11
ھالال ۋە ھارام جانىۋارلار
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان جانىۋارلار شۇكى: ــ
ھايۋانلار ئىچىدە ھەم تۇياقلىرى پۈتۈن ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەربىرىنى يېسەڭلار بولىدۇ. لېكىن كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ
تۆگە: چۈنكى ئۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس. شۇڭا ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
سۇغۇر بولسا كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
توشقان بولسا بۇمۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
سىلەر شۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگىمۇ تەگمەڭلار. ئۇلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
 
سۇدا ياشايدىغان جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ: ــ سۇدىكى، يەنى دەريا-دېڭىزلاردىكى جانىۋارلاردىن قانىتى ۋە قاسىراقلىرى بولغانلارنى يېيىشكە بولىدۇ؛ 10 لېكىن دەريا-دېڭىزلاردا ياشايدىغان، يەنى سۇلاردا توپ-توپ ئۈزىدىغان بارلىق جانىۋارلاردىن، قاسىراقلىرى ياكى قانىتى بولمىغانلىرىنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن.
11 مەزكۇر جانىۋارلار دەرۋەقە سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن؛ سىلەر ئۇلارنىڭ گۆشىدىن يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يىرگىنچلىك دەپ قاراڭلار. 12 سۇدىكى جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن قانىتى بىلەن قاسىرىقى بولمىغان جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن.
 
ھالال ۋە ھارام قۇشلار
13 ئۇچار-قاناتلاردىن تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە يىرگىنچلىكتۇر؛ ئۇلار يېيىلمەسلىكى كېرەك ۋە سىلەرگە يىرگىنچلىك بولسۇن: ــ يەنى بۈركۈت، قورۇلتاز-تاپقۇشلار، دېڭىز بۈركۈتى، 14 قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 15 ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 16 مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى، 17 ھۇۋقۇش، قارنا، ئىبىس، 18 ئاققۇ، ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ، 19 لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار سىلەرگە ھارام سانالسۇن.
 
ھالال ۋە ھارام ھاشارەتلەر
20 بۇنىڭدىن باشقا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك بولىدۇ. 21 ھالبۇكى، تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ: ــ پۇتى بىلەن ئۈگىلىك پاچىقى بولۇپ، يەر يۈزىدە سەكرىيەلەيدىغانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ؛ 22 بۇلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغانلىرى: ــ چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، قارا چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، تومۇزغا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، چاقچىقىز ۋە ئۇنىڭ خىللىرى. 23 لېكىن تۆت پۇتلۇق بولغان ئۆمىلىگۈچى ھەم ئۇچىدىغان ھەممە باشقا جانىۋارلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن.
 
ئۆلۈكلەر توغرۇلۇق
24 بۇ جانىۋارلاردىنمۇ مۇنداق يول بىلەن ناپاك بولىسىلەر؛ بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 25 كىمدەكىم بۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك ھېسابلىنىدۇ.
26 تۇياقلىرى ئاچىماق، بىراق پۈتۈنلەي بۆلۈنمىگەن ياكى كۆشىمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ھارامدۇر؛ ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە ناپاك سانالسۇن. 27 تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن تاپىنى بىلەن ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ناپاك بولۇپ، ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تەنلىرىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. 28 كىمكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك تۇرىدۇ. بۇ ھايۋانلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
 
29 يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ھارام بولغانلار مۇنۇلار: ــ قارىغۇ زوكور، چاشقان، كەسلەنچۈك ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى، 30 سالما، قىزىل كەسلەنچۈك، تام كەسلەنچۈكى، تۈگۈرۈك كەسلەنچۈك ۋە خامېلېئون قاتارلىقلار ھارام بولىدۇ. 31 بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە سىلەرگە ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ.
32 بۇ جانىۋارلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق نېمىگە چۈشۈپ قالسا شۇ نېمە ناپاك ھېسابلىنىدۇ ــ ھەرقانداق ياغاچ قاچا-قۇچا بولسۇن، كىيىم بولسۇن، تېرە بولسۇن، تاغار بولسۇن، ھەرقانداق ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولسۇن، سۇغا چىلىنىشى كېرەك؛ ئۇلار كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىپ، كېيىن پاك بولىدۇ.
33 بۇلارنىڭ بىرى ساپالدىن ياسالغان ھەرقانداق قاچا ئىچىگە چۈشۈپ قالسا، شۇ قاچا ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ناپاك سانالسۇن ۋە قاچا ئۆزى سۇندۇرۇلسۇن. 34 ئەگەر قاچىدىكى سۇدىن ئاش-تائام ئۈستىگە چاچراپ كەتسە، ئاش-تائام ناپاك سانالسۇن ۋە شۇنداقلا قاچىدىكى ھەرقانداق ئىچىملىكمۇ ناپاك سانالسۇن. 35 ھەرنېمىگە ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسىمۇ، ناپاك سانالسۇن. ئەگەر تونۇر ۋە ئوچاق بولسا، ناپاك بولدى دەپ چېقىۋېتىلسۇن؛ ئۇلار سىلەرگە ھارام بولسۇن. 36 لېكىن شۇنداق ئەھۋالدا بۇلاق ياكى سۇ يىغىلىدىغان كۆلچەك يەنىلا پاك سانىلىدۇ؛ ئەمما بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە ناپاك بولىدۇ. 37 ئەگەر ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى تېرىشقا تەييارلانغان دانلارغا چۈشۈپ قالسا، بۇمۇ يەنىلا پاك سانىلىدۇ. 38 لېكىن ئەگەر داننىڭ ئۈستىگە سۇ قۇيۇلغاندىن كېيىن شۇنداق بىر ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دانلار سىلەرگە ناپاك سانالسۇن.
39 ئەگەر سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 40 كىمكى ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ شۇنداقلا ئۇنداق بىر ئۆلۈكنى كۆتۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك ۋە ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
41 يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلار يىرگىنچلىك سانىلىپ، ھەرگىز يېيىلمىسۇن. 42 قورسىقى بىلەن بېغىرلاپ ماڭىدىغان جانىۋار بولسۇن، يەر يۈزىدە يۈرۈپ تۆت پۇتى بىلەن ياكى كۆپ پۇتلىرى بىلەن ماڭىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەرتۈرلۈكىنى بولسا، ئۇلارنى ھەرگىز يېمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكدۇر.
43 سىلەر بولساڭلار مۇنداق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى يىرگىنچلىك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلارنى ئۇلار تۈپەيلىدىن ناپاك قىلماڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغىنىپ قالىسىلەر؛ 44 چۈنكى مەن خۇدايىڭلاردۇرمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈمگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشىڭلار كېرەك؛ مەن ئۆزۈم مۇقەددەس بولغاچ سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس تۇتۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر ئۆزۈڭلارنى يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق ھەرقانداق جانىۋارلارنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك قىلماڭلار. 45 چۈنكى مەن ئۆز خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ سىلەر مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن.
46 شۇلار بولسا چارپاي بىلەن ئۇچار-قاناتلار، سۇدا يۈرىدىغان ھەربىر جانىۋار بىلەن يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ھەربىر ئۇششاق جانىۋارلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. 47 بۇلار بىلەن ھارام-ھالالنى ئۇقۇپ، يېيىشكە بولىدىغان ھايۋان بىلەن يېيىشكە بولمايدىغان ھايۋانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر.
 
 
11:2 قان. 14‏:4؛ روس. 10‏:14 11:3 «كۆشىگۈچى» ــ مۇشۇ يەردە ئىككى-ئۈچ ئاشقازىنى بار ھايۋانلارنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوزۇقنى يۇمشاق چاينايدىغان بارلىق ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. 11:5 «سۇغۇر» ــ ياكى «سىچقان» ــ تاغلاردا ياشايدىغان كىچىك بىر ھايۋان. 11:13 «قورۇلتاز-تاپقۇشلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇستىخان چاققۇچى قۇش». يەنى بىر تەرجىمىسى «بېلىقئالغۇچ». 11:17 «ھۇۋقۇش» ــ ياكى «كىچىك ھۇۋقۇش». «قارنا» ــ ياكى «سۇغا سۇڭگۈگۈچى». بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. 11:18 «ئاققۇ» ــ بۇنىڭ قانداق قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. «بېلىقئالغۇچ» ــ ياكى «دوغداق» 11:19 «تۇرنا» ــ ياكى «قوتان». «...، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار...» ــ بۇ تىزىملىكتىكى قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى نامى تەۋراتتا پەقەت بىر-ئىككى قېتىم كۆرۈنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايسى قۇشلار ئىكەنلىكىنى توپتوغرا بېكىتىش بەزىدە مۇمكىن بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي تىپلىرى، شۈبھىسىزكى، تەرجىمىمىزدەك بولىدۇ. 11:21 «تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان» ــ ئىبرانىيلارنىڭ كۆزقارىشىچە ھاشارەتلەر تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى «قول» ھېسابلىنىدۇ. 11:23 «سىلەرگە يېيىشكە بولىدىغانلىرى: ــ چېكەتكە ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ... چاقچىقىز ۋە ئۇنىڭ خىللىرى... ھەممە باشقا جانىۋارلار سىلەرگە يىرگىنچلىك سانالسۇن» ــ «چېكەتكە»دىن باشقا، ئىبرانىي تىلىدىن بۇ ھاراشەتلەرنىڭ ناملىرىنى جەزملەشتۈرۈش تەس. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ھالال-ھارام ھايۋانلار ئۈستىدە توختىلىمىز. 11:26 «ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەركىم ئۇلارغا تەگسە...» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنى كۆرسىتىدۇ (24-ئايەتنى كۆرۈڭ). چۈنكى ئالايلى، ئېشەكنى مىنىش ئادەمنى ناپاك قىلمايدۇ. 11:29 «چاشقان» ــ ياكى «سېسىق كۈزەن». 11:30 «...، تۈگۈرۈك كەسلەنچۈك ۋە خامېلېئون قاتارلىقلار» ــ «خامېلېئون»دىن باشقا جانىۋارلارنىڭ ناملىرىنى ئىبرانىي تىلىدىن جەزملەشتۈرۈش تەس. 11:32 لاۋ. 15‏:12 11:44 لاۋ. 19‏:2؛ 20‏:7؛ 1پېت. 1‏:16