7
ئەيسانىڭ رىملىق يۈزبېشىنىڭ چاكىرىنى ساقايتىشى
مات. 8‏:5-13؛ يـۇھ. 4‏:43-54
ئەيسا كۆپچىلىككە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتا كىردى. ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى. يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا:
ــ بۇ ئىشنى تىلىگۈچى بولسا، تىلىكىنى ئىجابەت قىلىشىڭىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئادەم. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ يەھۇدىي ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، ــ دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى.
ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى:
ــ «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن. شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، قۇلۇم ساقىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ».
ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈزبېشىغا تەئەججۈبلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا:
دەرۋەقە، ھەتتا ئىسرائىلدىمۇ بۇنداق زور ئىشەنچنى تاپالمىغانىدىم! ــ دېدى.
10 يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى.
 
تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرۈش
11 بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ نائىن دېگەن بىر شەھەرگە باردى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە يەنە توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 12 ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى. 13 رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ:
ــ يىغلىمىغىن، ــ دېدى. 14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ:
ــ يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! ــ دېدى.    15 ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. ئەيسا ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
16 ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ:
ــ «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ دېيىشتى.  
17 ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.
 
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىشى
مات. 11‏:2-19
18 يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ئەمدى بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھيا مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئۆزىگە چاقىرىپ، 19 ئۇلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
20 ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:
ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سەندىن: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە يېنىڭغا ئەۋەتتى ــ دېدى.
21 دەل شۇ ۋاقىتتا ئەيسا ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەل-ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى. 22 شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا:
ــ سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ ــ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار. 23  ئۇنىڭغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
24 يەھيانىڭ ئەلچىلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ:
ــ «سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟ 25 ياكى ئېسىل كىيىم كىيگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ!
26 ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ بولسا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر. 27 چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى: ــ
«مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛
ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ يېزىلغان سۆز مانا دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغاندۇر.    28 چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى يوق؛ ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ 29 (ئەمدى يەھيانى ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. 30 لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى).
31 لېكىن بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟ 32 ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ. 33 چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىسىلەر.    34 ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا سىلەر: «تازا بىر تويماس ۋە مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستىدۇر» دېيىشىسىلەر. 35 لېكىن دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ».
 
گۇناھكار ئايالنىڭ ئەيسانى ئەتىرلىشى
36 پەرىسىيلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆيۈمدە مېھمان بولسىڭىز دەپ ئۆتۈندى. ئەمدى ئۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كىرىپ داستىخاندا ئولتۇردى.    37 ۋە مانا، ئۇ شەھەردە بۇزۇق دەپ تونۇلغان بىر ئايال ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا مۇرمەككى ئېلىپ كەلدى. 38 ئۇ يىغلىغان پېتى ئۇنىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى قىلىپ، پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن چاچلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى توختىماي سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى. 39 ئەمدى ئۇنى چاقىرغان پەرىسىي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئىچىدە: «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە تېگىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كىم ۋە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ بىر بۇزۇق!» دەپ ئويلىدى.
40 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
سىمون، ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار، ــ دېدى.
ــ ئېيتىڭ، ئۇستاز، ــ دېدى سىمون.
41 ــ ئىككى ئادەم مەلۇم بىر قەرز ئىگىسىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش دىنارغا، يەنە بىرى بولسا ئەللىك كۈمۈش دىنارغا قەرزدار ئىكەن. 42 لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرغىلى ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۇنى بەكرەك سۆيىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئەيسا.
43 سىمون جاۋابەن: ــ مېنىڭچە، قەرزى كۆپرەك كەچۈرۈم قىلىنغان كىشى، ــ دېدى.
ــ توغرا ھۆكۈم قىلدىڭ، ــ دېدى ئەيسا. 44 ئاندىن ھېلىقى ئايالغا بۇرۇلۇپ، سىمونغا:
ــ بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ مەن ئۆيۈڭگە كىرگىنىم بىلەن، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ؛ لېكىن ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى ۋە چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. 45 سەن مېنى سالام بېرىپ سۆيمىدىڭ؛ لېكىن ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈشتىن توختىمىدى. 46 سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ؛ بىراق ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمغا مۇرمەككىنى سۈركەپ قويدى. 47 شۇڭا شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى. چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ ئەمما كەچۈرۈمى ئاز بولغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ــ دېدى.
48 ئاندىن ئۇ ئايالغا:
ــ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.
49 ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلار كۆڭلىدە: «كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلغۇچى بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى.
50 ئەيسا ھېلىقى ئايالغا:
ــ ئېتىقادىڭ سېنى قۇتقۇزدى؛ ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن قايتقىن! ــ دېدى.
 
 
7:3 «... ئەيسانىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن...» ــ گرېك تىلىدا «قۇتقۇزۇش» ۋە «ساقايتىش» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى» ــ يۈزبېشى رىملىق پۇقرا بولۇپ، يەھۇدىي ئەمەس ئىدى. 5-ئايەتكە قارىغاندا ئۇ رىملىقلارنىڭ بۇتپەرەسلىكىنى تاشلاپ، تەۋرات ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد باغلىغان ئادەم ئىدى. 7:6 «تەقسىر» ــ ياكى «رەب». 7:8 «چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن» ــ مۇھىم سۆز «مەنمۇ» ــ دېمەك، يۈزبېشى رىم ئىمپېراتورنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۆز ھوقۇقى بىلەن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيتتى؛ ئەيسا ئالەم ئىگىسىنىڭ ھوھۇقى ئاستىدا تۇرۇپ، ھەممىگە قادىرنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئالەمنىڭ ئىشلىرىنى بۇيرۇيدىغان ئادەم ئىدى. 7:10 «يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى» ــ بۇ ۋەقە «مات.» 8:8-13دىمۇ خاتىرىلىنىدۇ. 7:14 «ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە جىنازىغا تېگىش كىشىنى يەتتە كۈنگىچە «ناپاك» قىلاتتى («چۆل.» 11:19-12نى كۆرۈڭ). بىراق ئۆلگىنىنى تىرىك قىلىش ھەممە ئىشنى باشقىچە قىلىدۇ! 7:14 روس. 9‏:40. 7:16 «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ تەۋرات ۋە ئىنجىلدا «خۇدانىڭ يوقلىشى» ئۇنىڭ ئىنسانلارغا يېقىن كېلىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 7:16 لۇقا 1‏:68؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 4‏:19؛ 6‏:14؛ 9‏:17. 7:18 مات. 11‏:2. 7:19 «كېلىشى مۇقەررەر زات» ــ خۇدا ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ، ئەلۋەتتە. يەھيا ئۆزى مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ «سەن بىز كۈتكەن كىشىمۇسەن» دەپ گۇمانلىنىپ سورايدۇ. «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ يەھيا پەيغەمبەر شۇ مۇخلىسلىرىنى ئەۋەتكەندە زىنداندا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم: «ئەيسا ھەقىقەتەن قۇتقۇزغۇچى بولسا، نېمىشقا ئۇ مېنى مۇشۇ زىنداندا يېتىشقا يول قويىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن ئىدى. «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»دە بۇ ئىش («مات.» 2:11-6) توغرۇلۇق ئىزاھاتلىرىمىزنى كۆرۈڭ. 7:22 يەش. 29‏:18؛ 35‏:5؛ 61‏:1. 7:23 «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» ــ يەھيا پەيغەمبەر زىنداندا يېتىپ: «ئەيسا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ بولسا نېمىشقا مېنى زىنداندىن قۇتقۇزمىغان؟» ــ دەپ گۇمانلانغان بولسا كېرەك ئىدى. يەھيانىڭ بۇ سوئالى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 7:24 مات. 11‏:7. 7:27 «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ تەۋرات، «مال.» 1:3؛ «يەش.» 3:40. 7:27 مىس. 23‏:20؛ مال. 3‏:1؛ مار. 1‏:2. 7:29 «ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى» ــ «خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ» گرېك تىلىدا «خۇدانى توغرا دەپ...» دېگەن ئىبارىنى بىلدۈرىدۇ. 7:31 مات. 11‏:16. 7:33 «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، شاراب ئىچمەيتتى» ــ گرېك تىلىدا «چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ نە نان يېمەيدۇ نە ئىچمەيدۇ». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەھيا پەيغەمبەر ئىنتايىن غورىگىل ئوزۇقلىناتتى، پات-پات روزا تۇتاتتى. «مات.» 4:3نى كۆرۈڭ. 7:33 مات. 3‏:4؛ مار. 1‏:6. 7:35 «دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ» ــ ياكى «دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش-مېۋىلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». بۇ قىسقا ئايەت ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىكى كۆپ مۇھىم پرىنسىپلار توغرىسىدا «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 7:36 «... داستىخاندا ئولتۇردى» ــ گرېك تىلىدا «داستىخاندا ياتتى». يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەر ئادەتتە داستىخاندا يانپاشلاپ ياتاتتى. 7:36 مات. 26‏:6؛ مار. 14‏:3؛ يـۇھ. 11‏:2؛ 12‏:2. 7:37 «مۇرمەككى» ــ بۇ خىل ئەتىر. ئۇ ئادەتتە ئىنتايىن قىممەت ئىدى (مەسىلەن، «مات.» 7:26نى كۆرۈڭ). 7:41 «كۈمۈش دىنار» ــ رىم ئىمپېرىيەسنىڭ پۇل بىرلىكى، تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى بولاتتى. 7:46 «سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ» ــ شۇ دەۋردە كىشىلەر ھۆرمەتلىك مېھمانلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن مېھماننىڭ بېشىغا ئەتىرلىك ماينى سۈركەپ قوياتتى. 7:47 «چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟» ــ بۇ ئايالنىڭ مۇھەببىتى خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۇنىڭ ئاللىقاچان خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى ۋە شۇنداقلا بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسەتتى. 7:48 مات. 9‏:2. 7:49 مات. 9‏:3. 7:50 «ئېتىقادىڭ سېنى قۇتقۇزدى» ــ «ئېتىقادىڭ» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، ئەيسا بۇ سۆز بىلەن ئايالنىڭ ئۆزىگە باغلىغان ئىشەنچىنى، يەنى ئۇنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالايدىغان مەسىھ ئىكەنلىكىگە باغلىغان ئىشەنچىنى كۆرسىتىدۇ.