7
مەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرەي دېگەندە،
مەن ئىسرائىلنى ساقايتاي دېگەندە،
ئەمدى ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكىمۇ ئاشكارىلىنىدۇ؛
چۈنكى ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛
ئوغرىلار بولسا بۆسۈپ كىرىۋاتىدۇ،
قاراقچىلار توپى سىرتتا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئۇلار كۆڭلىدە مېنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتقانلىقىمنى ئويلىمايدۇ؛
ھازىر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنى قىستاۋاتىدۇ؛
بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمدىدۇر.
 
ئوردىدىكى سۇيىقەستلەر
ئۇلار پادىشاھنى رەزىللىكلىرى بىلەن،
ئەمىرلەرنى يالغان گەپلىرى بىلەن خۇرسەن قىلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار؛
ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك؛
ناۋاي خېمىرنى يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغۇچە ئۇنىڭ ئوتىنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ؛
پادىشاھىمىز تەبرىكلەنگەن كۈنىدە، ئەمىرلەر شارابنىڭ كەيپى بىلەن ئۆزلىرىنى زەئىپلەشتۈردى؛
پادىشاھ بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى!
چۈنكى ئۇلار كۆڭلىنى تونۇردەك قىزىتىپ سۇيىقەست پۈكۈپ قويغانىدى؛
كېچىچە ئۇلارنىڭ غەزىپى چوغلىنىپ تۇرىدۇ؛
سەھەردىلا ئۇ يانغان ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇردەك قىزىقتۇر، ئۇلار ئۆز سوراقچىلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛
ئۇلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى يىقىلدى ــ
ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ!
 
خۇدانىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر خەلق
ئەفرائىم يات قوۋملار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى؛
ئۇ «ئۆرۈلمىگەن بىر قوتۇرماچ»دەكتۇر.  
يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى، بىراق ئۇ ھېچ سەزمەيدۇ؛
بەرھەق، بېشىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يېرىدە ئاق چاچلار كۆرۈنىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ بىلمەيدۇ؛
10 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بېرىدۇ؛
ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتمايدۇ؛
ياكى شۇنداق ئىشلار بېشىغا چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئىزدىمەيدۇ.
11 ئەفرائىم ھېچ ئەقلى يوق نادان بىر پاختەكتەك؛
مىسىرغا قاراپ سايرايدۇ، ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ بارىدۇ؛
12 ئۇلار بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تورۇمنى تاشلايمەن؛
خۇددى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنى تورغا چۈشۈرگەندەك ئۇلارنى چۈشۈرىمەن؛
بۇ خەۋەر ئۇلارنىڭ جامائىتىگە يېتىشى بىلەنلا، ئۇلارنى جازالايمەن.
13 ئۇلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن يىراقلىشىپ تېنىپ كەتتى!
ئۇلار ھالاك بولسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلدى!
مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقىراي دېگەندە،
ئۇلار مەن توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىدۇ!
14 ئۇلار ئورنىدا يېتىپ نالە قىلغاندا،
ماڭا كۆڭلىدە ھېچ نىدا قىلمىدى؛
ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس؛
ئۇلار مەندىن چەتلەپ كەتتى.
15 بەرھەق، مەن ئەسلى ئۇلارنى تەربىيىلىگەنمەن،
ئۇلارنىڭ بىلەكلىرىنى چېنىقتۇرۇپ كۈچەيتكۈزگەنىدىم؛
بىراق ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق قەستلەۋاتىدۇ.
16 ئۇلار بۇرۇلدى ــ بىراق بۇرۇلۇشى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قايتىش ئۈچۈن ئەمەس؛
ئۇلار ئالدامچى بىر ئوقياغا ئوخشاش.
ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ غالجىرانە تىل-ئاھانەتلىرى ۋەجىدىن قىلىچلىنىدۇ؛
بۇ ئىش مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنى مەسخىرىگە قالدۇرىدۇ.  
 
 
7:4 «ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار؛ ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك...» ــ «ئۇلار» بەلكىم كاھىنلار (ئۇلار يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئاساسىي ئوبيېكتى). ئەسلىدە كاھىنلار «مۇقەددەس قانۇن»نى بىلگىنى ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا مۇھىم رولى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە ئۇلار پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەيدۇ. «ئۇلار ناۋاي ئوت سالغان تونۇردەك؛ ناۋاي خېمىرنى يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغۇچە ئۇنىڭ ئوتىنى يەنە ئۇلغايتمايدۇ» ــ ناۋاي خېمىرنى بولدۇرۇش ئۈچۈن سەل ئىسسىق ئۆتسۇن دەپ تونۇرنىڭ يېنىغا قويىدۇ، بىراق شۇ ۋاقىتلاردا تونۇرنىڭ ئوتىنى ئۇلغايتمايدۇ. 7:5 «پادىشاھ بولسا مازاق قىلغۇچىلار بىلەن قول ئېلىشىشقا ئىنتىلدى!» ــ «مازاق قىلغۇچىلار» يەنە كاھىنلار (ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر؟) بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە پادىشاھنى قوغدىشى كېرەك بولغان ئەمىرلەر مەست بولغاندا، پادىشاھ ئۆزىنى قەست قىلماقچى بولغان «مازاق قىلغۇچىلار» بىلەن «قول تۇتۇشۇپ»، ھېچ بىلمەيلا خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشىدۇ. 7:6 «كېچىچە ئۇلارنىڭ غەزىپى چوغلىنىپ تۇرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنىڭ «ناۋىيى» بولسا كېچىچە ئۇخلايدۇ». «... ئۇلار كۆڭلىنى تونۇردەك قىزىتىپ سۇيىقەست پۈكۈپ قويغانىدى؛ ... سەھەردىلا ئۇ يانغان ئوتتەك يالقۇنلاپ كېتىدۇ» ــ 4-6-ئايەتلەردىكى ئىش بەلكىم: (1) پادىشاھ ئوردىسىدا مەلۇم بىر تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. (2) ئەمىرلىرى مەست بولۇپ كەتتى. (3) پادىشاھنى قەستلىگەن كاھىنلار كېچىچە پۇرسەت كۈتۈپ يۈردى. (4) ئەتىگەندە ئۇلارنىڭ پادىشاھقا بولغان نەپرىتى تونۇردىكى يالقۇنلىغان ئوتتەك پارتلىدى ۋە ئۇلار پادىشاھنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 7:7 «ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ!» ــ «ئۇلاردىن» ــ بەلكىم پادىشاھلاردىن. مەزكۇر بېشارەتلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھلىرىدىن قايسىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس. ئىسرائىل پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئالتە پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان. ئالتىسىدىن تۆت پادىشاھ قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقەلەر تەۋرات، «2پاد.» 15-17-بابلاردا بايان قىلىنغان. ھالقىلىق نۇقتىلار شۇكى: (1) كاھىنلار ئىنتايىن رەزىل؛ زىناخور، قاتىللار ئىدى. (2) ئاز دېگەندىمۇ بىر پادىشاھ ئۇلار تەرىپىدىن قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ (3) ئەمىرلەر ئىنتايىن بىخۇد ئادەملەر، پادىشاھنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھېچ ئويلىمايتتى؛ (4) پادىشاھلارنىڭ ھېچقايسىسى خۇداغا تايانمىدى (شۇڭلاشقا «يىقىلدى»). (5) كاھىنلار كۆپ «سوتچىلار»نىمۇ قەستلەپ ئۆلتۈردى (7-ئايەت). 7:8 «ئەفرائىم يات قوۋملار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى» ــ «ئەفرائىم»نىڭ مەزكۇر كىتابتا ئىسرائىلنىڭ ئورنىدا ياكى ئىسرائىلغا ۋەكىل قىلىپ كۆپ ئىشلىتىلىشىنىڭ سەۋەبى، بەلكىم بۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ شىمالىي قەبىلىلىرى ئاسۇرىيە تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئېلىپ كېتىلگەن؛ ئەفرائىم قەبىلىسى يالغۇز قالغانىدى. «ئۇ «ئۆرۈلمىگەن بىر قوتۇرماچ»دەكتۇر» ــ دېمەك، بىر تەرىپى كۆيۈك، بىر تەرىپى پىشمىغان. ئىسرائىل بەلكىم باشقا قوۋملار بىلەر كۆپ ئارىلىشىپ، بىر تەرىپى بۇتپەرەسلەرگە ئوخشاش بولۇپ قالغان، «كۆيۈپ كەتكەن»؛ بىراق ئۇلار خۇدا تەرەپتە ھېچ پىشمىغان، ئۇلارنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يوق دېيەرلىك. 7:8 زەب. 106‏:35 7:9 «يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى» ــ «ئۇنىڭ كۈچى» بەلكىم ئىسرائىلنىڭ ئىرادىسى، ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بۇتپەرەس خەلق بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ ئېتىقادى ئاجىزلاشقان. باشقا ئالىملارنىڭ پىكرىچە، «كۈچ» ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. 7:10 ھوش. 5‏:5 7:11 «ئەفرائىم... مىسىرغا قاراپ سايرايدۇ، ئاسۇرىيەنى ئىزدەپ بارىدۇ» ــ ئىسرائىل تولىمۇ تۇتۇرۇقسىز بولۇپ، خۇدانىڭ سۆزىگە ھېچ ئىشەنمەي، بىردەم مىسىردىن، بىردەم ئاسۇرىيەدىن ياردەم سورايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىككىلا تەرەپ ئىسرائىلغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ. 7:12 «بۇ خەۋەر ئۇلارنىڭ جامائىتىگە يېتىشى بىلەنلا، ئۇلارنى جازالايمەن.» ــ ئايەتنىڭ ئاخىرقى بۇ قىسمىنىڭ باشقا ئىككى تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ جامائىتى ئاڭلىغاندەك، ئۇلارنى جازالايمەن» ياكى «ئۇلار توپلىنىۋاتىدۇ» دەپ ئاڭلىغىنىمدىلا، ئۇلارنى جازالايمەن». يەنە باشقا تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس. 7:14 «ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس» ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ ھېيتلىرى خۇدا ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۆز تاماشىلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاش ۋە يېڭى شاراب تىلەپ (بۇتلىرىنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن) ئۆز ئەتلىرىنى تىلىدۇ». 7:16 «ئۇلار بۇرۇلدى ــ بىراق بۇرۇلۇشى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قايتىش ئۈچۈن ئەمەس؛ ئۇلار ئالدامچى بىر ئوقياغا ئوخشاش» ــ «ئالدامچى ئوقيا» تۈپ-تۈز ئاتمايدۇ، ئوقلار ھەردائىم بۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرى بار. 7:16 زەب. 78‏:57