5
ئاقساقاللار ۋە ياشلارغا قىلىنغان نەسىھەت
ئەمدى مەن ئاراڭلاردىكى ئاقساقاللاردىن (مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپكە نېسىپ بولغۇچى ۋە سىلەرگە ئوخشاش بىر ئاقساقال سۈپىتىدە) شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ــ خۇدانىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى پادىسىنى ئوبدان بېقىڭلار؛ ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئىختىيارەن زىممىڭلارغا ئېلىڭلار؛ پۇل-دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار.   خۇدانىڭ پادىسىغا غوجىنىڭ ئۆز تەئەللۇقاتلىرىغا بولغىنىدەك بولماي، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇڭلار.   شۇنداق قىلساڭلار، باش پادىچى ئاشكارە بولغاندا، مەڭگۈ توزۇماس شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.  
ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار. چۈنكى: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ».   ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛   بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى قىلىدۇ.
ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس خۇددى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، يۇتقۇدەك بىرسىنى ئىزدەپ قاتراپ يۈرمەكتە؛ سىلەر ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭلار. چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ.
  
10 ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ.    11 ئۇنىڭغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
 
ئاخىرقى سالام
12 مەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يېزىپ، ئۆزۈم سادىق قېرىندىشىم دەپ بىلىدىغان سىلۋانۇسنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە يوللىدىم. ئۇشبۇ خەتنى يېزىشىمنىڭ مەقسىتى، سىلەرگە جېكىلەش ۋە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش، شۇنداقلا خۇدانىڭ ھەقىقىي مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئەنە شۇنداق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مېھىر-شەپقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار.
13 سىلەر بىلەن بىللە تاللانغان بابىلدا تۇرۇۋاتقان جامائەت ۋە ئوغلۇم ماركۇستىن سىلەرگە سالام.
14 بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سۆيۈشۈپ سالاملىشىڭلار.
سىلەرگە، يەنى مەسىھدە بولغان ھەممىڭلارغا ئامانلىق-خاتىرجەملىك يار بولغاي!
5:1 «مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپكە نېسىپ بولغۇچى ۋە سىلەرگە ئوخشاش بىر ئاقساقال سۈپىتىدە...» ــ «نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپ» دېگەنلىك مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشىدە نامايان بولىدىغان شان-شەرەپ. 5:2 «خۇدانىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى پادىسىنى ئوبدان بېقىڭلار» ــ «خۇدانىڭ ... پادىسى» جامائەت، ئەلۋەتتە. «ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئىختىيارەن زىممىڭلارغا ئېلىڭلار» ــ «ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «خۇداغا قاراپ ئۇلارغا يېتەكچىلىك خىزمىتىدە بولۇپ...» دېيىلىدۇ. «پۇل-دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار» ــ «پۇل-دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس» دېگەنلىك پېترۇسنىڭ ئەينى سۆزلىرى: ــ «ھارامدىن بولغان پۇل ئۈچۈن ئەمەس» ــ پېترۇسنىڭ مۇشۇ سۆزلەر بىلەن كۆرسەتكىنى: «پۇل ئادەمنى چوقۇم گۇناھكار قىلىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى ھەربىرىمىز پۇلنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك؛ ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى، شۈبھىسىزكى، پۇلنىڭ دەرۋەقە ئادەمنى گۇناھكار قىلىش خەتىرى باردۇر. پۇلنىڭ ئۆزى ئەسلىدە گۇناھنىڭ دۇنيادا پەيدا بولغانلىقىدىن پەيدا بولغان؛ گۇناھ بولمىسا پۇل بولالمايتتى؛ شۇ تەرەپتىنمۇ «ھارامدىن بولغان». 5:2 روس. 20‏:28؛ 1تىم. 3‏:3؛ تىت. 1‏:7. 5:3 «خۇدانىڭ پادىسىغا غوجائۆز غوجىنىڭ ئۆز تەئەللۇقاتلىرىغا بولغىنىدەك بولماي، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇڭلار» ــ ياكى «ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغانلارغا (جامائەتتىكىلەرگە، دېمەك) ئۆزى بەگ ئۆزى خان بولۇۋالماي، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇڭلار». 5:3 2كور. 1‏:24؛ فىل. 3‏:17؛ 1تىم. 4‏:12؛ تىت. 2‏:7. 5:4 «باش پادىچى قايتىپ ئاشكارە بولغاندا» ــ رەب ئەيسا قايتىپ كەلگەندە. «مەڭگۈ توزۇماس شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر» ــ گرېك «ئولىمپىك» مۇسابىقىسىدە غالىبلارغا گۈل-گىياھتىن ئۆرۈلگەن تاج ئىنئام قىلىناتتى. بۇ بىر كۈن ئىچىدىلا توزۇپ كېتىدىغان تاج، ئەلۋەتتە. 5:4 يەش. 40‏:11؛ ئ‍ەز. 34‏:23؛ يـۇھ. 10‏:11؛ 1كور. 9‏:25؛ ئىبر. 13‏:20؛ 2تىم. 4‏:8؛ ياق. 1‏:12؛ 1پېت. 1‏:4؛ 2‏:25. 5:5 «ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار» ــ «چوڭلار» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئاقساقاللار». لېكىن مۇشۇ يەردە «چوڭلار» ياكى «ياشانغانلار»غا توغرا كېلىدۇ. «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» ــ «پەند.» 34:3؛ «ياق.» 6:4نىمۇ كۆرۈڭ. 5:5 پەند. 3‏:34؛ رىم. 12‏:10؛ فىل. 2‏:3؛ ياق. 4‏:6. 5:6 «ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» ــ بۇنىڭ تولۇق مەنىسى بەلكىم «خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئۈستۈڭلارغا تەربىيە بېرىش ئۈچۈن چۈشكەن بولسا، ئۇنىڭ ئاستىدا تۆۋەن تۇرۇڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭ ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار». 5:6 ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 14‏:11؛ ياق. 4‏:10. 5:7 زەب. 55‏:22؛ مات. 6‏:25؛ لۇقا 12‏:22؛ 1كور. 9‏:9؛ فىل. 4‏:6؛ ئىبر. 13‏:5؛ 1تىم. 6‏:8. 5:8 ئايۇپ 1‏:7؛ لۇقا 22‏:31؛ 1تېس. 5‏:6؛ 1پېت. 1‏:13؛ 4‏:7. 5:9 «چۈنكى بىلىسىلەركى، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ» ــ «پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلار» دېگەنلىك بەلكىم (1) يەھۇدىيە-گالىيلىيەدە تۇرۇۋاتقان، ئۆز يۇرتداشلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان يەھۇدىي قېرىنداشلارنى؛ (2) «يات ئەللىك قېرىنداشلار» ــ يات ئەللىك بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان، ئۇلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان يەھۇدىي ئەمەس قېرىنداشلارنى، ياكى؛ (3) ھەر ئىككىسىنى كۆرسىتىدۇ. «تۈگىشىگۈچە چىداۋاتىدۇ» دېگەن سۆز بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ؛ (1) خۇدانىڭ مەقسەتلىرىگە، شۇنداقلا ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىگە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ۋە؛ (2) چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 5:9 ئ‍ەف. 4‏:27؛ ياق. 4‏:7. 5:10 «خۇدا... ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ...» ــ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ» ياكى «قوراللاندۇرۇپ» ياكى «كامىل قىلىپ...». «(سىلەرنى) ... ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىش» ــ گرېك تىلىدا بىر پېئىل بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. 5:10 ئىبر. 10‏:37؛ 1پېت. 1‏:6. 5:11 «ئۇنىڭغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «ئۇنىڭغا بارلىق كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!» دېيىلىدۇ. 5:12 «مەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يېزىپ، ئۆزۈم سادىق قېرىندىشىم دەپ بىلىدىغان سىلۋانۇسنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە يوللىدىم» ــ مۇشۇ سىلۋانۇس بەلكىم ئەسلىدە روسۇل پاۋلۇسنىڭ ھەمراھى ۋە خىزمەتدىشى بولغان سىلۋانۇس ئىدى (مەسىلەن «روس.» 16-17-بابلارنى كۆرۈڭ) «سىلۋانۇسنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن» ــ يەنى مۇمكىنچىلىك باركى، ئۇشبۇ خەتنى يېزىشقا سىلۋانۇس روسۇل پېترۇسقا كاتىپ بولغانىدى. «ئۇشبۇ خەتنى يېزىشىمنىڭ مەقسىتى، سىلەرگە جېكىلەش ۋە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش...» ــ «جېكىلەش» ۋە «رىغبەتلەندۈرۈش» گرېك تىلىدا بىر پېئىل بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. 5:13 «سىلەر بىلەن بىللە تاللانغان بابىلدا تۇرۇۋاتقان جامائەت» ــ تارىخشۇناسلار «بابىل» دېگەنلىكنى ھەقىقىي (ئەفرات دەرياسى بويىدىكى) بابىلون (بابىل) شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بابىل»نى «رىم شەھىرىنىڭ ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى مەخپىي نامى» دەپ قارايدۇ ــ شۇ ۋاقىتتىكى ئېتىقادچىلار رىم شەھىرىنى مەخپىي ھالدا بابىل (چىرىكلىشىپ كەتكەن «بۇ دۇنيا»نىڭ سىمۋولى) دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن. روسۇل پېترۇسنىڭ بابىل شەھىرىدە بولغانلىقى توغرىسىدا تارىختا مەلۇمات يوق ۋە ئۇنىڭ رىم شەھىرىدە تۇرغانلىقى توغرۇلۇق ئىسپات بار. «جامائەت» ــ ئەسلىدىكى گرېكچە تېكىستتە ــ «تۇرۇۋاتقان قىز». بۇ ئىبارە رىمدىكى جامائەتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ئوغلۇم ماركۇستىن سىلەرگە سالام» ــ «ئوغلۇم ماركۇس» روسۇل پېترۇسنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئوغلى. ئەمەلىيەتتە ماركۇس پېترۇسنىڭكى جىيەن ئۇكىسى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 5:14 رىم. 16‏:16؛ 1كور. 16‏:20؛ 2كور. 13‏:12؛ 1تېس. 5‏:26.