11
دۇئا قىلىش توغرىسىدىكى تەلىم
مات. 6‏:9-15
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى؛ دۇئا ئاياغلاشقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭدىن:
ــ ئى رەب، يەھيا ئۆز مۇخلىسلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سەنمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگەتسەڭ، ــ دېدى.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار:
 
«ئى ئاتا،
سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي.
سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي.
ھەر كۈنلۈك نېنىمىزنى بىزگە ھەركۈنى بەرگەيسەن.
بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك،
سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.
بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن».
 
ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ بىر دوستى بولۇپ، يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ئەي دوستۇم، ماڭا ئۈچ نان ئۆتنە بەرگىن؛ چۈنكى ماڭا سەپەردىن بىر دوستۇم كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك بىر نەرسەم قالماپتۇ، دېسە، ئۇ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ: «مېنى ئاۋارە قىلمىغىن، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ. ساڭا ئېلىپ بېرىشكە قوپالمايمەن»، دېيىشى مۇمكىن. سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، گەرچە ئۇ ئۇنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرىشكە ئورنىدىن تۇرمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن ئۇ چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، قانچە لازىم بولسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ئېيتايكى، تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. 10 چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ. 11 ئاراڭلاردا ئاتا بولغۇچىلار ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ 12 تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ 13 ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتا ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى تېخىمۇ ئاتا قىلماسمۇ؟
 
ئەيسا «بەئەلزەبۇل»، يەنى شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر
مات. 12‏:22-30؛ مار. 3‏:20-27
14 ئەمدى ئۇ بىر كىشىدىن «ئادەمنى گاچا قىلغۇچى» جىننى ھەيدىۋەتكەندە، شۇنداق بولدىكى، جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى.    15 بىراق ئۇلاردىن بەزىلىرى: «ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» ــ دېدى.    16 ۋە باشقا بەزىلەر ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلغىلى تۇردى. 17 لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ۋە ھەرقانداق ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. 18 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ چۈنكى سىلەر مېنى، «جىنلارنى بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دەيسىلەر. 19 ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن!


20 لېكىن مەن خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن جىنلارنى قوغلىسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولغان بولىدۇ. 21 تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئامان قالىدۇ؛ 22 لېكىن ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلىپ ئۆزىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.
23 مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە ئادەملەرنى يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر.
 
24 ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن، ئۇ قۇرغاق جايلارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ؛ بىراق تاپالمىغاندىن كېيىن، «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي!» دەيدۇ.    25  شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، 26 بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە روھنى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ.  
 
ھەقىقىي بەخت
27 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
ــ سېنى كۆتۈرگەن قورساق ۋە ئېمىتكەن ئەمچەك بەختلىكتۇر! ــ دېدى.
28 بىراق ئۇ جاۋابەن: ــ بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! ــ دېدى.
 
كارامەت كۆرسىتىش تەلىپى
مات. 12‏:38-42؛ مار. 8‏:12
29 شۇ چاغدا، توپ-تاپ ئادەملەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، ئۇ مۇنداق سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ بۇ دەۋر دەرۋەقە رەزىل بىر دەۋردۇر؛ ئۇ مۆجىزىلىك بىر ئالامەتنىڭ كۆرىستىلىشنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇنىڭغا «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق ئىككىنچى بىر ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ.    30 چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەرگە ئالامەت-كارامەت بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ بۇ دەۋرگە يەنە شۇنداق بولىدۇ.
31 قىيامەت كۈنى «جەنۇبتىن كەلگەن ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ.
  
32 قىيامەت كۈنى نىنەۋەلىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەر جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ!  
 
خۇدانىڭ يورۇقلۇقىنى كىشىلەر پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك
مات. 5‏:15؛ 6‏:22-23
33 ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۇنى يوشۇرۇن جايدا قويماس، ياكى ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ.   
34 تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ.    35 شۇنىڭ ئۈچۈن ھېزى بولغىنكى، ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن! 36 ئەمدى ئەگەر بارچە ۋۇجۇدۇڭ يورۇق بولسا ۋە ئۇنىڭ ھېچ يېرى قاراڭغۇ بولمىسا، ۋۇجۇدۇڭ خۇددى چىراغ پارلاق نۇرى بىلەن سېنى يورۇتقاندەك تامامەن ئايدىڭ بولىدۇ.
 
پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ساختىپەزلىكىنى ئەيىبلەش
مات. 23‏:1-36؛ مار. 12‏:38-40؛ لۇقا 20‏:45-47
37 ئەيسا سۆز قىلىۋاتقاندا، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە غىزاغا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. 38 لېكىن ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇمىغىنىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. 39 لېكىن رەب ئۇنىڭغا:
ــ ئەمدى سىلەر ئەي پەرىسىيلەر، چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئىچىڭلار ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە رەزىللىككە تولغاندۇر.
40 ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقۇچى ئىچىنىمۇ ياراتقان ئەمەسمۇ؟! 41 ئەمدى ئۆز ئىچ-ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ.  
42 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز بىلەن سۇزاپنىڭ ۋە ھەرخىل دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق ئادالەت ۋە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالماي كېتىۋېرىسىلەر. دەرۋەقە، ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك.  
43 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە بولغان ھۆرمەتلىك سالاملىرىغا ئامراقسىلەر.    44 سىلەرگە ۋاي! چۈنكى سىلەر خۇددى كىشىلەر كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ سېلىپمۇ سەزمەي ئۆتۈپ كەتكەن گۆرلەرگە ئوخشايسىلەر! ــ دېدى.  
45 تەۋرات ئەھلىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا:
ــ ئۇستاز، بۇلارنى ئېيتقىنىڭ بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! ــ دېدى.
46 ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى سىلەر كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويسىلەر-يۇ، ئەمما ئۆزۈڭلار بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىڭلارنى تەگكۈزمەيسىلەر!    47 سىلەرگە ۋاي! چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆلتۈردى. 48 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار قىلغانلىرىغا رازى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر. 49 بۇ سەۋەبتىنمۇ خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ».    50‏-51 شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزلىرى، يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان كاھىن زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋردىن ئېلىنىدىغان بولىدۇ!  
52 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى ھېكمەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار ۋە كىرەي دېگەنلەرنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار.
53 ئۇ شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىشلارنى مۇزاكىرىلىشىشكە قىستىدى 54 ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا سۆزىدىن بىرەر ئەيىب تېپىۋېلىشقا پايلاپ يۈرەتتى.
 
 
11:4 «بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك...» ــ بۇ ئايەتتىكى «قەرز» چوقۇم گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ. 11:7 «بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ» ــ ياكى «بالىلىرىم ھەممىمىز يېتىپ قالدۇق». 11:8 «ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن...» ــ «خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى» گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 11:9 مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 15‏:7؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5، 6؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. 11:11 مات. 7‏:9. 11:14 «جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى» ــ ئۇلارنىڭ ھەيران بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى، يەھۇدىي ئۆلىمىلارنىڭ پىكرىچە، جىننى ھەيدەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى جىندىن سوراش كېرەك. جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئىسمىنى ئېيتسا، ئاندىن شۇ ئىسمىنى ئىشلىتىپ جىننى ھەيدىگىلى بولاتتى. ئەمدى جىن ئادەمنى گاچا قىلىپ قويغان بولسا، جىننىڭ ئىسمىنى بىلىش، شۇنداقلا ئۇنى ھەيدەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 11:14 مات. 9‏:32؛ 12‏:22. 11:15 «ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» ــ «بەئەلزىبۇل» (ياكى، «بەئەلزىبۇب») جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتاننى كۆرسىتىدۇ. 11:15 مات. 9‏:34؛ 12‏:24؛ مار. 3‏:22. 11:16 «بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ...» ــ ئۇلار تەلەپ قىلغان «مۆجىزىلىك ئالامەت» ئەيسانىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر كارامەتنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 11:17 مات. 12‏:25؛ مار. 3‏:24. 11:19 «ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ بۇ سۆزنىڭ ئىككى شەرھى بار: ــ (1) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ پەرىسىيلەرنىڭ ئۆز تالىپ-ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا پەرىسىيلەر ۋە ئەگەشكۈچىلىرى جىنلارنى ھېچ ھەيدىيەلمەيتتى. ئۇنداقتا شەيتاننىڭ پادىشاھلىقىغا ھەقىقىي ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئەيسا ۋە مۇرىتلىرىمۇ، ياكى پەرىسىيلەرمۇ؟ پەرىسىيلەرنىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ تەرىپىدە تۇرغانلىقى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جىننى ھەيدەشكە كۈچسىز بولغانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى. (2) «سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار» ــ بۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى (ئىسرائىللارنىڭ ئوغۇللىرىنى) كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئەيسالا ئەمەس، ئۇلارمۇ جىنلارنى ھەيدىيەلەيدىغان بولغان؛ شۇڭا ئۇلارمۇ ئەيسانىڭ خۇدانىڭ كۈچى بىلەن جىن-شەيتانلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىغا ئىسپات بېرەتتى. بىزنىڭچە (1)-كۆزقاراش توغرا. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 11:20 «مەن خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن جىنلارنى قوغلىسام...» ــ «خۇدانىڭ بارمىقى» ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ لېكىن جىنلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خۇدا پۈتكۈل بېلىكىنى ئەمەس، پەقەت «بارمىقى»نى ئازراق مىدىرلىتىپ قويسىلا كۇپايە. 11:22 «تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئامان قالىدۇ... » ــ (10-ئايەت) بۇ تەمسىلدىكى «كۈچتۈڭگۈر ئادەم» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى»، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ. 11:24 «ناپاك روھ» ــ جىننى كۆرسىتىدۇ. 11:24 مات. 12‏:43. 11:26 «ناپاك روھ....بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە روھنى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ» ــ بۇ تەمسىل ھەم جىن چاپلىشىشتىن قۇتقۇزۇلغان ئادەمنىڭ ھەقىقىي بىر خەتىرىنى ۋە شۇنداقلا كۆچمە مەنىدە يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «ماتتا»دىكى («مات.» 43:12-45 توغرىسىدا) «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 11:26 يـۇھ. 5‏:14؛ ئىبر. 6‏:4، 5؛ 10‏:26؛ 2پېت. 2‏:20. 11:28 مات. 7‏:21؛ يـۇھ. 6‏:29؛ رىم. 2‏:13. 11:29 «... بۇنىڭغا «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق ئىككىنچى بىر ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ» ــ «مات.» 39:12-40-ئايەتلەرگە قارالسۇن («يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ياتقاندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ كېچە-كۈندۈز يەرنىڭ باغرىدا ياتىدۇ»). 11:29 يۇن. 2‏:1،11. 11:31 «جەنۇبتىن كەلگەن ئايال پادىشاھ» ــ «شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى»نى كۆرسىتىدۇ («1پاد.» 1:10-10نى كۆرۈڭ). «شەبا» بەلكىم جەنۇبىي ئەرەبىستاننى كۆرسىتىدۇ. 11:31 1پاد. 10‏:1؛ 2تار. 9‏:1؛ مات. 12‏:42. 11:32 «قىيامەت كۈنى نىنەۋەلىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەر جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ!» ــ بۇ ئايەتلەر (29، 30 ۋە 32-)دە ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ ئىچىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ تىرىك چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. تەۋرات، «يۇنۇس» 1-2-بابلارنى ۋە شۇ كىتابتىكى «يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئالامەت-كارامىتى» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ» ــ دېمەك، «بۇتپەرەس نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى بولغان مەسىھ سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار». 11:32 يۇن. 3‏:5. 11:33 «...ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس» ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «ئۆلچەم سېۋەت». 11:33 مات. 5‏:15؛ مار. 4‏:24؛ لۇقا 8‏:16. 11:34 «ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا» ــ گرېك تىلىدا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار: ــ (1) «بىر، بۆلۈنمەس، بىرلەشكەن، ساق»؛ (2) «سېخىي» دېگەن مەنىسى بار. دېمەك، شۇنداق بولغاندا «ساپ» دېگەن سۆزنىڭ تولۇق مەنىسى «كۆزۈڭ خۇداغىلا قارىسا...» ۋە «سەن ئۆزۈڭ سېخىي بولساڭ....» دېگەن بولىدۇ. «ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا،...» ــ «خۇنۈك» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا ھەم «رەزىل» ھەم «ساق ئەمەس، ئاجىز، كېسەل» دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ» ــ تەۋرات، «پەند.» 27:20نى كۆرۈڭ. 11:34 مات. 6‏:22. 11:35 «شۇنىڭ ئۈچۈن ھېزى بولغىنكى، ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن!» ــ مۇشۇ سىرلىق گەپ ساختىپەزلىكنى كۆزدە تۇتىدۇ. چۈنكى بىرسى ساختىپەزلىكنى قىلىپ: «مەندە يورۇقلۇق (ھەقىقەت) بار» دەپ تۇرۇۋالسا، ئاخىر بېرىپ چوقۇم ئۆز-ئۆزىنى ئالدايدۇ؛ ئاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بولغان قاراڭغۇلۇق ئادەتتىكى «گۇناھكار» كىشىلەردە بولغان قاراڭغۇلۇقتىن تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىشىلەردە بولغان «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇقتۇر. مۇنداق ساختىپەزلىك ئادەتتە پەقەت مەلۇم ئېتىقادى بار كىشىلەر ياكى دىندارلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ. 11:37 «...داستىخاندا ئولتۇردى» ــ گرېك تىلىدا «...داستىخاندا ياتتى». يەھۇدىي خەلقى داستىخاندا يانپاشلاپ ياتاتتى. 11:38 «ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇمىغىنىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى» ــ يەھۇدىي خەلقى «تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش» پەقەت سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانلارغا بىر خىل دىنىي ساۋاب يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇنداق قىلماسلىق ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قالدۇرغان قائىدە-يوسۇنلىرىغا سەل قاراپ ئۇلارغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىككە باراۋەر ئىدى. شۈبھىسىزكى، مەسىھ شۇ چاغدا قەستەن قول يۇماي داستىخاندا ئولتۇرغانىدى. 11:39 مات. 23‏:25؛ تىت. 1‏:15. 11:41 «ئۆز ئىچ-ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پىيالە ئىچىدىكىدىن سەدىقە بېرىڭلار، ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ». لېكىن بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە مەسىھ ئىنساننىڭ ئۆز ئىچىنى خۇداغا بېغىشلاش كېرەكلىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 11:41 يەش. 58‏:7؛ دان. 4‏:24؛ لۇقا 12‏:33. 11:42 «سىلەر پەرىسىيلەر ھەتتا يالپۇز بىلەن سۇزاپنىڭ ۋە ھەرخىل دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا تەۋرات قانۇنىدا ئىبادەتخانىدىكى ئىشلار ۋە كاھىنلارنىڭ كىرىمى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن «ئوندىن بىر ئۈلۈشى»نى تەلەپ قىلغانىدى. «بىراق ئادالەت ۋە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالماي كېتىۋېرىسىلەر» ــ ئەيسانىڭ «خۇدانىڭ مۇھەببىتى» دېگىنى ھەم خۇدا ئىنسانلارغا باغلىغان مۇھەببەت ھەم ئىنسانلار خۇداغا باغلاش كېرەك بولغان مۇھەببەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك. 11:42 1سام. 15‏:22؛ ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 9‏:13؛ 12‏:7؛ 23‏:23. 11:43 «سىلەر پەرىسىيلەر... بازارلاردا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە بولغان ھۆرمەتلىك سالاملىرىغا ئامراقسىلەر» ــ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز «ئۇستازلىرى»غا قىلغان «سالاملار»نى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز. 11:43 مات. 23‏:6؛ مار. 12‏:38؛ لۇقا 20‏:46. 11:44 «...سىلەر خۇددى كىشىلەر كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ سېلىپمۇ سەزمەي ئۆتۈپ كەتكەن گۆرلەرگە ئوخشايسىلەر!» ــ يەھۇدىي موللىلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا شەرھ بېرىشىچە «قەبرىلەرگە تېگىش» ئادەمنى كەچ كىرگۈچە «ناپاك» قىلاتتى، يۇيۇنۇش كېرەك ئىدى. 11:44 مات. 23‏:27. 11:46 «سىلەر كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويسىلەر-يۇ،...» ــ «ئېغىر يۈكلەر» ھەر تۈرلۈك قاتتىق دىنىي قائىدە-يوسۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. 11:46 يەش. 10‏:1؛ مات. 23‏:4؛ روس. 15‏:10. 11:47 مات. 23‏:29. 11:48 «ئۇلار ، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر» ــ يەھۇدىي خەلقى دائىم «ئۇلۇغ ئاتا-بوۋىلىرىمىز» «ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مۇقەددەس قائىدە-يوسۇنلار» دەيتتى. ئۇلار مۇشۇ «ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان مۇقەددەس قائىدە-يوسۇنلار»غا چىڭ ئېسىلىۋالاتتى، لېكىن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيتتى، ۋە ئۇلارنىڭ ھازىر ئاتا-بوۋىلىرىدەك خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە، ھەتتا قۇتقۇزغۇچى-مەسىھگە بولغان زىيانكەشلىكلىرى توغرۇلۇق ھېچ ئويلانمايتتى (49-ئايەتنى كۆرۈڭ). 11:49 ««خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ»» ــ بۇ سۆزلەر مەلۇم پەيغەمبەر ئېيتقان سۆز بولمىغىنى بىلەن، ئۇ كۆپ بېشارەتلەرنىڭ يىغىنچاقلىنىشىدۇر. 11:49 مات. 10‏:16؛ لۇقا 10‏:3؛ يـۇھ. 16‏:2؛ روس. 7‏:51؛ ئىبر. 11‏:35. 11:50‏-51 «يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان كاھىن زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر...» ــ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق «يار.» 8:4-11نى، زەكەرىيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق «2تار.» 20:24-22نى كۆرۈڭ. بۇ ئىككى ۋەقە يەھۇدىيلارنىڭ تەۋراتنى ئەنئەنىۋى ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بويىچە تەۋراتنىڭ ئەڭ بېشىدا ۋە ئەڭ ئاخىرىغا قويۇلىدۇ. 11:50‏-51 يار. 4‏:8؛ 2تار. 24‏:21؛ ئىبر. 11‏:4. 11:52 مات. 23‏:13. 11:53 «ئۇ شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن...» ــ ياكى «ئۇ بۇلارنى ئېيتقاندا،...».