16
«كافارەت كۈنى»
ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئۆز قېرىندىشىڭ ھارۇنغا: «سەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن پەردىنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئالدىغا ھەر ۋاقىت كەلمە»، دېگىن. چۈنكى مەن «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇتتا ئايان بولىمەن. ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇنۇ يول بىلەن كىرسۇن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياش تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى كەلتۈرسۇن؛ ئۆزى مۇقەددەس كاناپ خالتا كۆڭلەكنى كىيىپ، ئەتلىرىنى ياپىدىغان كاناپ ئىشتاننىمۇ كىيىپ، بېلىگە بىر كاناپ بەلۋاغنى باغلاپ، بېشىغا كاناپ سەللىنى يۆگەپ كەلسۇن. بۇلار مۇقەددەس كىيىملەر بولغاچقا، كىيىشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن.
ئۇ ئىسرائىللارنىڭ جامائىتىدىن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى تاپشۇرۇۋالسۇن. شۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى سۇنۇپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشى كېرەك. ئاندىن ئۇ ئىككى تېكىنى ئېلىپ، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن. ئاندىن ھارۇن بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدا چەك تاشلىسۇن؛ چەكنىڭ بىرىنى «پەرۋەردىگار ئۈچۈن»، يەنە بىرىنى «ئازازەل ئۈچۈن» تاشلىسۇن. ھارۇن پەرۋەردىگارغا چەك چۈشكەن تېكىنى كەلتۈرۈپ، گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 10 لېكىن «ئازازەل»گە چەك چۈشكەن تېكىنى بولسا، كافارەت كەلتۈرۈشى ئۈچۈن چۆلگە ھەيدىلىشكە، شۇنداقلا «ئازازەل»گە ئەۋەتىلىشكە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىرىك قالدۇرۇلسۇن. 11 ئاندىن ھارۇن گۇناھ قۇربانلىقىنى، يەنى ئۆزى ئۈچۈن بولغان تورپاقنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە ئۆزىگە گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان بۇ تورپاقنى بوغۇزلىسۇن؛ 12 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھتىن ئېلىنغان چوغ بىلەن تولغان بىر خۇشبۇيداننى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ يۇمشاق ئېزىلگەن ئېسىل خۇشبۇي ئەتىر بىلەن تولدۇرۇپ، بۇنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ بارسۇن؛ 13 ئاندىن خۇشبۇي ئىس-تۈتىكى ھۆكۈم-گۇۋاھ ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى قاپلىسۇن دەپ، خۇشبۇينى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلمەيدۇ. 14 ئۇ تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئۆز بارمىقى بىلەن كافارەت تەختىنىڭ شەرق تەرىپىگە چېچىپ، كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆز بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ، يەتتە قېتىم سەپسۇن.  
15 ئاندىن ئۇ خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى بوغۇزلىسۇن؛ قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈپ، تورپاقنىڭ قېنىنى قىلغاندەك قىلسۇن، يەنى ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ كافارەت تەختىگە ۋە كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغا چاچسۇن. 16 ئۇ بۇ يول بىلەن مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقىدىن، ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىدىن پاكلايدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ناپاكلىقى ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان جامائەت چېدىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كافارەت قىلسۇن. 17 ئۇ كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندىن تارتىپ ئۇنىڭدىن چىققۇچە ھېچبىر ئادەم جامائەت چېدىرى ئىچىدە بولمىسۇن؛ بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆزى، ئۆيىدىكىلەر ۋە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ.
18 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھقا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭدەك تورپاقنىڭ قېنى بىلەن تېكىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈرسۇن؛ 19 ئۇ بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم سەپسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىدۇ.
 
گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تىرىك تېكە توغرۇلۇق
20 ــ مۇقەددەس جاي، جامائەت چېدىرى ۋە قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تىرىك تېكىنى كەلتۈرسۇن؛ 21 ئاندىن ھارۇن ئىككى قولىنى تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىھلىكلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇلارنى تېكىنىڭ بېشىغا ئارتسۇن؛ ئاندىن ئۇنى يېنىدا تەييار تۇرىدىغان بىر ئادەمنىڭ قولى بىلەن چۆلگە ئەۋەتىۋەتسۇن. 22 بۇ يول بىلەن تېكە ئۇلارنىڭ ھەممە قەبىھلىكلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەمزاتسىز چۆلگە كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن.
 
ئاخىرقى رەسمىيەتلەر
23 ــ ئاندىن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جايغا كىرگەن ۋاقىتتا كىيگەن كاناپ كىيىملىرىنى سېلىپ شۇ يەردە ئۇلارنى قويۇپ قويسۇن. 24 ئۇ مۇقەددەس يەردە ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ تاشقىرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، شۇ يول بىلەن ئۆزى ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. 25 شۇنداقلا ئۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن.
26 «ئازازەل»گە بېكىتىلگەن تېكىنى ئېلىپ بېرىپ قويۇۋەتكەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ. 27 كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلىپ، گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تورپاق بىلەن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تېكىنى بىرسى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە تېزەكلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. 28 ئۇلارنى كۆيدۈرگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ.
 
ئومۇمىي بەلگىلىمىلەر
29 ــ مانا بۇ سىلەرگە بىر ئەبەدىي قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن: ــ ھەر يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە سىلەر ئۆز نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار بولسۇن شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك.    30 چۈنكى شۇ كۈنىدە سىلەرنى پاكلاشقا سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ھەممە گۇناھلىرىڭلاردىن پاك بولىسىلەر. 31 بۇ كۈن سىلەرگە پۈتۈنلەي ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولۇپ، نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتىسىلەر؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر.
32 كىمكى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا كاھىنلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنىپ، خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن بولسا شۇ يول بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئۇ كاناپتىن ئېتىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ تۇرۇپ، 33 ئەڭ مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ قالغان كاھىنلار بىلەن بارلىق خەلقنىڭ جامائىتى ئۈچۈن ھەم كافارەت كەلتۈرىدۇ.
34 بۇ بولسا سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىسىلەر».
شۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.
 
 
16:1 لاۋ. 10‏:1، 2 16:2 مىس. 30‏:10؛ ئىبر. 9‏:7 16:4 «ئەتلىرى» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئەتلىرى» دېگەن سۆز ئەۋرەت، ئۇيات يەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 16:6 ئىبر. 7‏:28،27 16:8 «ئازازەل» ــ ئالىملار «ئازازەل» توغرۇلۇق تۆت پىكىردە بولۇپ كەلگەن: (1) بۇ ئىسىم «تېكە» بىلەن «ھەيدەلمەك» دېگەن سۆزلەرنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، «ھەيدىۋەتگەن تېكە» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ (2) «ۋەيرانە قىلىش» ياكى «ئېلىپ تاشلىنىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ (3) تىك بىر يار؛ (4) بىر خىل جىن-ئالۋاستىنىڭ ئىسمى. بىز بىرىنچى ياكى ئىككىنچى پىكىرگە مايىلمىز (ئىككىلىسى توغرا بولۇشى مۇمكىن). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز. ھېچ بولمىغاندا تۆتىنچى پىكىرنى ئەڭ نامۇۋاپىق دەپ قارايمىز؛ 23-باب ۋە «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ. 16:14 «شەرق(ىي) تەرىپى» ــ ساندۇقنىڭ ئالدى تەرىپى. «كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ» ــ بەلكىم كافارەت تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەر يۈزىگە. 16:14 لاۋ. 4‏:6؛ ئىبر. 9‏:25؛ 10‏:4 16:18 «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھ» ــ (1) مۇقەددەس جايدىكى «خۇشبۇيگاھ» ياكى (2) ھويلىدىكى قۇربانگاھنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە، 20-ئايەتتىكى سۆزلەردىن (ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈچ قىسمى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن) قارىغاندا، مۇقەددەس جايدىكى خۇشبۇيگاھنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 16:22 «... شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن» ــ بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 16:27 لاۋ. 6‏:23؛ ئىبر. 13‏:11 16:29 «نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يەھۇدىي ئەنئەنىلىرى بويىچە بۇ ئىشلار روزا تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. «مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن...» ــ «يەرلىكلەر» قانائان زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ. 16:29 لاۋ. 23‏:27 16:31 «پۈتۈنلەي ئارام ئالىدىغان شابات» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شاباتلارنىڭ شاباتى». 16:32 «خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن» ــ باش كاھىن، دېمەك. 16:34 مىس. 30‏:10؛ ئىبر. 9‏:7