5
نۇسرەت نەزمىسى
شۇ كۈنى دەبوراھ ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق مۇنداق نەزمە ئوقۇدى: ــ
 
ئىسرائىلدا يېتەكچىلەر يول باشلىغىنى ئۈچۈن،
خەلق ئىختىيارەن ئۆزلىرىنى پىدا قىلغىنى ئۈچۈن،
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇڭلار!
ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار،
ئەي ئەمىرلەر، قۇلاق سېلىڭلار!
مەن، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ نەزمە ئوقۇيمەن،
مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا كۈي ئېيتىمەن.
ئى پەرۋەردىگار، سەن سېئىردىن چىققىنىڭدا،
ئېدومنىڭ يايلىقىدىن چىقىپ يۈرۈش قىلغىنىڭدا،
يەر تىترەپ، ئاسمانلاردىن سۇلار تامچىدى،
شۇنداق، بۇلۇتلار يامغۇرلىرىنى ياغدۇردى؛
تاغلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەۋرەندى،
ئەنە سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى،
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا.
  
ئاناتنىڭ ئوغلى شامگارنىڭ كۈنلىرىدە،
ھەم يائەلنىڭ كۈنلىرىدە،
چوڭ يوللار تاشلىنىپ قېلىپ،
يولۇچىلار ئەگرى-توقاي چىغىر يوللار بىلەن ماڭاتتى؛
ئىسرائىلدا ئەزىمەتلەر يوقاپ كەتتى،
تاكى مەنكى دەبوراھ قوزغىلىپ،
ئىسرائىلدا بىر ئانا سۈپىتىدە پەيدا بولغىنىمغىچە.
ئىسرائىللار يېڭى ئىلاھلارنى تاللىدى؛
ئۇرۇش دەرۋازىلىرىغا يېتىپ كەلدى.
قىرىق مىڭچە ئىسرائىللىقنىڭ ئارىسىدا،
يا بىر قالقان يا بىر نەيزە تېپىلىسىچۇ؟!
قەلبىم ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرىگە قايىلدۇر،
ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۆزلىرىنى ئىختىيارەن پىدا قىلدى؛
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇڭلار!
10 ئى ئاق ئېشەكلەرگە مىنگەنلەر،
ئى نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار،
ئى يولدا يۈرگەنلەر، كۆڭۈل بۆلۈڭلار!
11 سۇ ئەكىلىدىغان جايلاردا ئولجا بۆلۈشۈۋاتقانلارنىڭ جۇشقۇن ئاۋازىلىرىنى ئاڭلاڭلار!
ئۇلار شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى مەدھىيىلەپ،
ئۇنىڭ ئىسرائىلدىكى ئەزىمەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى تەرىپلىشىدۇ.
شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى چۈشۈپ دەرۋازىلارغا يېتىپ كېلىپ: ــ
12 «ئى دەبوراھ، ئويغان، ئويغان!
ئويغان، ئويغان، غەزەل ئېيتقىن!
ئورنۇڭدىن تۇر، ئى باراق،
ئەسىرلىرىڭنى يالاپ ماڭ، ئى ئابىنوئامنىڭ ئوغلى!» ــ دېيىشىدۇ.
13 مانا خەلقنىڭ ئاز بىر قالدىسى ئالىيجانابلارغا ئەگىشىش ئۈچۈن چۈشتى،
پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى يېنىمغا پالۋان كەبى چۈشۈپ كەلدى.
14 مانا، ئەفرائىملاردىن ئامالەكتە يىلتىز تارتىپ قالغانلار كەلدى؛
مانا، بىنيامىنلارمۇ قوۋملىرىڭغا قوشۇلۇپ ئەگىشىپ كەلدى؛
ماكىردىن ئەمىرلەر چۈشۈپ كەلدى،
زەبۇلۇندىن سەردارلىق ھاسىسىنى تۇتقانلار يېتىپ كەلدى.
15 ئىسساكارنىڭ ئەمىرلىرى دەبوراھغا قوشۇلدى؛
باراق نېمە قىلغان بولسا ئىسساكارمۇ شۇنداق قىلىپ،
ئۇنىڭ كەينىدىن جىلغىغا تاپ باستۇرۇپ ئېتىلىپ چۈشتى!
رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!
16 سەن نېمىشقا قوتانلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ،
قويلارغا چېلىنغان نەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالاپ قالدىڭ؟
رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!
17 گىلېئادلار بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپ قالدى؛
دانلارمۇ نېمىشقا كېمىلەرنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى؟
ئاشىرلار بولسا دېڭىز بويىدا جىم ئولتۇرۇۋالدى،
دېڭىز قولتۇقلىرىدا تۇرۇپ قالدى.
18 زەبۇلۇنلار جانلىرىنى ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلدى؛
نافتالىلارمۇ جەڭ مەيدانىدىكى يۇقىرى جايلاردا ھەم شۇنداق قىلدى!
19 پادىشاھلار ھەممىسى كېلىپ، سوقۇشتى،
قانائانىيلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇرۇشقا چىقتى؛
تائاناقتا، مېگىددونىڭ سۇ بويلىرىدا ئۇرۇشتى.
لېكىن بىرئازمۇ كۈمۈش ئولجا ئالالمىدى!
20 ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ جەڭ قىلدى،
ئوربىتىلىرىدىن سىسېراغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.
21 كىشون دەرياسىنىڭ ئېقىنى دۈشمەننى ئېقىتىپ كەتتى؛
شۇ قەدىمىي دەريا، ئۇ كىشون دەرياسىدۇر!
ئەي مېنىڭ جېنىم، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئالغا باسقىن!
22 ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى تاكىراڭ-تاكىراڭ قىلماقتا،
تولپارلىرى چاپماقتا، چاپماقتا.
23 مەروزغا لەنەت ئوقۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى،
ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچىلارغا لەنەت ئوقۇڭلار،
قاتتىق لەنەت ئوقۇڭلار؛
چۇنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى،
زالىملارغا قارشى پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى.
24 ئاياللار ئىچىدە كەنىيلىك ھەبەرنىڭ ئايالى يائەل بەخت-بەرىكەتلەنسۇن،
چېدىردا تۇرغان ئاياللار ئىچىدە ئۇ بەخت-بەرىكەت تاپسۇن!
25 سىسېرا سۇ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا سۈت بەردى،
ئېسىلزادىلەرگە لايىق بىر قاچىدا قايماق تۇتتى؛
26 ئۇ سول قولىنى چېدىر قوزۇقىغا،
ئوڭ قولىنى تۆمۈرچىنىڭ بولقىسىغا ئۇزاتتى؛
سىسېرانى ئۇرۇپ،
باش سۆڭۈكىنى چېقىپ،
چېكىسىدىن يانجىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى.
27 سىسېرا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى،
ئۇ يىقىلدى، ئۇ ئۆلۈكتەك ياتتى،
ئۇ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى،
قىيسايغان يەردە ئۇ يىقىلىپ، جان بەردى.
 
28 سىسېرانىڭ ئانىسى پەنجىرىدىن سىرتقا سەپ سالدى،
ئۇ پەنجىرىنىڭ رۇجىكىدىن توۋلاپ: ــ
«ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسى نېمىشقا شۇنچە ئۇزاققىچە كەلمەيدۇ؟
جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياق ساداسى نېمىشقا شۇنچە ھايال بولىدۇ؟ ــ دېدى.
29 ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئارىسىدا دانالار جاۋاب بېرىدۇ،
شۇنداقلا، ئۇ دەرۋەقە ئۆز-ئۆزىگە جاۋاب بېرىدۇ: ــ
30 «ئۇلار ئولجىلىرىنى يىغىپ بۆلۈشۈۋاتقان بولمىسۇن يەنە؟!
ھەربىر ئەركەككە ئاياغ ئاستى قىلىشقا بىر-ئىككىدىن قىز تەگكەندۇ،
سىسېراغا رەڭدار كىيىملەر،
گۈل كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەردىن ئولجا تەگكەندۇ،
بۇلاڭچىنىڭ بوينىغا ئالدى-كەينى كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەر تەگكەن بولسا كېرەك!
31 ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئەنە شۇنداق يوقۇتۇلغاي!
لېكىن سېنى سۆيگەنلەر قۇياشنىڭ ئۆرلەۋاتقاندىكى قۇدرىتىدەك كۈچلۈك بولغاي!».
شۇنىڭ بىلەن زېمىن قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئامانلىق تاپتى.
 
 
5:4 زەب. 68‏:7، 8، 9 5:5 «... ئەنە سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا» ــ ياكى «يەنى سىناي تېغىدا ئايان بولغان خۇدانىڭ ئالدىدا، ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا». 5:5 مىس. 19‏:18؛ زەب. 68‏:15، 16، 17؛ 97‏:5 5:7 «ئىسرائىلدا ئەزىمەتلەر يوقاپ كەتتى» ــ ياكى «ئىسرائىلدا كەنت-قىشلاقلار يوقاپ كەتتى». 5:8 «ئۇرۇش دەرۋازىلىرىغا يېتىپ كەلدى» ــ دېمەك، ئىسرائىل تىرىك خۇدانى تاشلاپ بۇتلارنى تاللىۋالغىنى ئۈچۈن خۇدانىڭ شۇ جازاسى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى. 5:10 «نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار» ــ ياكى «توقۇملارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار». «ئى ئاق ئېشەكلەرگە مىنگەنلەر، ئى نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار، ئى يولدا يۈرگەنلەر...» ــ بۇ ئايەتتە پۇرىتىلغان مەنە بەلكىم «ئى، ئىسرائىلدا ھازىر راھەت كۈنلەرنى كۆرگۈچىلەر، سىلەر ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەۋەككۈل قىلغانلارنى ئەسلەڭلار!» دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن. 5:11 «سۇ ئەكىلىدىغان جايلاردا ئولجا بۆلۈشۈۋاتقانلار...» ــ دېمەك، نۇسرەت قازانغانلىقتىن ھەتتا سۇ ئەكەلگىلى چىققانلارمۇ ئولجىدىن ئۆزئارا بۆلۈشىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئوقياچىلارنىڭ غەۋغاسىدىن قۇتۇلغانلار سۇ ئالىدىغان جايلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلدىكى ئەزىمەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئەمەللىرىنى تەرىپلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا...». 5:12 «ئى دەبوراھ، ئويغان، ئويغان! ... ئورنۇڭدىن تۇر، ئى باراق!...» ــ 12-ئايەتتىكى نەزمە خەلق قېچىپ چىقىۋالغان تاغلىقتىن ئامان-ئېسەن چۈشۈپ، ئۆز شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا كەلگەندە خۇشاللىقىدىن دەبوراھ ۋە باراققا ئېيتقان سۆيۈنۈش سۆزلىرى بولسا كېرەك. 5:13 «مانا خەلقنىڭ ئاز بىر قالدىسى ئالىيجانابلارغا ئەگىشىش ئۈچۈن چۈشتى» ــ دېمەك، خۇداغا سادىق بولغان «خەلق قالدىسى» ئاز بولسىمۇ، باراق ۋە باشقا جاسارەتلىك ئەزىمەتلەرگە ئەگەشكەن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خەلقنىڭ ئاز بىر قالدىسى كۈچلۈكلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى». «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى يېنىمغا پالۋان كەبى چۈشۈپ كەلدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى زالىملارغا قارشى چىقىشقا مېنىڭ يېنىمغا چۈشتى». بۇ ئايەتنىڭ يەنە بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. 5:14 «مانا، ئەفرائىملاردىن ئامالەكتە يىلتىز تارتىپ قالغانلار كەلدى» ــ ئەفرائىم قەبىلىسى ئەسلىدە ئامالەكلەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەن ۋە ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەنىدى. «ماكىردىن...» ــ «ماكىر» مۇشۇ يەردە ماناسسەھ قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 5:15 «رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا» ــ ياكى «رۇبەننىڭ ئېقىنلىرىنىڭ بويىدا». «رۇبەننىڭ ئائىلە-جەمەتلىرىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا شۇنچە ئۇلۇغ نىيەتلەر قەلبلىرىگە پۈكۈلگەنىدى!» ــ بۇ ناھايىتى ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ. رۇبەنلەردە شۇنچە يۈكسەك نىيەت بولغىنى بىلەن ھېچنېمە قىلمىدى (16-ئايەتنى كۆرۈڭ). 5:21 «كىشون دەرياسىنىڭ ئېقىنى ئۇلارنى ئېقىتىپ كەتتى» ــ مۇشۇ سۆزلەر يۇقىرىقى «ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلار جەڭ قىلدى» دېگەن سۆزلەرنى يورۇتىدۇ. يازدا كىشون دەرياسى ئېقىنىدا سۇ يوق دېيەرلىك بولىدۇ؛ قىشتا كۈچلۈك ئاقىدۇ. شۇڭا، شۇ خۇلاسىگە كېلىمىزكى، ھاۋا رايى ئۆزگىرىپ، كۆپ يامغۇر ياغقاچقا، كىشون دەرياسى تېشىپ، سىسېرانىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېقىتىپ كەتتى ياكى ئۇلارنى پاتقاققا پاتۇرۇپ قويدى (4-ئايەتتە شۇ قاتتىق يامغۇر تىلغا ئېلىنىدۇ). 5:23 «زالىملارغا قارشى پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى» ــ ياكى «باتۇرلىرىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا ياردەمگە كەلمىدى». 5:26 « يائەل سول قولىنى چېدىر قوزۇقىغا، ... چېكىسىدىن يانجىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى» ــ بۇ ئايەتلەرگە قارىغاندا يائەل سىسېرانىڭ بېشىغا قاققان قوزۇقنى بولقا بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇرغان. 5:30 «بۇلاڭچىنىڭ بوينىغا ئالدى-كەينى كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەر تەگكەن بولسا كېرەك!» ــ ياكى «مېنىڭ بوينۇمغا ئىككى ئالدى-كەينى كەشتىلەنگەن كىيىملەر ئولجا قىلىپ تەگكەن بولسا كېرەك!».