57
قاراڭغۇلۇقتا بېرىلگەن نۇر
ھەققانىي ئادەم ئالەمدىن ئۆتىدۇ،
ھېچكىم بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؛
مېھرىبان ئادەملەر يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ،
بىراق ھېچكىم ئويلاپ چۈشىنەلمەيدۇكى،
ھەققانىي ئادەملەر يامان كۈنلەرنى كۆرمىسۇن دەپ يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ.
ئۇ بولسا ئارام-خاتىرجەملىك ئىچىگە كىرىدۇ؛
يەنى ئۆزلىرىنىڭ دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى،
ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ.
 
«پاھىشە ئايال»، ئۇنىڭ «بالىلىرى» ھەم توۋا قىلغان ئادەم
بىراق سەنلەر، ئى جادۇگەر ئايالنىڭ بالىلىرى،
زىناخور بىلەن پاھىشە ئايالنىڭ نەسلى؛
بۇياققا يېقىن كېلىڭلار؛
سىلەر كىمنى مازاق قىلىۋاتىسىلەر؟
ياكى كىمگە قارشى ئاغزىڭلارنى كالچايتىپ،
تىلىڭلارنى ئۇزۇن چىقىرىسىلەر؟
سىلەر بولساڭلار ئاسىيلىقتىن تۆرەلگەن بالىلار،
ئالدامچىلىقنىڭ نەسلى ئەمەسمۇسىلەر؟
ھەربىر چوڭ دەرەخ ئاستىدا،
ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا شەھۋانىيلىق بىلەن كۆيۈپ كەتكۈچى،
كىچىك بالىلارنى جىلغىلارغا ھەم خادا تاشلارنىڭ يېرىقلىرىغا ئېلىپ سويغۇچىسىلەر!
ئېرىقتىكى سىلىقلانغان تاشلار ئارىسىدا سېنىڭ نېسىۋەڭ باردۇر؛
شۇلار، شۇلارلا سېنىڭ تەقسىماتىڭدۇر؛
شۇنداق، سەن ئۇلارغا ئاتاپ «شاراب ھەدىيەسى»نى قۇيۇپ،
ئۇلارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نىمۇ سۇنۇپ بەردىڭغۇ؛
ئەمدى مۇشۇلارغا رازى بولۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالسام بولامتى؟
سەن يۇقىرى، ئېگىز بىر تاغ ئۈستىدە ئورۇن-كۆرپە سېلىپ قويدۇڭ،
سەن ئاشۇ يەردىمۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا چىقتىڭ.
ئىشىكلەرنىڭ كەينىگە ۋە كەينى كېشەكلىرىگە «ئەسلەتمىلىرىڭ»نى بېكىتىپ قويدۇڭ،
چۈنكى سەن مەندىن ئايرىلدىڭ،
سەن يالىڭاچلىنىپ ئورنۇڭغا چىقتىڭ؛
ئورۇن-كۆرپەڭنى كېڭەيتىپ خېرىدارلىرىڭ بىلەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەھدىلەشتىڭ؛
ئۇلارنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە كۆڭلۈڭ چۈشتى،
سەن ئۇلاردا كۈچ-ھوقۇقنى كۆرۈپ قالدىڭ.
سەن زەيتۇن مېيى ھەدىيىسىنى ئېلىپ،
ئەتىرلىرىڭنى ئۈستىبېشىڭگە بولۇشىغا چېچىپ،
پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردىڭ؛
ئەلچىلىرىڭنى يىراققا ئەۋەتىپ،
ھەتتا تەھتىساراغا يەتكۈچە ئۆزۈڭنى پەس قىلدىڭ.
10 سەن بېسىپ ماڭغان بارلىق يوللىرىڭدا چارچىغىنىڭ بىلەن،
يەنە: «پوق يەپتىمەن، بولدى بەس!» دەپ قويمىدىڭ تېخى،
ئېزىپ يۈرۈشكە يەنىلا كۈچۈڭنى يىغدىڭ،
ھېچ جاق تويمىدىڭ.
11 سەن زادى كىمدىن يۈرەكزادە بولۇپ، قورقۇپ يۈرىسەن،
يالغان گەپ قىلىپ، مېنى ئېسىڭگە ھېچ كەلتۈرمەي،
كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ.
مەن ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم ئەمەسمۇ؟
سەن يەنىلا مەندىن ھېچ قورقۇپ باقمىدىڭ!  
12 سېنىڭ «ھەققانىيلىقىڭ»نى ھەم «تۆھپىلىرىڭ»نى بايان قىلىمەن: ــ
ئۇلارنىڭ ساڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر!
13 چىرقىرىغانلىرىڭدا سەن يىغىپ توپلىغان بۇتلار كېلىپ سېنى قۇتقۇزسۇن!
بىراق شامال پۈۋ قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ،
بىر نەپەسلا ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ؛
بىراق ماڭا تايانغۇچى زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ،
مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
14 شۇ چاغدا: ــ «يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار، ئۇنى تەييارلاڭلار،
خەلقىمنىڭ يولىنى بوشىتىپ بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار» دېيىلىدۇ.
15 چۈنكى نامى «مۇقەددەس» بولغۇچى،
يۇقىرى ھەم ئالىي بولغۇچى،
ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ
«مەن يۇقىرى ھەمدە مۇقەددەس جايدا،
ھەم شۇنداقلا روھى سۇنۇق ھەم كىچىك پېئىل ئادەم بىلەن بىللە تۇرىمەنكى،
كىچىك پېئىل ئادەمنىڭ روھىنى يېڭىلايمەن،
دىلى سۇنۇقنىڭ كۆڭلىنى يېڭىلايمەن.
16 چۈنكى مەن ھەرگىز مەڭگۈگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلىمەيمەن،
ھەم ئەبەدىلئەبەدگىچە غەزەپلەنمەيمەن؛
شۇنداق قىلسام ئىنساننىڭ روھى مېنىڭ ئالدىمدا سۇسلىشىپ يوقايدۇ،
ئۆزۈم ياراتقان نەپەس ئىگىلىرى تۈگىشىدۇ.
17 ئۇنىڭ ئۆز نەپسانىيەتلىك قەبىھلىكىدە مەن ئۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۇرغانمەن؛
مەن ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلىكىم بىلەن،
ئۇ يەنىلا ئارقىسىغا چېكىنگىنىچە ئۆز يولىنى مېڭىۋەردى؛
18‏-19 مەن ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ يەتكەن تەقدىردىمۇ،
مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛
مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن،
مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن،
ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە يەنە تەسەللى بېرىمەن؛
يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!
ۋە مەن ئۇنى ساقايتىمەن!
20 بىراق رەزىللەر بولسا تىنچىلىنىشنى ھېچ بىلمەيدىغان،
دولقۇنلىرى لاي-لاتقىلارنى ئۇرغۇتۇۋاتقان،
داۋالغۇۋاتقان دېڭىزدەكتۇر.
21 رەزىللەرگە، ــ دەيدۇ خۇدايىم ــ ھېچ ئارام-خاتىرجەملىك بولماس.
 
 
57:1 زەب. 12‏:1؛ مىك. 7‏:2 57:2 «...دۇرۇس يولىدا ماڭغان ھەربىر كىشى، ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ» ــ «ئۆز ئورنىدا يېتىپ ئارام ئالىدۇ» دېگەننىڭ مەنىسى، «ئورنىدا سەكراتتا ياتقان» ياكى «گۆردە ياتقان» دېگەنلىك بولسا كېرەك؛ مەيلى قايسى مەنىدە بولسۇن، ئاساسىي مەنىسى، ئۇلار ئۆلۈشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ روھى خۇدانىڭ ئارامىغا كىرىدۇ. 57:5 «ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا شەھۋانىيلىق بىلەن كۆيۈپ كەتكۈچى، كىچىك بالىلارنى جىلغىلارغا ھەم خادا تاشلارنىڭ يېرىقلىرىغا ئېلىپ سويغۇچىسىلەر!» ــ قانائاندا (پەلەستىندە) بۇتپەرەسلىك ئىنتايىن پەسكەشلىشىپ ئۇچىغا چىققانىدى: (1) پەلەستىنلىكلەر «بائال» دېگەن مەبۇدقا «يەرنى مۇنبەت، ئاياللارنى تۇغۇمچان قىلىدۇ» دەپ چوقۇنغان. مۇشۇ بۇتنى «ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن» ئۇلار دەل-دەرەخلەر (بولۇپمۇ دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخلەر ئاستىدا) شۇ مەبۇدقا «نەزىر قىلىنغان» پاھىشە ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەتتى؛ (2) ئۇلار «ئۆلۈمنى باشقۇرىدىغان» «مولوق» دېگەن باشقا بىر مەبۇدنى «مەمنۇن قىلىش» ئۈچۈن، ئۆز بالىلىرىنى ئوتقا تاشلايتتى ياكى قىلىچلايتتى. يەشايانىڭ مۇشۇ يەردە بۇ ئىككى ئىشنى تىلغا ئېلىشى، بۇلارنىڭ پاجىئەلىك ماھىيىتىنى كۆرسەتمەكچى؛ ئۇلار بىر بۇتتىن «بالىلارنى سوراپ»، ئاندىن ئۇلارنى يەنە بىر بۇتقا ئاتاپ سويىدۇ. بىراق مۇشۇ يەردە بۇتپەرەسلىك قىلىدىغانلار پەلەستىندىكىلەر ئەمەس، بەلكى «پەلەستىنلىكلەردىن بۇتپەرەسلىكنى ئۆگەنگەن» ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى. ئۇلار ئەسلىدە ئۆزلىرىنى مىسىردىن قۇتقۇزغان خۇداسىغا «سادىق، ۋاپادار ئايال»دەك بولۇشى كېرەك ئىدى؛ بىراق بۇنىڭ ئورنىدا، ئۇلار «پاھىشە ئايال» ھەم ئۇنىڭ بالىلىرى بولۇپ كەتكەنىدى. 57:6 «ېرىقتىكى سىلىقلانغان تاشلار ئارىسىدا سېنىڭ نېسىۋەڭ باردۇر» ــ مۇشۇنىڭ مەنىسى بەلكىم ئېرىقتا ياتقان تاشلار سۇنىڭ ئېرىتىشى بىلەن بەزىدە تەبىئىي ھالدا ئادەمزاتنىڭ شەكلىگە كەلگەن بولۇپ، خەلق تەرىپىدىن ئۆز بۇتلىرى بولۇشقا تاللىنىدۇ. يەشايا مۇشۇ يەردە «سىلىقلانغان تاشلار» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ چاقچاق قىلىدۇ. بۇ ئىبرانىي تىلىدا «خەلەك» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ۋە: «تېيىلغاق، ئالدامچى، خەتەرلىك»، دېگەن يەنە بىر مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. «نېسىۋەڭ» ئىبرانىي تىلىدا «خالاق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ئەسلىدە ئىسرائىلغا: «پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ نېسىۋەڭلاردۇر» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان نېسىۋىنىڭ («خالاق»ىنىڭ) ئورنىدا بىر «خەلەك»نى، يەنى بىر «ئالدامچى نەرسە»نى تاللىغان. «مۇشۇلارغا رازى بولۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالسام بولامتى؟» ــ دېمەك، مۇشۇ ئىشلاردىن ئۆتۈپ جازالىماي قويۇشۇم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. 57:7 «سەن ئاشۇ يەردىمۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا چىقتىڭ» ــ ئۇلار ھېچ نومۇس قىلماي، ئوچۇق-ئاشكارا (ئېگىز تاغ ئۈستىدە) بۇتپەرەسلىك قىلىپ تۇراتتى. 57:8 «ئىشىكلەرنىڭ كەينىگە ۋە كەينى كېشەكلىرىگە «ئەسلەتمىلىرىڭ»نى بېكىتىپ قويدۇڭ» ــ مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا خۇدانىڭ پاكلىقىنى ئەسلىتىش يولىدا ئۆي ئىشىكىنىڭ سىرتقى ئىككى يېنىغا تەۋراتتىكى بىرقانچە سۆزنى ئويۇش ياكى تاختا ئۈستىگە پۈتۈپ چاپلاشنى بۇيرۇغانىدى. «پاھىشە ئايال» مۇشۇ «ئەسلەتمىلەر»نى سىرتىغا ئەمەس، ئىچىگە بېكىتكەن. ئايال ئۇچىغا چىققان بىر بۇتپەرەس بولغىنى بىلەن، يەنىلا «پەرۋەردىگار بار بولسا مېنى جازالايدۇ» دەپ ئەنسىرەپ (باشقىلاردىن يوشۇرۇن ھالدا) مۇشۇ تاختىلارنى بېكىتكەن. بىراق ئۇنىڭ مۇنداق قىلغىنى خۇدانى بۇتلارنىڭ قاتارىغا قويغىنىغا باراۋەر. «پاھىشە ئايال»غا نىسبەتەن، مۇشۇ ئەسلەتمە تاختىلارنى ئىشىك كەينىدە بېكىتىش پۈتۈنلەي خۇراپىي بىر ئىش، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن «تىلتۇمار»غا ئوخشاشلا، خالاس (تەۋراتتا تىلتۇمارلار مەنئى قىلىنغان، ئەلۋەتتە). «سەن ئۇلاردا كۈچ-ھوقۇقنى كۆرۈپ قالدىڭ» ــ ئەسلىدە «سەن ئۇلاردا بىر قولنى كۆرۈپ قالدىڭ» دېگەنلىك. «بىر قول» بەلكىم «ئازغىنە كۈچ-ھوقۇق»نى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «پاھىشە ئايال» مۇشۇنى كۆرۈپلا دەرھال «بۇنىڭدىن پايدىلانمىسام بولمايدۇ» دەپ 9-ئايەتتىكى ئىشلارنى قىلدى. 57:9 «سەن زەيتۇن مېيى ھەدىيىسىنى ئېلىپ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭگە (خۇشپۇراق) ماينى سۈرتۈپ...». «سەن... پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردىڭ؛ ئەلچىلىرىڭنى يىراققا ئەۋەتىپ، ھەتتا تەھتىساراغا يەتكۈچە ئۆزۈڭنى پەس قىلدىڭ» ــ يەشايا 1-37-بابلاردا خۇداسىز دۆلەتلەر بىلەن ھېچ ئىتتىپاقلاشماسلىقنى قايتا-قايتا دەۋەت قىلغان. پاھىشە ئايال «پادىشاھ»نى ئۆزىگە مەتپۇن قىلماقچى بولۇپ، دەل «ئىتتىپاقلاشماسلىق»نىڭ ئەكسىنى قىلماقچى بولغان. ئەمدى «پاھىشە ئايال» زادى قايسى «پادىشاھ»نىڭ ئالدىغا باردى؟ ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئۆز پادىشاھى بار ئىدى. بىراق خۇدا يەشايا ئارقىلىق ئۇلارغا يەنە كىنايىلىك گەپ قىلىپ: سىلەر خۇداسىز ئەلنىڭ پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورىساڭلار، ئۇ پادىشاھ كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولىدۇ، دېمەكچى. 57:11 «مەن ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلدىم ئەمەسمۇ؟» ــ دېمەك، خۇدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ ئىسرائىلنى جازالىماي كەلدى. 57:11 يەش. 42‏:14 57:13 زەب. 34‏:7-10 57:14 «يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار، ئۇنى تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىنى بوشىتىپ بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى بېشارەت بەلكىم ئاخىرقى زاماندىكى «زىئونغا قايتىش» توغرۇلۇق ئېيتىلىدۇ. 57:16 زەب. 103‏:8-10؛ ئىبر. 12‏:9 57:18‏-19 «ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەسرەت چەككۈچىلەرگە...» ــ مۇشۇ يەردە «ۋە» ياكى «يەنى». «... مەن ئۇنى ساقايتىمەن؛ مەن ئۇنى يېتەكلەيمەن، مەن لەۋلەرنىڭ مېۋىسىنى يارىتىمەن، ... يىراق تۇرۇۋاتقانغا، يېقىن تۇرۇۋاتقانغىمۇ مۇتلەق ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!» ــ بۇ 15-18-ئايەتلەردىكى مۇشۇ بېشارەت بىزنىڭچە ئىسرائىلنى كۆرسىتىدۇ. بىراق شۇنداق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەشايا قەستەن بىزگە كىمنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەربىر گۇناھكار، ئۆز گۇناھىدىن توۋا قىلغۇسى بار ھەربىر ئادەم، مۇشۇ سۆزلەرنى دورا سۈپىتىدە ئۆز گۇناھىنىڭ يارىلىرىغا ياقىدۇ. «لەۋلەرگە مېۋە يارىتىمەن» دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ خۇداغا نىسبەتەن لەۋلەردىكى «ھەقىقىي مېۋە»نىڭ باشلىنىشى توۋا قىلىدىغان سۆزلەر بولۇشى كېرەك. ئادەمنىڭ خۇداغا توۋا قىلىدىغان، گۇناھ تۈپەيلىدىن قاتتىق پۇشايمىنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىمۇ خۇدا ياراتقان، ئادەملەر توۋا قىلغاندا ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ قۇچىقىغا تاشلىشى كېرەك، ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىشى كېرەك، دېمەكچى. ئۇ بەرىبىر ئاجىزلارنىڭ نىجاتكار-قۇتقۇزغۇچىسىدۇر. «كۈچلۈك ئادەملەر» بولسا بەلكىم ھەرگىز گۇناھتىن قۇتقۇزۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئەمەس، بەلكى ھەردائىم ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدۇ. 57:21 يەش. 48‏:22