17
ھوشىيا ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىدا، ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ لېكىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىدەك ئۇنداق رەزىللىك قىلمايتتى.
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىققاندا، ھوشىيا ئۇنىڭغا بېقىنىپ سوۋغا-سالام بەردى. ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ ئاسىيلىق قىلماقچى بولغىنىنى بايقىدى؛ چۈنكى ھوشىيا بۇرۇنقىدەك ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا يىللىق سوۋغا-سالام يوللىماي، بەلكى مىسىرنىڭ پادىشاھى سوغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، باغلاپ زىندانغا سولىۋەتتى. ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى چىقىپ پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىنى تالان-تاراج قىلىپ، سامارىيەنى ئۈچ يىلغىچە قامال قىلدى. ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سامارىيەنى ئىشغال قىلىپ، ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنى خالاھ شەھىرى، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرى ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى.
 
ئىسرائىل، يەنى شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ گۇناھلىرى ۋە جازالىنىشى ــ خۇلاسە
مانا، شۇنداق ئىشلار بولدى؛ چۈنكى ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگار خۇداسىغا گۇناھ قىلىپ باشقا ئىلاھلاردىن قورقۇپ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرى ئۆزلىرى چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلىرىدە ماڭغانىدى. ۋە ئىسرائىللار ئۆز پەرۋەردىگار خۇداسىغا قارشى چىقىپ، يوشۇرۇنلارچە توغرا بولمىغان ئىشلارنى قىلدى؛ ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىدە كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە «يۇقىرى جايلار»نى ياسىدى. 10 ئۇلار ھەممە ئېگىز دۆڭلەردە ۋە ھەممە كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «بۇت تۈۋرۈك» ۋە «ئاشەراھ» بۇتى تۇرغۇزدى. 11 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان يات ئەللىكلەر قىلغاندەك، ئۇلار ھەممە «يۇقىرى جايلار»دا خۇشبۇي ياقاتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ھەرخىل رەزىل ئىشلارنى قىلاتتى. 12 گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ «بۇ ئىشنى قىلماڭلار!» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا بېرىلىپ كەتكەنىدى.
13 پەرۋەردىگار ھەممە پەيغەمبەرلەر بىلەن ھەممە ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەم ئىسرائىلنى ھەم يەھۇدانى ئاگاھلاندۇرۇپ: رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تاپىلانغان ۋە قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە تەستىقلىغان پۈتۈن قانۇنغا بويسۇنۇپ، مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار، دېگەنىدى.    14 لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، پەرۋەردىگار خۇداسىغا ئىشەنمىگەن ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك، بويۇنلىرىنى قاتتىق قىلدى. 15 ئۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى ۋە ئۇلارغا تاپشۇرغان ئاگاھ-گۇۋاھلارنى چەتكە قاققان؛ ئۇلار ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆزلىرى ئەرزىمەس بولۇپ چىقتى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ ئەتراپىڭلاردىكى ئەللىكلەرنىڭ قىلغىنىدەك قىلماڭلار، دېگەن دەل شۇ ئەللەرگە ئەگىشىپ، رەزىللىك قىلاتتى. 16 ئۇلار خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇيما مەبۇدلارنى، يەنى ئىككى موزاينى قۇيدۇردى، بىر «ئاشەراھ بۇت» قىلدۇردى، ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە بائالنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.    17 ئۇلار ئۆز ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى، پالچىلىق ۋە جادۇگەرلىك ئىشلەتتى، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى سېتىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.    18 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ يەھۇدانىڭ قەبىلىسىدىن باشقا ھېچقايسىسى ئۆز زېمىنىدا قالدۇرۇلمىدى.
19 لېكىن يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتمىدى، بەلكى ئىسرائىل چىقارغان قائىدە-بەلگىلىمىلەر ئىچىدە ماڭدى. 20 ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ بارلىق نەسلىنى چەتكە قاقتى؛ ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن تاشلىغان كۈنىگىچە زېمىنىدا خارلىققا قالدۇرۇپ، بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 21 ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن تارتىۋالغانىدى. ئۇلار نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنى پادىشاھ قىلدى ۋە يەروبوئام بولسا ئىسرائىلنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇلارنى ئېغىر بىر گۇناھقا پاتقۇزۇپ ئازدۇردى.    22 ئىسرائىللار يەروبوئامنىڭ قىلغان ھەممە گۇناھلىرىدا يۈرۈپ، ئۇلاردىن چىقمىدى. 23 ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىلنى ئۆز نەزىرىدىن نېرى قىلدى؛ ئىسرائىللار ئۆز يۇرتىدىن ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇ يەردە بۈگۈنگە قەدەر تۇرۇپ كەلدى.
24 ئەمما ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى بابىل، كۇتتاھ، ئاۋۋا، خامات ۋە سەفارۋائىمدىن خەلقنى يۆتكەپ ئىسرائىلنىڭ ئورنىغا سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىگە ماكانلاشتۇردى. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن سامارىيەگە ئىگىدارچىلىق قىلىپ شەھەرلەردە ئولتۇردى. 25 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇ يەردە دەسلەپتە ئولتۇرغىنىدا پەرۋەردىگاردىن قورقمىغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىيما-جىيما قىلىدىغان بىرنەچچە شىرلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتتى. 26 شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر يەتكۈزۈلۈپ: ــ سىلى يۆتكەپ سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى؛ مانا بۇلار ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكتە، چۈنكى خەلق يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلمەيدۇ، دېيىلدى.
27 شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلگەن كاھىنلارنىڭ بىرىنى يەنە ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار؛ ئۇ ئۇ يەردە تۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇ يۇرتنىڭ ئىلاھىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگەتسۇن، ــ دېدى.
28 ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سامارىيەدىن يۆتكىگەن كاھىنلارنىڭ بىرى كېلىپ، بەيت-ئەلدە تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچىنى ئۇلارغا ئۆگەتتى. 29 لېكىن شۇ خەلقلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر سالغان «يۇقىرى جايلار»دىكى ئىبادەتگاھلار ئىچىگە تۇرغۇزدى؛ ھەربىر خەلق ئۆزى تۇرغان شەھەردە شۇنداق قىلدى. 30 بابىلدىن كەلگەنلەر سۇككوت-بىنوت دېگەن مەبۇدنى ياسىدى، كۇتتىن كەلگەنلەر نەرگال بۇتنى، خاماتتىن كەلگەنلەر ئاشىما بۇتنى، 31 ئاۋۋىيلار نىبھاز بىلەن تارتاك بۇتلارنى ياسىدى؛ سەفارۋىيلار سەفارۋائىمدىكى بۇتلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە ئۆز بالىلىرىنى ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈردى.
 
32 ئۇلار ئەمدى مۇشۇنداق ھالەتتە پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۆز ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئادەملەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار»دىكى بۇتخانىلاردا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان كاھىن قىلىپ بېكىتكەن. 33 ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ قايسى ئەلدىن كەلگەن بولسا، شۇ ئەلنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىدا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدىمۇ بولاتتى.
34 بۈگۈنگە قەدەر ئۇلار ئىلگىرىكى ئادەتلەر بويىچە مېڭىپ كەلمەكتە؛ ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ.    35 پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە قىلىشىپ ئۇلارغا بۇيرۇپ: ــ «باشقا ئىلاھلاردىن قورقماي، ئۇلارغا سەجدە قىلماي ياكى ئۇلارغا باش ئۇرماي ۋە ئۇلارغا قۇربانلىق قىلماڭلار ــ 36 پەقەت زور قۇدرەت ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان پەرۋەردىگاردىنلا قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇڭلار. 37 ئۇ سىلەر ئۈچۈن پۈتكۈزگەن بەلگىلىمىلەر، ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرنى بولسا، ئۇلارنى ئەبەدگىچە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇتۇڭلار؛ باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار. 38 مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى ئۇنتۇماڭلار يا باشقا ئىلاھلاردىن قورقماڭلار، 39 بەلكى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار؛ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېگەنىدى.
40 لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماي، ئىلگىرىكى قائىدە-يوسۇنلارنى يۈرگۈزەتتى.
41 مۇشۇ ئەللەر شۇ تەرىقىدە پەرۋەردىگاردىن قورقاتتى ھەم ئويما مەبۇدلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بالىلىرىنىڭ بالىلىرىمۇ شۇنداق قىلاتتى؛ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى قانداق قىلغان بولسا، ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق قىلىپ كەلدى.
 
 
17:5 2پاد. 18‏:9 17:6 2پاد. 18‏:10؛ يەش. 8‏:4 17:8 لاۋ. 18‏:3 17:9 «كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە» ــ مەنىسى بەلكىم سېپىلدىكى مۇناردىن شەھەرنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى قورغانغىچە ــ باشقىچە ئېيتقاندا، «سىرتتىن ئىچكىرىگىچە». 17:10 ««ئاشەراھ» بۇتلار» ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم «ئايال مەبۇد» شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 17:12 مىس. 20‏:3، 4، 5؛ قان. 5‏:7، 8، 9 17:13 «تەستىقلىغان» ــ ياكى «ئەۋەتكەن». 17:13 يەر. 18‏:11؛ 25‏:5؛ 35‏:15 17:14 قان. 31‏:27؛ مال. 3‏:7 17:15 «ئەرزىمەس نەرسىلەر» ــ مۇشۇ يەردە بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ. 17:16 «ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي-يۇلتۇزلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاسماندىكى قوشۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەۋراتتىن بىلىمىزكى، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋە بەزى ئەھۋالدا ئاسماندىكى يامان كۈچلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار («زەب.» 4:147، «ئايۇپ» 4:38-7، «ۋەھ.» 4:12نى كۆرۈڭ). 17:16 مىس. 32‏:8؛ 1پاد. 12‏:28 17:17 «ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈش» ــ بەلكىم ئۇلارنى «ئىنسان قۇربانلىقى» قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 17:17 لاۋ. 20‏:3، 4؛ قان. 18‏:10؛ 2پاد. 16‏:3 17:18 ھوش. 1‏:6 17:19 لاۋ. 18‏:3 17:20 «پەرۋەردىگار ... ئۇلارنى ئۆز نەزىرىدىن تاشلىغان كۈنى» ــ بۇنىڭدا كۆزدە تۇتۇلغىنى خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلدۇرۇش كۈنىدىن ئىبارەتتۇر (23-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). ئىسرائىل خەلقىنىڭ «خۇدانىڭ نەزىرىدىن تاشلىنىشى»، يەنى سۈرگۈن بولۇشى ئۇلارغا نىسبەتەن خۇدانىڭ ئەڭ دەھشەتلىك جازاسى، ئەلۋەتتە. 17:21 «ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن تارتىۋالغانىدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئىسرائىلنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يىرتىۋالغانىدى». «1پاد.» 11:11، 31:11، 8:14نى كۆرۈڭ. 17:21 1پاد. 12‏:16، 17، 26 17:23 «ئۇ يەردە ، يەنى ئاسۇرىيەدە بۈگۈنگە قەدەر تۇرۇپ كەلدى» ــ مۇشۇ سۆزلەر «تارىخ-تەزكىرە»نىڭ يەھۇدادىكىلەر بابىل ئىمپېرىيەسىدىن قايتىپ كېلىش (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى)تىن ئىلگىرى خاتىرىلەنگەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ. 17:32 1پاد. 12‏:31 17:33 زەف. 1‏:5 17:34 «ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر، قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ» ــ ياكى «ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورقماي، ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ھۆكۈملىرىگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ ۋە پەرۋەردىگار ئىسرائىل دەپ ئاتىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تاپىلىغان قانۇن ۋە ئەمرلەرگە مۇۋاپىق ئىش كۆرمەيدۇ». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا، «ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ھۆكۈملىرى» دېگەن بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ھۆكۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ. 17:34 يار. 32‏:27؛ 35‏:10؛ 1پاد. 18‏:31 17:35 ھاك. 6‏:10