2
2-مۇناجات ــ يېرۇسالېمنىڭ جازالىنىشى
|א| (ئالەف) رەب غەزەپ بۇلۇتى بىلەن زىئون قىزىنى شۇنداق قاپلىدى!
ئۇ ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسىنى ئاسماندىن يەرگە چۆرۈۋەتتى،
غەزىپى چۈشكەن كۈنىدە ئۆز تەختىپەرىنى ھېچ ئېسىدە قالدۇرمىدى.
|ב| (بەت) رەب ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرىنى يۇتۇۋەتتى، ھېچ ئايىمىدى؛
ئۇ قەھرى بىلەن يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى؛
ئۇ پادىشاھلىقنى ئەمىرلىرى بىلەن نومۇسقا قويۇپ،
يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.
|ג| (گىمەل) ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى؛
دۈشمەننى توسۇغان ئوڭ قولىنى ئۇنىڭ ئالدىدىن تارتىۋالدى؛
لاۋۇلداپ كۆيگەن ئۆز ئەتراپىنى يەپ كەتكۈچى ئوتتەك،
ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
|ד| (دالەت) دۈشمەندەك ئۇ ئوقياسىنى كەردى؛
ئۇنىڭ ئوڭ قولى ئېتىشقا تەييارلانغانىدى؛
كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈشەندىسى كەبى قىردى؛
زىئون قىزىنىڭ چېدىرى ئىچىدە،
قەھرىنى ئوتتەك ياغدۇردى؛
|ה| (خې) رەب دۈشمەندەك بولدى؛
ئۇ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالدى،
ئوردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇتۇۋالدى؛
ئۇنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنى يوقاتتى،
يەھۇدانىڭ قىزىدا ماتەم ۋە يىغا-زارلارنى كۆپەيتتى.
|ו| (ۋاۋ) ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى؛
ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى؛
پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى خەلقىنىڭ ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى؛
غەزەپ ئوتى بىلەن پادىشاھ ھەم كاھىننى چەتكە قېقىۋەتتى.
|ז| (زائىن) رەب قۇربانگاھىنى تاشلىۋەتتى،
مۇقەددەس جايىدىن ۋاز كەچتى؛
ئۇ زىئوندىكى ئوردىلارنىڭ سېپىللىرىنى دۈشمەننىڭ قولىغا تاپشۇردى؛
ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە،
ئۇلار ھېيت-ئايەم كۈنىدىكىدەك تەنتەنە قىلىشتى!
|ח| (خەت) پەرۋەردىگار زىئون قىزىنىڭ سېپىلىنى چېقىۋېتىشنى قارار قىلغان؛
ئۇ ئۇنىڭغا ھالاك ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان؛
ئۇ قولىنى چېقىشتىن ھېچ ئۈزمىدى؛
ئۇ ھەم ئىستىھكاملارنى ھەم سېپىلنى زارلاتتى؛
ئىككىسى تەڭ ھالسىراپ قايغۇرماقتا.
|ט| (تەت) ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى؛
ئۇ ئۇنىڭ تۆمۈر-تاقاقلىرىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.
پادىشاھى ھەم ئەمىرلىرى ئەللەر ئارىسىغا پالاندى؛
تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق يوقاپ كەتتى،
پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ.
10 |י| (يود) زىئون قىزىنىڭ ئاقساقاللىرى،
يەردە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرماقتا؛
ئۇلار باشلىرىغا توپا-چاڭ چېچىشتى؛
ئۇلار بېلىگە بۆز يۆگىۋېلىشتى؛
يېرۇسالېمنىڭ پاك قىزلىرىنىڭ باشلىرى يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى.
11 |כ| (كاف) مېنىڭ كۆزلىرىم تاراملىغان ياشلىرىمدىن ھالىدىن كەتتى؛
ئىچى-باغرىلىرىم زەرداپغا تولدى؛
جىگىرىم يەر يۈزىگە تۆكۈلۈپ پارە-پارە بولدى،
چۈنكى خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىندى،
چۈنكى شەھەر كوچىلىرىدا نارسىدىلەر ھەم بوۋاقلار ھوشسىز ياتماقتا.
12 |ל| (لامەد) ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا يارىلانغانلاردەك ھالىدىن كەتكەندە،
ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ جان تالاشقاندا،
ئانىلىرىغا: «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» دەپ يالۋۇرۇشماقتا.
13 |מ| (مەم) مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟
سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟
ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟
چۈنكى سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر؛
كىم سېنى ساقايتالىسۇن؟
14 |נ| (نۇن) پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى بىمەنىلىك ھەم ئەخمەقلىقتۇر؛
ئۇلار سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى ھېچ ئاشكارە قىلمىدى،
شۇنداق قىلىپ ئۇلار سۈرگۈن بولۇشۇڭنىڭ ئالدىنى ئالمىدى.
ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر ھەم ئېزىتقۇلۇقلاردۇر.
15 |ס| (سامەق) يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ؛
ئۇلار ئۈشقىرتىپ يېرۇسالېمنىڭ قىزىغا باش چايقاشماقتا: ــ
«گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دەپ ئاتالغان شەھەر مۇشۇمىدۇ؟»
16 |פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ساڭا قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ مازاق قىلماقتا،
ئۇش-ئۇش قىلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتماقتا؛
ئۇلار: «بىز ئۇنى يۇتۇۋالدۇق!
بۇ بەرھەق بىز كۈتكەن كۈندۇر!
بىز بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق!» ــ دېمەكتە.
17 |ע| (ئايىن) پەرۋەردىگار ئۆز نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى؛
قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى؛
ئۇ ھېچ رەھىم قىلماي غۇلاتتى؛
ئۇ دۈشمەننى ئۈستۈڭدىن شادلاندۇردى؛
كۈشەندىلىرىڭنىڭ مۈڭگۈزىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
18 |צ| (تسادە) ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەبگە نىدا قىلماقتا!
ئى زىئون قىزىنىڭ سېپىلى!
ياشلىرىڭ دەريادەك كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن!
ئۆزۈڭگە ئارام بەرمە؛
ياش تامچىلىرىڭ تاراملاشتىن ئارام ئالمىسۇن!
19 |ק| (كوف) تۈن كېچىدە ئورنۇڭدىن تۇر،
كەچتە جېسەك باشلىنىشى بىلەن نىدا قىل!
كۆڭلۈڭنى رەبنىڭ ئالدىغا سۇدەك تۆك؛
نارسىدىلىرىڭنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوللىرىڭنى كۆتۈر!
ئۇلار بارلىق كوچىلىرىڭ دوقمۇشىدا قەھەتچىلىكتىن ھالىدىن كەتمەكتە.
20 |ר| (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، ئويلاپ باققايسەن،
سەن كىمگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باققان؟!
ئاياللار ئۆز مېۋىلىرى ــ ئەركە بوۋاقلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟
كاھىن ھەم پەيغەمبەرنى رەبنىڭ مۇقەددەس جايىدا ئۆلتۈرۈشكە بولامدۇ؟!
21 |ש| (شىين) ياشلار ھەم قېرىلار كوچىلاردا يېتىشماقتا؛
پاك قىزلىرىم ۋە ياش يىگىتلىرىم قىلىچلىنىپ يىقىلدى؛
ئۇلارنى غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە قىردىڭسەن؛
ئۇلارنى ھېچ ئايىماي سويدۇڭسەن.
22 |ת| (تاۋ) سەن ھېيت-بايرام كۈنىدە جامائەتنى چاقىرغاندەك،
مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ؛
پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ كۈنىدە قاچقانلار ياكى تىرىك قالغانلار يوق ئىدى؛
ئۆزۈم ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغانلارنى دۈشمىنىم يەپ كەتتى.
 
 
2:1 «ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسى» ... «(خۇدانىڭ) ئۆز تەختىپەرى» ــ بۇلار خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى كۆزدە تۇتۇشى مۇمكىن. 2:2 «ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرى» ــ «ياقۇپ» مۇشۇ ئايەتلەردە ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى» ــ «قەلئە-قورغانلىرى» بەلكىم يەھۇدانىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 2:3 «ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ پەخرى بولغان ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلىرىنى ياكى باتۇر ئەزىمەتلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۈڭگۈزلەر ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن ئەمەس! «ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى» ــ مۇشۇ يەردە «ياقۇپ» ياقۇپنىڭ (ئىسرائىلنىڭ) زېمىنى ۋە شەھەر-يېزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 2:6 «ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى» ــ «ئۇنىڭ كەپىسى» مۇشۇ يەردە يەنە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ؛ گەرچە ئىبادەتخانا غايەت زور ئىمارەت بولسىمۇ، ئىبادەتخانا خۇدا ئالدىدا پەقەت بىر «كەپە»، ۋاقىتلىق بىر نەرسە، خالاس. «ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى» ــ ياكى «ئۇ ئىبادەت سورۇنىنى يوقىتىۋەتتى». بۇ كېيىنكى تەرجىمە توغرا بولسا، ئۇمۇ ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. «پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى خەلقىنىڭ ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى» ــ «شاباتلار»، (يەنى «شابات كۈنلىرى») ــ «شابات» دەم ئېلىش كۈنى، خۇدا ئىسرائىلغا: سىلەرگە مۇقەددەس كۈن بولسۇن دەپ بېكىتكەن، شەنبە كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. 2:8 «پەرۋەردىگار ... ئۇنىڭغا ھالاك ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان» ــ دېمەك، ھەممىگە قادىر خۇدا يېرۇسالېمنىڭ ھالاك بولۇشىنى ئاللىقاچان تەپسىلىي ئۆلچەپ قويغانىدى. 2:9 «ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى» ــ كونا زامانلاردا شەھەرنىڭ قوۋۇق-دەرۋازىلىرى مۆتىۋەرلەر سوراق قىلىش، نەسىھەت قىلىش، مەسلىھەت بېرىشكە ئولتۇرىدىغان جاي ئىدى (14:5نى كۆرۈڭ). «تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق» ــ ياكى «تەۋرات». ئىبرانىي تىلىدا «تەۋرات» دېگەن سۆز «يوليورۇق»، «تەربىيە» دېگەن مەنىدە. «پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ» ــ «پەيغەمبەرلىرى» خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئەمەس، بەلكى «يەھۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى». بۇ كىنايىلىك گەپ، ئۇ «ساختا پەيغەمبەرلەر»نى كۆرسىتىدۇ (14-ئايەت، «يەر.» 13:14-18نىمۇ كۆرۈڭ)؛ ئەزاكىيال پەيغەمبەر ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەر ئاللىقاچان يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشى توغرۇلۇق ئالدىنئالا تەپسىلىي بېشارەت بەرگەنىدى. 2:12 «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «نان-شاراب نەدە؟». قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن بەلكىم پەقەت شارابلا قالدىمۇ، سۇ يوقمىدۇ؟ 2:13 «مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟ سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟ ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟...» ــ ئايەتتىكى بارلىق سۆزلەر بەلكىم زىئوننىڭ دەرد-ئەلىمىنى ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن (ئاخىرىدا «ياراڭ» توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ). «... سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... سېنىڭ بۆسۈلگەن جايىڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر». 2:14 «سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر» ــ «بېشارەتلەر» ئىبرانىي تىلىدا «يۈكلەر» ياكى «يۈكلىگەن بېشارەتلەر. ئادەتتە «يۈك» دېگەن سۆز بېشارەتنىڭ ئېغىرلىقىنى، ۋەزىنىنى، مۇھىم سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە «يۈك»، شۈبھىسىزكى، ھەجۋىي گەپ بولۇپ، مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ «بېشارەتلىرى» كىشىلەرگە ھېچ ئىلھام ياكى مەدەت بەرمەي، ئەكسىچە، ئەمەلىيەتتە، ئادەملەرگە «ئېغىر يۈك» ئارتىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. «ئېزىتقۇلۇق»نىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «چىقىرىشقا (يەنى، سۈرگۈن بولۇشقا) سەۋەبچى» دېگەن بولىدۇ. 2:15 «يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ» ــ بۇ «چاۋاكلىشىش» مەسخىرە قىلىشنى بىلدۈرسە كېرەك. يەرۇسالېمنى كۈرسىتىغان «گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى» «پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دېگەن ئىبارىلەر «زەب.» 2:50 ۋە 2:48دىن ئېلىنغان. 2:17 «قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى...» ــ پەرۋەردىگار ئۇزۇندىن بۇيان (مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدىن تارتىپ) ئىسرائىلغا بۇتپەرەسلىك ۋە ئىتائەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنىدى. 2:18 يەر. 14‏:17؛ يىغ. 1‏:16 2:20 يىغ. 4‏:10 2:22 «مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ» ــ «يەر.» 3:20 ۋە 10نى كۆرۈڭ.