ بولمىسا، ئېغىل پاك-پاكىز تۇرار؛
بىراق ئۆكۈزنىڭ كۈچى بولغاندىلا ساڭغا ئاشلىق تولار.
ئىشەنچلىك گۇۋاھچى يالغان ئېيتماس؛
ساختا گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.
ھاكاۋۇرلار دانالىق ئىزدەپ تاپالماس؛
بىراق يورۇتۇلغان ئادەمگە بىلىم ئېلىش ئاسانغا چۈشەر.
بىراۋنىڭ ئاغزىدا بىلىم يوقلۇقىنى بىلىپ يەتكەندە،
ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت.
ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلىنىشتىدۇر؛
ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىدۇر.
ئەخمەقلەر بولسا «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى كۆزگە ئىلمايدۇ،
ھەققانىيلار ئارىسىدا بولسا ئىلتىپات تېپىلار.
10 كۆڭۈلدىكى دەردنى پەقەت ئۆزىلا كۆتۈرەلەر؛
كۆڭۈلدىكى خۇشلۇققىمۇ باشقىلار شېرىك بولالماس.
11 ياماننىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشەر؛
ھەققانىي ئادەمنىڭ چېدىرى گۈللىنىپ كېتەر.
12 ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار،
لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر.
13 ئويۇن-كۈلكە بولسا قەلبتىكى غەم-قايغۇنى ياپار،
خۇشاللىق ئۆتۈپ كەتكەندە، غەم-قايغۇ يەنىلا قالار.
14 توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ يانغان ئادەم ھامان ئۆز يولىدىن تويار؛
ياخشى ئادەم ئۆز ئىشىدىن قانائەتلىنەر.
15 ساددىلار ھەممە گەپكە ئىشىنىپ كېتەر؛
لېكىن پەم-پاراسەتلىك كىشى ھەربىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسار.
16 دانا ئادەم ئېھتىياتچان بولۇپ ئاۋارىچىلىكتىن نېرى كېتەر؛
ئەخمەق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالدىغا ماڭار.
17 تېرىككەك ئەخمەقلىق قىلار؛
نەيرەڭۋاز ئادەم نەپرەتكە ئۇچرار.
18 ساددىلار ئەخمەقلىققا ۋارىسلىق قىلار؛
پەم-پاراسەتلىكلەر بىلىمنى ئۆز تاجى قىلار.
19 يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلەر؛
قەبىھلەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا باش ئۇرار.
20 نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر.
باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر.
21 يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛
لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار.
22 يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟
بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم-شەپقەت، ھەقىقەت-سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار.
23 ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛
بىراق قۇرۇق پاراڭلار ئادەمنى موھتاجلىقتا قالدۇرار.
24 ئاقىلانىلەر ئۈچۈن بايلىقلار بىر تاجدۇر؛
ئەخمەقلەرنىڭ نادانلىقىدىن پەقەت يەنە شۇ نادانلىقلا چىقار.
25 ھەققانىي گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزار؛
يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.
26 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغاننىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار،
ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار.
27 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر؛
ئۇ كىشىنى ئەجەللىك تۇزاقلاردىن قۇتقۇزار.  
28 پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپلىكىدىندۇر؛
پۇقراسىنىڭ كەملىكى ئەمىرنىڭ ھالاكىتىدۇر.
29 ئېغىر-بېسىق كىشى ئىنتايىن ئاقىل كىشىدۇر؛
چېچىلغاق ئەخمەقلىقنى ئۇلۇغلار.
30 خاتىرجەم كۆڭۈل تەننىڭ ساقلىقىدۇر؛
ھەسرەت چېكىش بولسا سۆڭەكلەرنى چىرىتار.
31 مىسكىننى بوزەك قىلغۇچى ــ پەرۋەردىگارغا ھاقارەت قىلغۇچىدۇر؛
ھاجەتمەنلەرگە شاپائەت قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر.
32 يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛
ھەققانىي ئادەم ھەتتا سەكراتتا ياتقاندىمۇ خاتىرجەم بولار.
33 يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆڭلىدە دانالىق ياتار؛
بىراق ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىكىسى ئاشكارا بولماي قالماس.
34 ھەققانىيەت ھەرقايسى ئەلنى يۇقىرى كۆتۈرەر؛
گۇناھ ھەرقانداق مىللەتنى نومۇسقا قالدۇرار.
35 پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ئەقىللىق خىزمەتكارنىڭ بېشىغا چۈشەر؛
بىراق ئۇنىڭ غەزىپى نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكارىنىڭ بېشىغا چۈشەر.
 
 
14:1 «...ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «...ئۆز ئائىلىسىنى قۇرار». 14:2 ئايۇپ 12‏:4 14:4 «ئۇلاغ بولمىسا، ئېغىل پاك-پاكىز تۇرار...» ــ ئېغىلنىڭ سېسىقلىقى تۈپەيلىدىن ئېغىلدىكى ئۇلاغلارنى چىقىرىۋېتىش تولىمۇ ئەخمەقانىلىك، ئەلۋەتتە. 14:5 مىس. 23‏:1؛ پەند. 12‏:17 14:6 «ھاكاۋۇرلار» ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچىلار». 14:9 «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان «مۇقەددەس قانۇن»غا ئاساسەن، بىرسى باشقىلارغا گۇناھ قىلىپ زىيان يەتكۈزگەن بولسا، خۇدادىن كەچۈرۈم ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال زىيان تارتقۇچىغا شۇ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاز دېگەندە ئىككى ھەسسە تۆلەم بېرىپ، ئاندىن ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى («ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى) ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاپ بېرىشى كېرەك ئىدى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئەخمەقلەر ئىتائەتسىزلىكىگە نىسبەتەن يېنىكلىك بىلەن كۈلۈپ قويىدۇ». 14:12 پەند. 16‏:25 14:13 پەند. 5‏:4 14:14 پەند. 1‏:31 14:16 «ئاۋارىچىلىكتىن» ــ ياكى «يامانلىقتىن». 14:20 پەند. 19‏:4، 7 14:22 لۇقا 6‏:38 14:27 «ھاياتنىڭ بۇلىقى» ــ 14:13نىمۇ كۆرۈڭ. 14:27 پەند. 10‏:11؛ 13‏:14 14:31 پەند. 14‏:21؛ 17‏:5 14:32 «يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ ھەققانىي ئادەم ... خاتىرجەم بولار» ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «كۈلپەت كەلگەندە، يامان ئادەم ھەيدىۋېتىلىدۇ؛ بىراق ھەققانىي ئادەم سەكراتتا ياتقاندىمۇ پاناھلىق بولار». 14:33 پەند. 10‏:14؛ 12‏:23؛ 13‏:16 14:35 «نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكار...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نومۇستا قالدۇرغۇچى» ۋە «ئۇياتسىز» دېگەن ئىككى ئىبارە بىرلا ئىككى بىسلىق سۆز بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.