5
ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى ــ نۇھ پەيغەمبەرگىچە
1تار. 1‏:1-27
بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر: ــ
خۇدا ئىنساننى ياراتقان كۈنىدە، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى.   ئۇ ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، يارىتىلغان كۈنىدە ئۇلارنىڭ نامىنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى.  
ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدەك بىر ئوغۇل تۆرەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى. شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.   ئادەمئاتىمىز جەمئىي توققۇز يۈز ئوتتۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
شېت بىر يۈز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېنوش تۆرەلدى. ئېنوش تۇغۇلغاندىن كېيىن شېت سەككىز يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. شېت جەمئىي توققۇز يۈز ئون ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. ئېنوش توقسان ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن كېنان تۆرەلدى. 10 كېنان تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېنوش سەككىز يۈر ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 11 ئېنوش جەمئىي توققۇز يۈز بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
12 كېنان يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ماھالالېل تۆرەلدى. 13 ماھالالېل تۇغۇلغاندىن كېيىن كېنان سەككىز يۈز قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 14 كېنان جەمئىي توققۇز يۈز ئون يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
15 ماھالالېل ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن يارەد تۆرەلدى. 16 يارەد تۇغۇلغاندىن كېيىن ماھالالېل سەككىز يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 17 ماھالالېل جەمئىي سەككىز يۈز توقسان بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
18 يارەد بىر يۈز ئاتمىش ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ھانوخ تۆرەلدى. 19 ھانوخ تۇغۇلغاندىن كېيىن يارەد سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 20 يارەد جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
21 ھانوخ ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن مەتۇشەلاھ تۆرەلدى. 22 مەتۇشەلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھانوخ ئۈچ يۈز يىلغىچە خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، يەنە ئوغۇل-قىزلارنى تاپتى. 23 ھانوخنىڭ يەر يۈزىدە بارلىق كۆرگەن كۈنلىرى ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش يىل بولدى؛ 24 ئۇ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى؛ ئۇ تۇيۇقسىز كۆزدىن غايىب بولدى؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.
  
25 مەتۇشەلاھ بىر يۈز سەكسەن يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن لەمەخ تۆرەلدى. 26 لەمەخ تۇغۇلغاندىن كېيىن مەتۇشەلاھ يەتتە يۈز سەكسەن ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 27 مەتۇشەلاھ جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش توققۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
28‏-29 لەمەخ بىر يۈز سەكسەن ئىككى ياشقا كىرگەندە بىر ئوغۇل تېپىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ ئاتاپ: ــ پەرۋەردىگار تۇپراققا لەنەت قىلدى؛ شۇڭا بىز يەرگە ئىشلىگىنىمىزدە ھەمدە قوللىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدە بۇ بالا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، ــ دېدى. 30 نۇھ تۇغۇلغاندىن كېيىن لەمەخ بەش يۈز توقسان بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 31 لەمەخ جەمئىي يەتتە يۈز يەتمىش يەتتە يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
32 نۇھ بەش يۈز ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شەم، ھام ۋە يافەت تۆرەلدى.
 
 
5:1 «بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئىككىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئادەمئاتىنىڭ تولىدوتى» («ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسى») (1:5-8:6) باشلىنىدۇ («تولىدوت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ). «بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر» ــ مۇشۇ جۈملە يەنە كېلىپ بەلكىم ئادەمئاتا ئۆزى خاتىرىلەپ قالدۇرغان قىسمىنىڭ خاتىمىسى بولۇشى مۇمكىن ۋە كىتابنىڭ يېڭى بىر قىسمىنىڭ، يەنى 3-قىسمىنىڭ باشلىنىشىدۇر (1:5-8:6).‮‮ 5:1 يار. 1‏:26؛ 9‏:6؛ 1كور. 11‏:7. 5:2 «ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ،...» ــ 1-ئايەتتە ئىنسان «ئۇنى» دېيىلىدۇ؛ 2-ئايەتتە «ئۇلارنى» دېيىلىدۇ. دېمەك، 1-ئايەتتە ئەر-ئايالنىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ شۇڭا ئىنسان «ئۇ» دېيىلىدۇ. 5:2 يار. 1‏:26؛ مات. 19‏:4؛ مار. 10‏:6. 5:4 شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتىنىڭ كۈنلىرى سەككىز يۈز يىل بولدى». بۇ بابتىكى ئوخشاش شەكىللىك جۈملىلەرنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى شۇنداق. 5:4 1تار. 1‏:1. 5:6 يار. 4‏:26. 5:9 1تار. 1‏:2. 5:18 1تار. 1‏:3. 5:21 يەھ. 14. 5:22 ئىبر. 11‏:5. 5:24 «ھانوخ... خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى» ــ ھانوخ بولسا پەيغەمبەر ئىدى؛ ئۇ خۇدانىڭ چۈشۈرىدىغان جازالىرى توغرۇلۇق ئاگاھالاندۇراتتى («يەھ.» 14-ئايەتنى كۆرۈڭ). «ئىبر.» 5:11نىمۇ كۆرۈڭ. ئۇنىڭ ئوغلىنى «مەتۇشەلاھ» دەپ ئاتىشى بەلكىم بېشارەت بولۇشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى «مەتۇشەلاھ»نىڭ مەنىسى «ئۇ ئۆلگەندە، (شۇ ئىش) بارلىققا كېلىدۇ!» دېگەن مەنىدە. ئوقۇرمەنلەر ھېسابلاپ كۆرسە، مەتۇشەلاھ ئۆلگەن يىلى خۇدانىڭ جازاسى بولغان توپان ئاپىتى يەر يۈزىگە چۈشكەنلىكىنى بىلىدۇ. 5:24 ئىبر. 11‏:5. 5:28‏-29 «نۇھ» ــ بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى «ئارام» دېگەنلىك بولۇپ، ئىبرانىي تىلىدا «تەسەللى» دېگەن سۆزگە يېقىن كېلىدۇ.