6
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
ئەگەر بىرسى گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، قوشنىسى ئۆزىگە ئامانەت ياكى كاپالەتكە بەرگەن بىر نەرسە ياكى قوشنىسىدىن زوراۋانلىق بىلەن بۇلۇۋالغان مەلۇم بىر نەرسە توغرىسىدا يالغان گەپ قىلغان بولسا ياكى قوشنىسىدىن ناھەقلىق بىلەن مەلۇم نەرسىنى تارتىۋالغان بولسا، ياكى يىتىپ كەتكەن بىر نەرسىنى تېپىۋېلىپ ئۇنىڭدىن تانسا ياكى كىشىلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان ھەرقانداق بىر ئىشى توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچسە، ئۇ گۇناھ قىلغان ئىشتا ئۆزىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ بۇلىۋالغان ياكى ناھەق تارتىۋالغان نەرسە ياكى ئۇنىڭغا ئامانەتكە بېرىلگەن نەرسە بولسۇن، ياكى يىتىپ كېتىپ تېپىۋالغان نەرسە بولسۇن، ياكى ئۇ ھەرقانداق نەرسە توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچكەن بولسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسىنى تولۇق باھاسى بويىچە تۆلىسۇن، شۇنداقلا شۇ باھانىڭ بەشتىن بىر قىسمى بويىچە قوشۇپ تۆلىسۇن؛ ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى قىلغان كۈنىدە تۆلەمنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرسۇن. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەت بويىچە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلسۇن. كاھىن بۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇ ھەرقايسى ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
سەن ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق بولىدۇ: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پۈتۈن كېچە تاڭ ئاتقۇچە قۇربانگاھتىكى ئوچاقنىڭ ئۈستىدە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي يېنىق تۇرغۇزۇڭلار. 10 كاھىن كاناپ تونىنى كىيىپ، يالىڭاچلىقىنى يېپىپ، ساغرىسىغىچە كاناپ ئىچ تامبال كىيىپ تۇرسۇن؛ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ بىر تەرىپىدە قويسۇن؛ 11 ئاندىن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ پاكىز بىر جايدا قويسۇن. 12 قۇربانگاھنىڭ ئوتى بولسا ھەمىشە يېنىپ تۇرسۇن؛ ئۇنى ھېچ ۋاقىت ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، كاھىن ئۆزى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭغا ئوتۇن سېلىپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تىزسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قويۇپ كۆيدۈرسۇن. 13 ئۈزۈلمەس بىر ئوت قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ھەمىشە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ئۇ ھەرگىز ئۆچۈرۈلمىسۇن.
 
ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاشلىق ھەدىيەلىرى
14 ئاشلىق ھەدىيە توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا، قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. 15 ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولغان ئېسىل ئۇنغا قولىنى سېلىپ ئۇنىڭدىن شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى زەيتۇن مېيىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ۋە ھەدىيەنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق مەستىكىنى قوشۇپ، بۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ھەدىيەنىڭ «يادلىنىش ئۈلۈشى» بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولىدۇ. 16 ئېشىپ قالغانلىرىنى بولسا ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن؛ ئۇ ئېچىتقۇ سېلىنماي پىشۇرۇلۇپ مۇقەددەس بىر جايدا يېيىلسۇن؛ ئۇلار ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. 17 ئۇ مۇتلەق ئېچىتقۇسىز پىشۇرۇلسۇن. مەن ئوتتا ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئىچىدىن شۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بولسۇن دەپ ئۇلارغا ھەق قىلىپ بەردىم؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلارغا ئوخشاش «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 18 ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن يېسۇن؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگە ئاراڭلاردا ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغانلىرىدىن بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن. ئۇنىڭغا قول تەگكۈزگۈچى جەزمەن مۇقەددەس بولۇشى كېرەك.  
 
19 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
20 ھارۇن مەسىھلىنىدىغان كۈنىدە ئۇ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىدىغىنى مۇنداق بولۇشى كېرەك: ــ ئۇلار ئۈزۈلمەس ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى سۇنۇشى كېرەك؛ ئەتىگىنى يېرىمىنى، ئاخشىمى يەنە يېرىمىنى سۇنسۇن. 21 ئۇ تاۋىدا زەيتۇن مېيى بىلەن ئېتىلسۇن؛ ئۇ زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن سەن ئۇنى ئېلىپ كىر؛ ئاشلىق ھەدىيەنىڭ پىشۇرۇلغان پارچىلىرىنى خۇشبۇي سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغىن. 22 ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇشقا مەسىھلەنگەن بولسا ئۇمۇ ھەدىيەنى شۇنداق تەييارلاپ سۇنسۇن؛ بۇ ئەبەدىي مۇتلەق بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. بۇ ھەدىيە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلسۇن. 23 كاھىننىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن؛ ئۇ ھەرگىز يېيىلمىسۇن.
 
گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام
24 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
25 ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ گۇناھ قۇربانلىقىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن؛ بۇ خىل قۇربانلىق «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 26 گۇناھ قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگۈچى كاھىن ئۆزى ئۇنى يېسۇن؛ قۇربانلىق مۇقەددەس بىر يەردە، جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېيىلسۇن. 27 ئۇنىڭ گۆشىگە قول تەگكۈزگۈچى ھەركىم مۇقەددەس بولمىسا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەگەر ئۇنىڭ قېنى بىرسىنىڭ كىيىمىگە چاچراپ كەتسە، ئۇنداقتا قان چېچىلغان جاي مۇقەددەس بىر يەردە يۇيۇلسۇن. 28 قايسى ساپال قازاندا قۇربانلىق قاينىتىلىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ سۇندۇرۇلسۇن. ئەگەر ئۇ مىس قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ قىرىپ سۈرۈلسۇن ھەم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن. 29 كاھىنلاردىن بولغان بارلىق ئەر كىشىلەر ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. بۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
30 ھالبۇكى، مۇقەددەس جايدا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى جامائەت چېدىرىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرقانداق گۇناھ قۇربانلىقى بولسا، ھەرگىز يېيىلمىسۇن، بەلكى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن.
 
 
6:3 چۆل. 5‏:6 6:4 «ئۇ گۇناھ قىلغان ئىشتا ئۆزىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتسە،...» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ گۇناھ قىلغان ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلسا،...». 6:6 «سەن توختاتقان قىممەت بويىچە...» ــ «سەن» بۇ يەردە ھارۇننى كۆرسىتىدۇ؛ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى كاھىن مەسئۇل بولسا شۇنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 6:14 چۆل. 15‏:4-21. 6:15 لاۋ. 2‏:9 6:18 «ئۇنىڭغا قول تەگكۈزگۈچى جەزمەن مۇقەددەس بولۇشى كېرەك» ــ ياكى «ئۇنىڭغا تەگكۈچى ھەرقانداق نەرسە مۇقەددەس نەرسە بولۇشى كېرەك». 6:18 مىس. 29‏:37 6:20 «بىر ئەفاھ» ــ تەخمىنەن 2 كۈرە ياكى 22 لىتر. 6:21 «... كېيىن سەن ئۇنى ئېلىپ كىر» ــ «سەن» بۇ يەردە ھارۇننى كۆرسىتىدۇ؛ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى كاھىن مەسئۇل بولسا شۇنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 6:26 ھوش. 4‏:8 6:30 لاۋ. 4‏:5؛ ئىبر. 13‏:11