13
شىمشوننىڭ تۇغۇلۇشى
لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىرىق يىلغىچە فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويدى.
 
شۇ چاغدا زورېئاھ دېگەن جايدا، دان جەمەتىدىن بولغان، مانوئاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، ھېچ بالىسى يوق ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ ئايالغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن تۇغماس بولغىنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغمىدىڭ؛ لېكىن ئەمدى سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئەمما سەن سەگەك بولۇپ، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە، ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن. چۈنكى مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. بۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتالغان «نازارىي» بولىدىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنمىسۇن. ئۇ ئىسرائىلنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئىشىنى باشلايدۇ، ــ دېدى.  
 
ئايال ئېرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، خۇدانىڭ بىر ئادىمى يېنىمغا كەلدى؛ ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك، ئىنتايىن دەھشەتلىك ئىكەن؛ لېكىن مەن ئۇنىڭدىن: «نەدىن كەلدىڭ» دەپ سورىمىدىم، ئۇمۇ ئۆز نام-شەرىپىنى ماڭا دەپ بەرمىدى. ئۇ ماڭا: ــ «مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن؛ ئۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۆلىدىغان كۈنىگىچە خۇداغا ئاتالغان بىر نازارىي بولىدىغان بولغاچقا، ئەمدى سەن شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە ۋە ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن» دېدى، ــ دېدى.
بۇنى ئاڭلاپ مانوئاھ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ ئاھ رەببىم، سەن بۇ يەرگە ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئادىمى بىزگە يەنە كېلىپ، تۇغۇلىدىغان بالىغا نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپ قويسۇن، دەپ ئىلتىجا قىلدى.
خۇدا مانوئاھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئايال ئېتىزلىقتا ئولتۇغىنىدا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېرى مانوئاھ ئۇنىڭ قېشىدا يوق ئىدى. 10 ئاندىن ئايال دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېرىگە خەۋەر بېرىپ: ــ مانا، ھېلىقى كۈنى يېنىمغا كەلگەن ئادەم ماڭا يەنە كۆرۈندى، دېۋىدى، 11 مانوئاھ دەرھال قوپۇپ ئايالىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالغا كېلىپ سۆز قىلغان ئادەم سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋابەن: ــ شۇنداق، مەندۇرمەن، دېدى.
12 مانوئاھ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭ بەجا كەلتۈرۈلگەندە، بالا قايسى تەرىقىدە چوڭ قىلىنىشى كېرەك، ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
13 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بۇ ئايالغا ئېيتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇ ھېزى بولۇپ ئۆزىنى تارتسۇن؛ 14 ئۇ ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھېچقانداق نەرسىدىن يېمىسۇن، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمىسۇن، ھېچ ناپاك نەرسىلەردىن يېمىسۇن؛ مەن ئۇنىڭغا بارلىق ئەمر قىلغىنىمنى تۇتسۇن، دېدى.
15 مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: ــ ئىلتىپات قىلىپ، كەتمەي تۇرسىلا، ئۆزلىرىگە بىر ئوغلاق تەييارلايلى، دېۋىدى، 16 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن مېنى تۇتۇپ قالساڭمۇ، مەن نېنىڭدىن يېمەيمەن؛ ئەگەر سەن بىرەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشۇڭ كېرەك، دېدى (ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، مانوئاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدى).
17 ئاندىن مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدىن: ــ ئۆزلىرىنىڭ نام-شەرىپى نېمىدۇ؟ ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا، سىلىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرەتتۇق، ــ دېدى.
18 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ نامىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مېنىڭ نامىم كارامەت تىلسىماتتۇر، ــ دېدى.
19 شۇنىڭ بىلەن مانوئاھ ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇندى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كارامەت بىر ئىشنى قىلىپ كۆرسەتتى؛ مانوئاھ ۋە ئايالى قاراپ تۇردى. 20 شۇنداق بولدىكى، ئوت يالقۇنى قۇربانگاھتىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ قۇربانگاھتىن چىققان ئوت يالقۇنى ئىچىدە يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. مانوئاھ بىلەن ئايالى بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى.
21 شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. مانوئاھ شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. 22 ئاندىن مانوئاھ ئايالىغا: ــ مانا، بىز چوقۇم ئۆلىمىز، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق! ــ دېدى.
23 لېكىن ئايالى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر پەرۋەردىگار بىزنى ئۆلتۈرۈشكە لايىق كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قولىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان بولاتتى، بۇ ئىشنىمۇ كۆرسەتمىگەن بولاتتى ۋە شۇنداقلا بۇنداق سۆزلەرنى بىزگە ئېيتمىغان بولاتتى، ــ دېدى.
24 شۇ ئىشتىن كېيىن ئايال بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمشون قويدى. بۇ بالا ئۆسۈپ، چوڭ بولدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىدى.  
25 زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماھانەھ-داندا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
 
 
13:1 ھاك. 2‏:11؛ 3‏:7؛ 4‏:1؛ 6‏:1؛ 10‏:6 13:4 چۆل. 6‏:2، 3 13:5 «نازارىي» ــ خۇدانىڭ يولىغا ئالاھىدە ئاتالغان بىر كىشى. ئۇلار توغرۇلۇق «چۆل.» 6-باب ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. 13:5 چۆل. 6‏:5؛ 1سام. 1‏:11 13:6 «خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك» ــ ئايال كۆرگەن مۇشۇ پەرىشتىنىڭ «خۇدانىڭ پەرىشتىسى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» (دېمەك، مەسىھ) دېگەن زاتنىڭ ئۆزى («تەبىرلەر»ىمىزنى ۋە كېيىنكى 16-ئايەتنى كۆرۈڭ). 13:18 «نامىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مېنىڭ نامىم كارامەت تىلسىماتتۇر» ــ مانوئاھ ئۆز دۇئاسىغا جاۋابەن كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى ئىنسان دەپ ئويلايدۇ. «كارامەت تىلسىمات» دېگەن مۇشۇ سۈپەت ئىبرانىي تىلىدا («پەلە») پەقەت خۇدانىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى سۈپەتلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 13:22 مىس. 33‏:20؛ قان. 5‏:26؛ ھاك. 6‏:22، 23 13:24 «شىمشون» ــ «قۇياشتەك (كۈچلۈك)» ياكى «روشەن، پارلىق ئادەم». 13:24 ئىبر. 11‏:32 13:25 «ماھانەھ-دان» ــ ياكى «داننىڭ بارگاھى».