7
ھانانى بىلەن ھانانىيانىڭ بىرلىكتە باشقۇرۇشقا قويۇلۇشى
سېپىل ئوڭشىلىپ بولۇپ، مەن دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، دەرۋازىۋەنلەرنى، غەزەلكەشلەرنى ۋە لاۋىيلارنى بېكىتىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، مەن ئىنىم ھانانى بىلەن قەلئە سەردارى ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم؛ چۈنكى ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ، خۇدادىن قورقۇشتا كۆپ ئادەملەردىن ئېشىپ كېتەتتى. مەن ئۇلارغا: ــ كۈن ئىسسىغۇچە يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى ئېچىلمىسۇن؛ قوۋۇقلارنىڭ قاناتلىرى ئېتىلگەندە، بالداقلار تاقالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن؛ شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم. شەھەر چوڭ ھەم كەڭرى بولغىنى بىلەن ئاھالە ئاز، ئۆيلەر تېخى سېلىنمىغانىدى.
 
بىرىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلار •••• «ئەزرا» 2-35‏:1نى كۆرۈڭ
خۇدايىم كۆڭلۈمگە مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ ھەربىرىنى نەسەبنامىسى بويىچە رويخەتكە ئېلىشقا ئۇلارنى يىغىش نىيىتىنى سالدى. مەن ئاۋۋال بىرىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ نەسەبنامىسىنى تاپتىم، ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: ــ
تۆۋەندىكىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتتى: ــ   
ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، ئازارىيا، رائامىيا، ناھامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نەھۇم ۋە بائاناھلار بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ
پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ 10 ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛ 11 پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون سەككىز كىشى؛ 12 ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 13 زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى سەككىز يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 14 زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛ 15 بىننۇئىينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق سەككىز كىشى؛ 16 بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 17 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 18 ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش يەتتە كىشى؛ 19 بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئاتمىش يەتتە كىشى؛ 20 ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئەللىك بەش كىشى؛ 21 ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛ 22 ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 23 بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە تۆت كىشى؛ 24 ھارىفنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛ 25 گىبېئوننىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛ 26 بەيت-لەھەملىكلەر بىلەن نىتوفالىقلار جەمئىي بىر يۈز سەكسەن سەككىز كىشى؛ 27 ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 28 بەيت-ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى. 29 كىرىئات-يېئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛ 30 راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ 31 مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 32 بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 33 ئىككىنچى بىر نېبودىكىلەر ئەللىك ئىككى كىشى؛ 34 ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 35 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛ 36 يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 37 لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ 38 سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز كىشى.
 
قايتىپ كەلگەن كاھىنلار ۋە لاۋىيلار •••• «ئەزرا» 2-42‏:36نى كۆرۈڭ
39 كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛ 40 ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛ 41 پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛ 42 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى.
43 لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خودۋاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى.
44 غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز قىرىق سەككىز كىشى.
45 دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز كىشى.
 
قايتىپ كەلگەن مۇقەددەس جاي ۋە شاھ جەمەتىدىكى خىزمەتكارلار •••• «ئەزرا» 2-58‏:43نى كۆرۈڭ
46 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى. 47 كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىيانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، 48 لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، شالماينىڭ ئەۋلادلىرى، 49 ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، 50 رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، 51 گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، 52 بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسەسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، 53 باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، 54 بازلىتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، 55 باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، 56 نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت.
57 سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پېرىدانىڭ ئەۋلادلىرى، 58 يائالانىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، 59 شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئاموننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. 60 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى.
 
كېلىپ چىقىشى نائېنىق كىشىلەر •••• «ئەزرا» 2-63‏:59نى
61 تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددون، ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. 62 بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛ 63 كاھىنلاردىن خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. 64 بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى. 65 ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى.
 
قايتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى •••• «ئەزرا» 2-67‏:64نىمۇ كۆرۈڭ
66 پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛ 67‏-68 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز قىرىق بەش ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى، 69 تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى.
 
ئىبادەتخانا ئۈچۈن تەقدىم قىلىنغان سوۋغاتلار •••• «ئەزرا» 2-70‏:68نىمۇ كۆرۈڭ
70 جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلدى؛ ۋالىي خەزىنىگە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئەللىك داس ۋە بەش يۈز ئوتتۇز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى؛ 71 جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش؛ 72 خەلقنىڭ قالغىنى يىگىرمە مىڭ دارىك ئالتۇن، ئىككى مىڭ ئىككى يۈز مىنا كۈمۈش، ئاتمىش يەتتە قۇر كاھىن تونىنى تەقدىم قىلدى. 73 شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، شۇنداقلا قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى.
 
 
7:2 «ئىنىم ھانان» ــ نەھەمىيانىڭ ئىنىسى 2:1، 3دە تىلغا ئېلىنىدۇ. «مەن ئىنىم ھانانى بىلەن ... ھانانىيانى يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قويدۇم» ــ يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا ئادەملەرنى قويۇش، نەھەمىيانىڭ ئارتاخشاشتانىڭ يېنىغا قايتماقچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن (6:2نى كۆرۈڭ). «ھانانىيا ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئىشەنچلىك ئادەم بولۇپ..». بەزى ئالىملار «ئۇ» ھانانىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. 7:3 «دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلار يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن». «شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇلۇپ بېكىتىلسۇن؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ بىر كۆزىتىگە مەسئۇل بولسۇن، شۇنداقلا ھەربىرىنىڭ كۆزىتى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا بولسۇن، دەپ تاپىلىدىم» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنىڭدەك يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرى چۈش ۋاقتىدا ئوچۇق تۇرمىسۇن؛ قوۋۇقلار ئېتىلگەندە، بالداقلىرى تاقالغىنىدا دەرۋازىۋەنلەر يېنىدا تۇرۇپ كۆزەت قىلىسۇن؛ يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلاردىن قاراۋۇللار ئېلىنىپ، كۆزەت نۆۋەتلىرىگە قويۇپ بېكىتىلسۇن؛ بەزىلەر ئالاھىدە نۆۋەتتىكى كۆزەتتە تۇرسۇن، بەزىلەر ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا كۆزەتتە تۇرسۇن». يەنە باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. 7:6 «تۆۋەندىكىلەر... ئەسلى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن...» ــ بۇ تىزىملىك بىلەن «ئەزرا» 2-بابتىكى تىزىملىك ئوتتۇرىسىدا ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرى، سانى ۋە تىزىملىك تەرتىپىدە بەزىدە ئازراق پەرقلەر بار. بۇ پەرقلەر ئىككى تىزىملىكنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىسپات بېرىدۇ. ئىككىنچى تىزىملىكنى يېرۇسالېمدا، بىرىنچى تىزىملىكنى بابىلدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى تىزىملىك ئاخىرىدا يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بىرىنچى تىزىملىكتە خاتىرىلەنگەن بەزىلىرى شۈبھىسىزكى، كېيىن نىيىتىدىن ېينىپ، يېرۇسالېمغا بارماي قالغان ياكى بارغاندىن كېيىن، يەنە بابىلغا قايتىپ كەتكەنىدى؛ شۇنداقلا يېرۇسالېمغا قايتىش يولىدا ئۆلگەنلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەسلىدىكى تىزىملىككە خاتىرىلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن يېرۇسالېمغا بارىمەن دەپ «قايتىش»قا قاتناشقانلارمۇ بار بولسا كېرەك؛ ئۇلار ئىككىنچى تىزىملىككە خاتىرىلەنگەن. 7:6 ئەزرا 2 7:24 «ھارىف» ــ «ئەزرا» 18:2دە «يوراھ». 7:25 «گىبېئون» ــ «ئەزرا» 20:2دە «گىببار». 7:37 «لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى...» ــ ياكى «لودلۇقلار، ھادىدلىقلار ۋە ئونولۇقلار...». 7:43 «خودۋاھ» ــ «ئەزرا» 40:2دە «خوداۋىيا». 7:46 «ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەتىنىيلار». مەنىسى بەلكىم «بېغىشلانغانلار». ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بەلكىم «گىبېئونلۇقلار» ئىدى. «يەشۇئا» 27:9نى ۋە «1تار.» 2:9نى كۆرۈڭ. 7:47 «سىيا» ــ «ئەزرا» 47:2دە «سىياھا». 7:52 «نەفۇسسەسىم» ــ «ئەزرا» 50:2دە «نەفۇسسىم». 7:54 «بازلىت» ــ ياكى «بازلۇت» «ئەزرا» 52:2. 7:57 «پېرىدا» ــ ياكى «پېرۇدا» «ئەزرا» 55:2. 7:59 «ئامون» ــ ياكى «ئامى» «ئەزرا» 57:2. 7:63 «كوزنىڭ ئەۋلادلىرى» ــ ياكى «ھاككوزنىڭ ئەۋلادلىرى». 7:65 «ۋالىي» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «تىرشاتا»، ئەسلىدە پارس تىلى بولۇپ، مەنىسى بەلكىم «جانابلىرى». «ئۇرىم ۋە تۇممىم» ــ ئالاھىدە بىرخىل تاشلار. ئۇ كاھىن كىيگەن «ئەفود»نىڭ يانچۇقىدا (قوشېندا) تۇرىدۇ. بۇ تاشلار ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى خۇدادىن يول سورىسا بولاتتى. «مىس.» 28:28-30نى كۆرۈڭ. «ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە» ــ مەنىسى بەلكىم: (1) ئۇرىم ۋە تۇممىم بابىلدا سۈرگۈن بولغان ۋاقتىدا يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن؛ (2) تېپىلغىنى بىلەن ئۇلارغا تەبىر بېرىپ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدىغان كاھىن تېخى چىقمىدى. 7:66 «قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى» ــ بۇ «ئەزرا» 64:2دىكى سانغا ئوخشاش؛ شۈبھىسىزكى، بۇ يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىپ، بابىلغا قايتماي، يەھۇدىيەدە ھەقىقىي ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ سانىدۇر. 7:70 «دارىك» ــ (ياكى «دراخما») ــ مۇشۇ يەردە پارس ئىمپېرىيەسىدىكى بىرخىل ئالتۇن تەڭگە، بىر دارىكنىڭ ئېغىرلىقى 0.4-0.5 گرام بولۇشى مۇمكىن؛ مۇشۇ يەردە بۇ داسلارنىڭ قىممىتى 0.4-0.5 كىلوگرام ئالتۇنغا باراۋەر ئىدى. 7:71 «مىنا» ــ بىرخىل كۈمۈش تەڭگە، 60 شەكەلگە ياكى «تالانت»تىن ئاتمىشتىن بىرىگە باراۋەر ئىدى. مۇشۇ يەردە كۈمۈشنىڭ جەمئىي ئېغىرلىقى بەلكىم 800-1200 كىلوگرامچە ئىدى. 7:73 «شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار، دەرۋازىۋەنلەر، غەزەلكەشلەر... شۇنداقلا قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى» ــ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى بەلكىم: (1) كاھىنلار، لاۋىيلار قاتارلىقلار ئۆزىگە يېڭىۋاشتىن تەقسىم قىلىنغان شەھەرلىرىدە ماكان تۇتتى، ياكى يېرۇسالېمدىكى خىزمەتتە بولۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا يېقىن بولغان، شۇنداقلا ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەردە ماكانلاشتى؛ (2) لاۋىيلاردىن باشقا ئىسرائىللار، يەنى ئون ئىككى قەبىلىدىن قايتىپ كەلگەنلەر ئەسلىدە ئۆزىگە خاس شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى ياكى يېڭىۋاشتىن ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەردە ماكانلاشتى. كۆپ شەھەر-يېزىلار ۋەيران بولغاچقا، ياكى يات ئەللەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدا بولغاچقا، بەلكىم ھەرخىل ئىمكانىيەت تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئىدى.