27
قوشۇمچە قىسىم ــ قەسەم بىلەن خۇداغا ئاتالغان كىشىلەر توغرۇلۇق
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىرسى پەۋقۇلئاددە بىر قەسەم قىلىپ مەلۇم كىشىنىڭ جېنىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇ كىشىگە سەن بېكىتكەن جېنىنىڭ قىممىتىنىڭ نەرخى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ؛ يېشى يىگىرمە بىلەن ئاتمىشنىڭ ئارىلىقىدا بولغان ئەر كىشى بولسا، سەن توختىتىدىغان قىممىتى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن؛ ئۇنىڭ قىممىتى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە توختىتىلسۇن. ئايال كىشى بولسا، ئاراڭلاردا توختىتىلغان قىممىتى ئوتتۇز شەكەل بولسۇن. ئەگەر يېشى بەش بىلەن يىگىرمىنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، ئەركەك ئۈچۈن توختىتىلىدىغان قىممىتى يىگىرمە شەكەل بولۇپ، ئايال كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن. ئەگەر يېشى بىر ئاي بىلەن بەش ياشنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئوغۇل بالا ئۈچۈن بەش شەكەل، قىز بالا ئۈچۈن ئۈچ شەكەل كۈمۈش بولسۇن. ئەگەر ئاتمىش يا ئۇنىڭدىن چوڭراق ياشتىكى كىشى بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئەر كىشى ئۈچۈن ئون بەش شەكەل، خوتۇن كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن.
ئەگەر بىرسى توختىتىلغان قىممىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇ ئۆزىنى كاھىننىڭ ئالدىدا تەق قىلسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى بېكىتسۇن. كاھىن قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىڭ قىممىتىنى توختىتىپ بەرسۇن.
 
قوشۇمچە قىسىم ــ قەسەم ئۈچۈن خۇداغا ئاتالغان ھايۋانلار توغرۇلۇق
ئەگەر بىرسى قەسەم قىلىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق بولۇشقا لايىق بولىدىغان بىر ھايۋاننى ئۇنىڭغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇنداق ھايۋانلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇتلەق مۇقەددەس سانالسۇن؛ 10 ھايۋان ناچار بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىنى ياكى ياخشىنىڭ ئورنىغا ناچىرىنى تېگىشىشكە ياكى ئورنىغا باشقىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. مۇبادا ئاتىغۇچى ئۇ ھايۋاننىڭ ئورنىغا يەنە بىر ھايۋاننى يەڭگۈشلىمەكچى بولسا، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئەكەلگىنىنىڭ ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن. 11 ئەگەر ھايۋان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىققا لايىق بولمايدىغان بىر «ناپاك» ھايۋان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھايۋاننى كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن؛ 12 ئاندىن كاھىن ئۆزى ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا شۇنداق بولسۇن.
13 ئەگەر ئىگىسى پۇل تۆلەپ ھايۋاننى قايتۇرۇۋلماقچى بولسا، توختىتىلغان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن.
 
قەسەم ئۈچۈن خۇداغا ئاتالغان ئۆيلەر توغرۇلۇق
14 ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولسۇن دەپ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، كاھىن ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا، شۇ قىممىتى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 15 كېيىن ئەگەر ئۆينى ئاتىغۇچى كىشى ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ توختىتىلغان قىممىتىگە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن ئۆي يەنە ئۇنىڭ بولىدۇ.
 
قەسەم ئۈچۈن خۇداغا ئاتالغان يەر-ئېتىزلار توغرۇلۇق
16 ئەگەر بىرسى ئۆز مال-مۈلكى بولغان ئېتىزلىقنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، قىممىتى ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۇرۇق تېرىلىدىغانلىقىغا قاراپ توختىتىلسۇن؛ بىر خومىر ئارپا ئۇرۇقى كېتىدىغان يەر بولسا، قىممىتى ئەللىك شەكەل كۆمۈشكە توختىتىلسۇن. 17 ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن تارتىپ ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلسا، سەن قانچە توختاتساڭ شۇ بولسۇن. 18 لېكىن ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغان بولسا، كاھىن كېلىدىغان ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك يىللار قالغانلىقىنى ھېسابلاپ قىممىتىنى توختاتسۇن. ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا قاراپ تولۇق باھادىن مۇۋاپىق پۇل كېمەيتىلسۇن.
19 ئەگەر بىرسى ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغاندىن كېيىن پۇل تۆلەپ ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ سەن توختاتقان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىزلىق ئۇنىڭ ئۆز قولىغا قايتىدۇ.
20 ئەگەر ئۇ پۇل بېرىپ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋالمىغان بولسا ياكى باشقا بىرسىگە سېتىپ بەرگەن بولسا، كېيىن شۇ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، 21 بەلكى ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئېتىزلىق «ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدىغاندا» ئۇ مۇتلەق بېغىشلانغان يەرگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنىپ، مىراس ھوقۇقى كاھىنغا ئۆتىدۇ.
22 ئەگەر بىرسى سېتىۋالغان ئەمما ئۆز مىراسى بولمىغان بىر پارچە يەر-ئېتىزنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان بولسا، 23 كاھىن ئازادلىق يىلىغىچە قالغان يىلنى ھېسابلاپ، قىممىتىنى توختاتسۇن. ئاندىن ئۇ كۈنى شۇ كىشى توختىتىلغان قىممىتىنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلغان نەرسە سۈپىتىدە كەلتۈرسۇن. 24 لېكىن ئازادلىق يىلى كەلگەندە، ئېتىزلىق كىمدىن ئېلىنغان بولسا، شۇ كىشىگە، يەنى ئەسلىدىكى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن.
25 سەن توختىتىدىغان بارلىق قىممەتلەر بولسا ھەمىشە مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بوچىچە ھېسابلانسۇن؛ بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر بولىدۇ.
 
تۇنجى تۇغۇلغىنىنى خۇداغا بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىش
26 لېكىن چارپاينىڭ تۇنجى بالىسى تۇنجى بالا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان بولغاچقا، كالا بولسۇن، قوي-ئۆچكە بولسۇن ھېچكىم ئۇنى «خۇداغا ئاتاپ» مۇقەددەس قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىدى. 27 ئەگەر ئۇ ناپاك بىر ھايۋاندىن تۇغۇلغان بولسا، ئىگىسى سەن توختاتقان قىممەتكە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، ئاندىن ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسۇن؛ لېكىن ئەگەر ئىگىسى ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالمايمەن دېسە، بۇ ھايۋان سەن توختاتقان قىممەتكە سېتىلسۇن.
 
پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان نەرسىلەر توغرۇلۇق
28 ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا ئۆز مېلىدىن، ئادەم بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ياكى مىراس يېرى بولسۇن، پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتىغان بولسا، ئۇنداق نەرسە ھەرگىز سېتىلمىسۇن ياكى بەدەل تۆلەش بىلەنمۇ قايتۇرۇلمىسۇن. پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان ھەرنەرسە بولسا «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا خاس بولىدۇ. 29 ئەگەر بىر ئادەم خۇداغا مۇتلەق خاس ئاتالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل بېرىلىپ، قايتۇرۇۋېلىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك.
 
«ئوندىن بىر» ئۆشرە بولغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇۋېلىش توغرۇلۇق
30 يەر-زېمىندىن چىققان ھەممە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە بولسا، يەرنىڭ دانلىق زىرائەتلىرى بولسۇن ياكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسى بولسۇن، پەرۋەردىگارنىڭكى بولىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنغاندۇر. 31 بىرسى ئۆز ئۆشرىلىرىدىن مەلۇم بىرنەرسىنى بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ شۇنىڭغا يەنە ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، قايتۇرۇۋالسۇن.
32 كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن ئېلىنىدىغان ئۆشرە بولسا پادىچىنىڭ تايىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھايۋانلاردىن ھەر ئونىنچىسى بولسۇن؛ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس قىلىنغىنى شۇ بولسۇن. 33 ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قارىمىسۇن ۋە ياكى ئۇنى ئالماشتۇرمىسۇن؛ ئەگەر ئۇنى ئالماشتۇرىمەن دېسە، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن؛ ئۇ ھەرگىز بەدەل تۆلۈپ قايتۇرۇۋېلىنمىسۇن.
 
34 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا تاپىلغان، ئىسرائىللارغا تاپشۇرۇش كېرەك بولغان ئەمرلەر مانا شۇلار ئىدى.
27:2 «سەن بېكىتكەن جېنىنىڭ قىممىتىنىڭ نەرخى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە «سەن» باش كاھىن ياكى بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان كاھىننى كۆرسىتىدۇ. 27:3 «مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى» ــ شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل ئەل ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئۆلچەم بولسۇن دەپ مۇقەددەس جايدا ساقلاقلىق، مۇقىم بېكىتىلگەن بىرنەچچە خىل ئۆلچەملەردىن بىرى بولۇشى كېرەك. «شەكەل» كۈمۈشنىڭ (ياكى ئالتۇننىڭ) ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە 11.4 گرام ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. «... ئۇنىڭ قىممىتى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە توختىتىلسۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سەن... ئۇنىڭ قىممىتىنى توختىتىپ بەرگىن» دېيىلىدۇ. بىز ئۇنى «...ئۇنىڭ قىممىتى ... توختىتىلسۇن» دەپ مەجھۇل شەكىلدە ئالدۇق. كېيىنكى ئايەتلەردىمۇ بىز شۇ ئىبارىنى «مەجھۇل شەكىل»دە ئىپادىلىدۇق. 27:9 «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇتلەق مۇقەددەس سانالسۇن» ــ دېمەك، قۇربانلىقلارغا لايىق بولغان ھايۋانلار قەسەم بىلەن خۇداغا ئاتالغان بولسا، كېيىن ئۇلارنى پۇل تۆلەپ قايتۇۋېلىشقا ھېچ بولمايدۇ. ئۇ ياكى قۇربانلىق بولىدۇ ياكى خۇداغا ۋاكالىتەن تۇرغان كاھىن-لاۋىيلارغا تېگىدۇ. 27:16 «ئېتىزلىقنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىش» ــ بۇ ئىش بەلكىم ئېتىزلىقنى خۇدانىڭ ۋەكىللىرى، يەنى كاھىن-لاۋىيلارغا تاپشۇرۇش ئىدى؛ شۇنداق بولسا، ئۇلار شۇ ئېتىزلىقنىڭ پايدىسىنى يىلمۇ-يىل ئالالايتتى؛ ياكى بولمىسا ئاتىغۇچى كىشى ئۆزى كاھىن تەرىپىدىن توختىتىلغان پۇلىنى بىۋاسىتە كاھىن-لاۋىيلارغا تاپشۇراتتى. «خومىر» ــ «خومىر»نىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئېشەك كۆتۈرەلىگۈدەك يۈك» بولۇپ، تەخمىنەن 220-300 لىتر. 27:17 «... سەن قانچە توختاتساڭ شۇ بولسۇن» ــ بۇ ئايەتتىكى «سەن» شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتىكى كاھىننى كۆرسىتىدۇ. «ئازادلىق يىلىدىن تارتىپ» ھېسابلىغان باھا بولسا چوقۇم يۇقىرىقى 16-ئايەت بويىچە قانچە خومىر ئۇرۇق چېچىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەللىك ھەسسىسى (توغرىراق، 49 ھەسسىسى) بولغان شەكەل بولىدۇ، دېگەن كۆرسەتمە بىلەن ھېسابلىنىدۇ. 18-19-ئايەتتە باشقا ئەھۋاللار كۆرسىتىلىدۇ. 27:20 «... ياكى باشقا بىرسىگە سېتىپ بەرگەن بولسا،...» ــ «ياكى» دېگەننىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «بىراق». «باشقا بىرسىگە سېتىپ بېرىش» ــ بەلكىم ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باشقا بىرسىگە سېتىش. بەزى شەرھچىلەر مۇشۇ يەرنى «باشقا بىرسىگە ساتقۇچى»نى ئېتىزلىققا مەسئۇل كاھىننى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. 27:21 «مۇتلەق بېغىشلانغان يەرگە ئوخشاش» ــ «مۇتلەق بېغىشلانغان» ئىبرانىي تىلىدا «ھەرەم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ئادەتتە خۇداغا مۇتلەق ئاتالغان نەرسىنىڭ ھېچقانداق ئادەمگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. گاھى ئەھۋالدا «ھەرەم» دەپ بېكىتىلگەن (خۇداغا مۇتلەق ئاتالغان) نەرسىلەر پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىشى كېرەك. 27:25 مىس. 30‏:13؛ چۆل. 3‏:47؛ ئ‍ەز. 45‏:12 27:26 مىس. 13‏:2؛ 22‏:29؛ 34‏:19؛ چۆل. 3‏:13؛ 8‏:17 27:27 «...ئىگىسى سەن توختاتقان قىممەتكە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ،...» ــ بۇ ئايەتتىكى «سەن» شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتىكى كاھىننى كۆرسىتىدۇ. «... بۇ ھايۋان سەن توختاتقان قىممەتكە سېتىلسۇن» ــ «مىس.» 19:34-20ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ. بىرىنچى بەلگىلىمە چۆل-باياۋاندا بولغان ۋاقىتتا ئىناۋەتلىك ئىدى، بۇ ئىككىنچى بەلگىلىمە بولسا زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن ئىناۋەتلىك بولاتتى. 27:28 يە. 6‏:18؛ 7‏:13-26. 27:29 «ئۇ ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك» ــ خۇدا ئۆزى بىر نەرسىنى «بۇ ماڭا «ھەرەم» (مۇتلەق ئاتالغان) بولسۇن» دېگەن بولسا، ئادەتتە شۇ نەرسە يىرگىنچلىك بولۇپ، ھالاكەتكە لايىق ئىدى. «ھەرەم» دېگەن سۆز «يوقىتىش كېرەك بولغان» دېگەن مەنىدە. بىرنەچچە مىساللار تۆۋەندىكى ئايەتلەردە تېپىلىدۇ: ــ «مىس.» 20:22، «چۆل.» 14:18، 2:21-3، «قان.» 15:13، «يە.» 17:6-18، 21. بەزىدە «ھەرەم» خۇداغا ئاتالغان ئېسىل، ياخشى نەرسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 27:30 «... ھەممە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە» ــ «ئەشرە» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە خۇداغا ئاتالغان، مەھسۇلاتلاردىن ئوندىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ. «دانلىق زىرائەتلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دانلىرى».