3
رەبنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبى
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ھازىر سىلەرگە بۇ يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە سىلەرنىڭ ساپ كۆڭلۈڭلارنى ئويغىتىپ، شۇ ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ئىنتىلدىمكى، مۇقەددەس پەيغەمبەرلەر بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرگە ۋە رەببىمىز ھەم قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ روسۇللىرىڭلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۆتۈنىمەن.
ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان مازاقچىلار چىقىپ: «قېنى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىمەن دېگەن ۋەدىسى؟! ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۆلۈمدە ئۇخلاپ قالغاندىن تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ.   شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى.   ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ.
  
ئەمدى ئى سۆيۈملۈكلىرىم، شۇ ئىش نەزىرىڭلاردىن قاچمىسۇنكى، رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر.   رەب ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ ۋاقىتنى سوزماقتا.  
10 لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ.


  
11 ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئېرىپ يوقىلىدىغان يەردە، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ ــ ھاياتىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ۋە ئىخلاسمەنلىكتە ئۆتكۈزۈپ، 12 خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ.
  
13 لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر.  
14 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، شۇ تاپتا خۇدانىڭ ئالدىدا نۇقسانسىز ۋە داغسىز، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ئىچىدە ھازىر بولۇپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن ئىنتىلىڭلار. 15 ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار، دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان؛    16 بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.
17 شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئېيتقان بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار. 18 ئەكسىچە، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار.
ئۇنىڭغا ھەم ھازىر ھەم ئاشۇ ئەبەد كۈنىگىچە بارلىق شان-شەرەپ مەنسۇپ بولغاي! ئامىن!
3:1 2پېت. 1‏:13. 3:3 1تىم. 4‏:1؛ 2تىم. 3‏:1؛ يەھ. 18. 3:4 ئ‍ەز. 12‏:22. 3:5 «ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ» ــ «ئەتەي ئۇنتۇيدۇ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆز بەڭباشلىقىدىن ئۇنتۇيدۇ». 3:5 يار. 1‏:9؛ زەب. 24‏:2. 3:6 «شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى» ــ «...شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن» دېگەن ئىبارە پەقەت سۇنىڭ ئۆزىنى ياكى سۇلار ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى تەڭ كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە سۇلار ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى تەڭ كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى (گرېك تىلىدا) ئالدىنقى جۈملىدە بۇ ئىككى ئىش ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان، شۇنداقلا 7-ئايەتتە خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋاسىتە بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. 3:6 يار. 7‏:21،10. 3:7 «ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ» ــ «ئوخشاشلا شۇ سۆز» دېگەن ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ (يەنى، خۇدانىڭ) سۆزى». «ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ» ــ پەقەت ساقلانغانلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ غەمخورلۇقىنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ. 3:7 زەب. 102‏:25-26؛ يەش. 51‏:6؛ 2تېـس. 1‏:8؛ ئىبر. 1‏:11؛ 2پېت. 3‏:10. 3:8 «رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر» ــ رەب ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەلۋەتتە. 3:8 زەب. 90‏:4. 3:9 «رەب ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ ۋاقىتنى سوزماقتا» ــ رەب قايتىپ كەلگەندە يەر يۈزىدىكىلەرگە توۋا قىلىش پۇرسىتى قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. 3:9 ئ‍ەز. 18‏:32؛ 33‏:11؛ يەش. 30‏:18؛ ھاب. 2‏:3؛ رىم. 2‏:4؛ 1تىم. 2‏:4؛ 1پېت. 3‏:20؛ 2پېت. 3‏:15. 3:10 «لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ» ــ «رەبنىڭ كۈنى» (مەسىھنىڭ كېلىدىغان كۈنى) تەۋراتتىكى كۆپ يەرلەردە «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»دىكى «خۇدانىڭ كۈنى» توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ. «ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك» ــ دېمەك، كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا. «ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ» ــ «كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى» ياكى «بارلىق ئاسمان جىسىملىرى». «ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل ئىشلارمۇ» ياكى «ئۇنىڭدىكى بارلىق قىلغان ئىشلارمۇ». «زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «زېمىن ۋە ئۈستىدىكى بارلىق ئىشلار يالىڭاچ ئاشكارىلىنىدۇ» دېيىلىدۇ. 3:10 مات. 24‏:44،43؛ 1تېس. 5‏:2؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15. 3:12 «خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ» ــ «خۇدانىڭ كۈنى» دېگەن ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. «كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى» دېگەننىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى: «بارلىق ئاسمان جىسىملىرى». 3:12 زەب. 50‏:3؛ 2تېـس. 1‏:8. 3:13 «لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر» ــ «ئۇ يەر» ھەم يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننىمۇ كۆرسىتىدۇ. 3:13 يەش. 65‏:17؛ 66‏:22؛ ۋەھ. 21‏:1. 3:15 «رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتى» ــ ياكى «رەببىمىزنىڭ كەڭچىلىك قىلىشى». «ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار» ــ بۇ ئىنتايىن ئىخچام جۈملە بولۇپ، بەلكىم: «خۇدانىڭ سەۋر-تاقىتى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە گۇناھىدىن قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە، دەپ بىلىڭلار» دېگەندەك مەنىدە بولۇشى مۇمكىن. يەنە مۇمكىنچىلىكى باركى، «نىجات» مۇشۇ يەردە «بۇ دۇنيانىڭ ساقلىنىپ قېلىشى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن؛ نېمىلا بولمىسۇن ئايەتنىڭ ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش؛ بىز پەقەت بۇ دۇنيادا بولساقلا، بۈگۈن توۋا قىلىپ گۇناھلىرىمىزدىن قۇتۇلۇش يولى ئوچۇق تۇرىدۇ، دەپ بىلىشىمىز لازىم. «دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان» ــ «قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ... سىلەرگە يازغان» ــ پاۋلۇسنىڭ كۆپ خىزمىتى «يات ئەللەر»، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغاچقا، پېترۇسنىڭ بۇ خېتىمۇ بەلكىم يەھۇدىي بولمىغان ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان بولسا كېرەك. 3:15 رىم. 2‏:4. 3:16 رىم. 8‏:19؛ 1كور. 15‏:24؛ 1تېس. 4‏:15. 3:17 «شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئېيتقان بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر...» ــ «مەن ئېيتقان بۇ ئىشلار» بەلكىم روسۇل پېترۇسنىڭ يۇقىرىدا ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر توغرۇلۇق ئاگاھلاندۈرۈشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار» ــ «بۇ ئەخلاقسىزلار» گرېك تىلى نۇسخىسىدا 7:2دىمۇ ئوخشاش سۆز ئىشلىتىلىدۇ؛ دېمەك، «بۇ ئەخلاقسىزلار» دەل ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 3:18 «ئەكسىچە، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار» ــ «ئۆسۈڭلار» بولسا روھىي ھاياتتا، ئىمان-ئېتىقاد جەھەتتە بولىدۇ. مۇشۇ روھىي ئۆسكەن ئادەم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە رەب ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇشقا كۆپرەك نېسىپ بولىدۇ. دېمەك، «خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە رەب ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇش» ھەم روھىي ئۆسۈشنىڭ ۋاسىتىسى ھەم نەتىجىسىدۇر. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ھەم ئۇنىڭغا بولغان تونۇشتا داۋاملىق ئۆسۈڭلار».