10
پەرۋەردىگارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى!
ئىسرائىل باراقسان بىر ئۈزۈم تېلىدۇر؛
ئۇ ئۆزى ئۈچۈن مېۋە چىقىرىدۇ؛
مېۋىسى كۆپەيگەنسېرى ئۇ قۇربانگاھلارنىمۇ كۆپەيتكەن؛
زېمىنىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئۇلار «ئېسىل» بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ياسىدى.  
ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئالا؛
ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىقى ھازىر ئاشكارىلىنىدۇ؛
ئۇ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چېقىپ غۇلىتىدۇ،
ئۇلارنىڭ بۇت تۈۋرۈكلىرىنى بۇزۇۋېتىدۇ.
چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا: «بىزدە پادىشاھ يوق، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن قورقمىدۇق؛
پادىشاھىمىز بار بولسىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟» ــ دەيدىغان بولىدۇ.  
ئۇلار گەپلەرنى قىلىۋېرىدۇ، ئەھدىنى تۈزۈپ قويۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ؛
شۇڭا ئۇلار ئارىسىدىكى دەۋالىشىشلار ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەندەك بولىدۇ.
سامارىيەدە تۇرۇۋاتقانلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ موزىيى ئۈچۈن غەم-ئەندىشىگە چۈشىدۇ؛
«بەيت-ئاۋەن»دىكىلەر دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتەم تۇتىدۇ،
ئۇنىڭ «بۇتپەرەس كاھىن»لىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؛
ئۇلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ،
چۈنكى ئۇ سۈرگۈن قىلىندى!
بەرھەق، شۇ نەرسە «جېدەلخور پادىشاھ» ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنىپ، ئاسۇرىيەگە كۆتۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ؛
ئەفرائىم ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ،
ئىسرائىل ئۆز «ئەقلى»دىن خىجىل بولىدۇ.
سامارىيەنىڭ بولسا، پادىشاھى دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدىكى خەشەكتەك يوقىلىپ كەتتى؛
«ئاۋەن»دىكى «يۇقىرى جايلار»، يەنى «ئىسرائىلنىڭ گۇناھى» بىتچىت قىلىنىدۇ؛
قۇربانگاھلىرىنى تىكەن-جىغانلار باسىدۇ؛
ئۇلار تاغلارغا: «ئۈستىمىزنى يېپىڭلار!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈڭلار!» ــ دەيدۇ.  
ــ ئى ئىسرائىل، گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىن باشلاپ سەن گۇناھ قىلىپ كەلدىڭ؛
ئىشلار شۇ پېتى تۇرىۋەردى؛
رەزىللىكنىڭ بالىلىرى ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ ئۇلارنى گىبېئاھتا بېسىۋەتمىدىمۇ؟  
10 مەن خالىغىنىمدا ئۇلارنى جازالايمەن؛
ئۇلار ئىككى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئەسىرگە چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە،
يات قوۋملار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىدۇ.
11 ئەفرائىم بولسا كۆندۈرۈلگەن بىر ئىنەكتۇر،
ئۇ خامان تېپىشكە ئامراق؛
مەن ئۇنىڭ چىرايلىق گەدىنىنى ئۇپراشتىن ئاياپ كەلدىم؛
بىراق ھازىر ئۇنىڭغا بويۇنتۇرۇق سېلىپ ھەيدەيمەن؛
يەھۇدا يەر ھەيدىسۇن!
ياقۇپ ئۆزى ئۈچۈن يەرنى تىرنىلىشى كېرەك.
12 ئۆزۈڭلارغا ھەققانىيلىق بىلەن تېرىڭلار،
مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ھوسۇل ئالىسىلەر؛
بوز يېرىڭلارنى چاناپ ئېچىڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى،
ــ تا ئۇ ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنى ياغدۇرغۇچە!
13  بىراق سىلەر رەزىللىكنى ئاغدۇردۇڭلار،
قەبىھلىك ھوسۇلىنى ئوردۇڭلار،
يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار؛
چۈنكى سەن ئۆز يولۇڭغا، يەنى باتۇرلىرىڭنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشىنىپ تاياندىڭ؛
14 قوۋملىرىڭ ئارىسىدا چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلىدۇ؛
شالمان جەڭ كۈنىدە بەيت-ئاربەلنى بەربات قىلغاندەك،
بارلىق قورغانلىرىڭ بەربات قىلىنىدۇ؛
(شۇ كۈنى بەيت-ئاربەلدىكى ئانا-بالىلار تەڭلا پارە-پارە قىلىۋېتىلمىگەنمۇ؟) ــ
15 ئەمدى ئۇچىغا چىققان رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن،
ئوخشاش بىر كۈن سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرۈلىدۇ، ئى بەيت-ئەل!
تاڭ سەھەردىلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
 
 
10:1 «مېۋىسى كۆپەيگەنسېرى ئۇ (ئىسرائىل) قۇربانگاھلارنىمۇ كۆپەيتكەن؛ زېمىنىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئۇلار «ئېسىل» بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ياسىدى» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ قۇربانگاھلار ۋە تۈۋرۈكلەر بۇتلارغا ئاتالغانىدى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا) ئىسرائىلنىڭ مېۋىسىنى كۆپەيتىشى بىلەن، ئىسرائىل قۇربانگاھلىرىدىكى بۇت تۈۋرۈكلەر كۆپەيدى؛ ئۇ (خۇدا) ئۆز زېمىنىغا ياخشىلىقنى كۆپەيتىشى بىلەن، ئۇ (ئىسرائىل) بۇتلارغا ئاتالغان تۈۋرۈكلەرنى تېخىمۇ ياخشى قىلدى». 10:1 ھوش. 8‏:11 10:3 «... ئۇلار پات ئارىدا: «بىزدە پادىشاھ يوق، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن قورقمىدۇق؛ پادىشاھىمىز بار بولسىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟» ــ دەيدىغان بولىدۇ» ــ بۇ بېشارەت ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 10:3 ھوش. 3‏:4 10:4 «شۇڭا ئۇلار ئارىسىدىكى دەۋالىشىشلار ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەندەك بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇڭا ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن جازالار ئېتىزدىكى چۆنەكلەرگە شۇمبۇيا ئۈنۈپ كەتكەندەك بولىدۇ». 10:5 «سامارىيەدە تۇرۇۋاتقانلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ موزىيى ئۈچۈن غەم-ئەندىشىگە چۈشىدۇ،... ئۇلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ» ــ «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرەپ»ى، يەنى موزاي شەكلىدىكى بۇت بولسا، كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولىدۇكى، «بەيت-ئاۋەن» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى كىنايىلىك گەپتۇر (مەنىسى: «يوق بىرنەرسە»نىڭ ئۆيى). 10:6 «شۇ نەرسە «جېدەلخور پادىشاھ» ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنىپ» ــ «جېدەلخور پادىشاھ» ئاسۇرىيە پادىشاھىنى دېمەكچى. يۇقىرىقى 13:5-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 10:8 ««ئاۋەن»دىكى «يۇقىرى جايلار»، يەنى «ئىسرائىلنىڭ گۇناھى» بىتچىت قىلىنىدۇ» ــ «ئاۋەن» («يوق نەرسە») يەنى «بەيت-ئاۋەن». «يۇقىرى جايلار» ــ بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان مەخسۇس جايلار. «ئىسرائىلنىڭ گۇناھى» ــ ئۇلار چوقۇنغان بۇتنى كۆرسەتسە كېرەك. 10:8 يەش. 2‏:19؛ لۇقا 23‏:30؛ ۋەھ. 6‏:16؛ 9‏:6 10:9 «ــ ئى ئىسرائىل، گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىن باشلاپ سەن گۇناھ قىلىپ كەلدىڭ؛ ... رەزىللىكنىڭ بالىلىرى ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ ئۇلارنى گىبېئاھتا بېسىۋەتمىدىمۇ؟» ــ گىبېئاھ شەھىرىدا بولغان رەزىل ۋەقە (بەچچىۋازلىق ھەم قاتىللىق) «ھاك.» 17-19-بابلاردا خاتىرىلەنگەن. بۇ ئايەتكە قارىغاندا بۇ گۇناھ شۇ كۈنلەردىن تارتىپ ئىسرائىلدىن ئايرىلمىغان. شۇ ۋەقە بولغاندىن كېيىن، گىبېئاھدىكىلەر توۋا قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ باشقا قەبىلىلىرى ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىپ ئۇلارنى بىتچىت قىلغان. بېشارەتكە قارىغاندا، بۇنداق بىر جەڭ يەنە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؛ لېكىن بۇ قېتىم پۈتكۈل ئىسرائىلغا قارشى شۇنداق بىر جەڭ بولىدۇ. 10:9 ھوش. 9‏:9 10:10 «ئۇلار ئىككى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئەسىرگە چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە» ــ «ئىككى گۇناھى» نېمە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئالىملارنىڭ ھەرخىل پەرەزلىرى بار. ئىسرائىلنىڭ ئىككى جاي (بەيت-ئەل ۋە دان)دا چوڭ بۇتنى ياسىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («1پاد.» 12-باب). بۇ ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرى بار. 10:11 «ئەفرائىم بولسا كۆندۈرۈلگەن بىر ئىنەكتۇر، ئۇ خامان تېپىشكە ئامراق؛ مەن ئۇنىڭ چىرايلىق گەدىنىنى ئۇپراشتىن ئاياپ كەلدىم؛ بىراق ھازىر ئۇنىڭغا بويۇنتۇرۇق سېلىپ ھەيدەيمەن؛ يەھۇدا يەر ھەيدىسۇن! ياقۇپ ئۆزى ئۈچۈن يەرنى تىرنىلىشى كېرەك» ــ دېھقان ئۆزىنىڭ ئامراق ئىنىكىنى (خۇدا دېھقان، ئىسرائىل ئىنەك) تېخى ئېغىر ئەمگەككە سالمىغان، پەقەت خامان تېپىشكە سالغان (خامان تېپىش يېنىك ئىش ھەم تېپىلگەن دانلاردىن يېيەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنەك ئۇنىڭغا ئامراق، ئەلۋەتتە). بىراق ئىنەك جايىل بولۇپ كەتكەچكە (16:4نى كۆرۈڭ) ھازىر قاتتىق ئەمگەك كۈنلىرى كەلدى: 12-ئايەت بويىچە، يەھۇدا ۋە ئىسرائىل خۇدا ئۈچۈن «يەر ھەيدىمىسە» (توۋا قىلىش جەريانىدىكى جاپالىق يولغا كىرمىسە)، ئۇلار بەلكى ئاسۇرىيە ياكى بابىل ئۈچۈن قاتتىق ئەمگەك قىلىدىغان بولىدۇ. 10:12 يەر. 4‏:3 10:14 «شالمان جەڭ كۈنىدە بەيت-ئاربەلنى بەربات قىلغاندەك،...» ــ «شالمان» بەلكىم ئاسۇرىيە پادىشاھى «شالمانئەزەر III» ياكى «شالمانئەزەر V»نى، «بەيت-ئاربەل» بەلكىم گالىلىيەدىكى «ئاربېلا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. تارىخىي تەپسىلاتلار ھازىر بىزگە نامەلۇم، بىراق ئىسرائىلغا بولغان ئاگاھ ناھايىتى ئېنىقتۇر. 10:15 «ئوخشاش بىر كۈن سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرۈلىدۇ، ئى بەيت-ئەل!» ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ «بەيت-ئەل»دە قىلغان رەزىللىكلىرى ئۆز بېشىغا «بەيت-ئاربەل»دىكىدەك بىر كۈننى چۈشۈرىدۇ. «تاڭ سەھەردىلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ «تاڭ سەھەردىلا» ــ دېمەك، «جەڭ بېشىدىلا» (جەڭ ئادەتتە سەھەردە باشلىناتتى)؛ ياكى بولمىسا «بەك تېزلا» دېگەن مەنىدە.