48
ياقۇپنىڭ ئەفرائىم ۋە ماناسسەھكە خەيرلىك دۇئا قىلىشى
بۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرسى يۈسۈپكە: ــ مانا ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىمنى بىللە ئېلىپ باردى. بىرسى ياقۇپقا: ــ مانا ئوغلۇڭ يۈسۈپ قېشىڭغا كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىۋىدى، ئىسرائىل كۈچەپ قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى.
ياقۇپ يۈسۈپكە: ــ ھەممىگە قادىر تەڭرى ماڭا قانائان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايدا ئايان بولۇپ، مېنى بەرىكەتلەپ ماڭا: مانا، مەن سېنىڭ نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سېنى ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن، سەندىن بىر تۈركۈم خەلق چىقىرىمەن؛ بۇ زېمىننى سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە ئەبەدىي مىراس قىلىپ بېرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى. ئەمدى مەن مىسىرغا كېلىشتىن ئىلگىرى ساڭا مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ مېنىڭ ھېسابلىنىدۇ؛ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھ بولسا، خۇددى رۇبەن بىلەن شىمېئونغا ئوخشاش، ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ.   ئۇلاردىن كېيىن تاپقان بالىلىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ. ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى.  
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا قاراپ: ــ بۇلار كىمدۇر، ــ دەپ سورىدى.
يۈسۈپ ئاتىسىغا جاۋابەن: ــ بۇلار بولسا خۇدا ماڭا بۇ يەردە بەرگەن ئوغۇللىرىمدۇر، ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇلارنى ئالدىمغا يېقىن كەلتۈرگىن، مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەي، ــ دېدى.
10 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقىدىن غۇۋالىشىپ ياخشى كۆرەلمەيتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنراق كەلتۈردى؛ ئۇ ئۇلارنى سۆيۈپ قۇچاقلىدى. 11 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلەيمەن دەپ ھېچ ئويلىمىغانىدىم؛ لېكىن خۇدا مېنى سېنىڭ بالىلىرىڭنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى، ــ دېدى.
12 يۈسۈپ بالىلارنى ياقۇپنىڭ تىزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئېلىپ، يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى. 13 ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ سول قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى؛ ماناسسەھنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى. 14 لېكىن ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كەنجى بالىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويدى، سول قولىنى ماناسسەھنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسەھ تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قولىنى قايچىلاپ تۇتۇپ شۇنداق قويدى. 15 ئۇ يۈسۈپكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ: ــ ئاتىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق خۇدا دەپ بىلىپ يۈزى ئالدىدا ماڭغان، مېنى پۈتكۈل ئۆمرۈمدە بۇ كۈنگىچە پادىچىدەك يېتەكلەپ بېقىپ كەلگەن خۇدا، 16 ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ مېنى ھەممە بالا-قازادىن قۇتغۇزغان پەرىشتە بۇ ئىككى ئوغۇلنى بەرىكەتلىسۇن؛ ئۇلار مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، يەر يۈزىدە كۆپ ئاۋۇغاي! ــ دېدى.  
17 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى؛ شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ ماناسسەھنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ، 18 ئاتىسىغا: ــ ئەي ئاتا، بۇنداق قىلمىغىن؛ چۈنكى مانا، تۇنجىسى بۇدۇر؛ ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن! ــ دېدى.
19 لېكىن ئاتىسى رەت قىلىپ: ــ بىلىمەن، ئى ئوغلۇم، بىلىمەن؛ ئۇنىڭدىنمۇ بىر قوۋم چىقىپ، ئۆزىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئەمما دەرھەقىقەت ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ نەسلىدىن ناھايىتى كۆپ قوۋملار پەيدا بولىدۇ، ــ دېدى.
20 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى.
21 ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە يەنە: ــ مانا، مەن ئۆلىمەن؛ لېكىن خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ بارىدۇ. 22 مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭكىدىن بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم؛ شۇ يەرنى ئۆزۈم قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن ئامورىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدىم.  
 
 
48:3 يار. 17‏:1. 48:4 يار. 28‏:3؛ 35‏:11. 48:5 «ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ» ــ كېيىن ماناسسەھ ۋە ئەفرائىمدىن بولغان قەبىلىلەر ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن ئىككىسى ھېسابلاندى. 48:5 يار. 41‏:50؛ 46‏:20. 48:6 «ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ» ــ دېمەك، ئەگەر يۈسۈپنىڭ كېيىن ئوغۇللىرى بولسا، ماناسسەھنىڭ قەبىلىسى ياكى ئەفرائىمنىڭ قەبىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىپ، شۇ قەبىلىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تېگىشلىك مىراس ئالالايتتى. 48:7 «مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى» ــ ياكى «مېنى ھەسرەتكە قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى». «مەن ئۇنى (راھىلەنى) شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم» ــ راھىلە يۈسۈپنىڭ ئۆز ئانىسى، ئەلۋەتتە. بەلكىم ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق تەپسىلاتلار ئۇنىڭ ئېسىدە ئانچە قالمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 48:7 يار. 35‏:19. 48:12 «ياقۇپنىڭ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ». 48:15 ئىبر. 11‏:21. 48:16 «ھەمجەمەت بولۇپ ... قۇتقۇزغان...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردە «گوئېل» دېگەن پېئىل تەۋراتتا بىرىنچى قېتىم ئىشلىتىلىدۇ. «ئايۇپ» 25:19 ۋە ئىزاھاتىنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. 48:16 يار. 31‏:42؛ 32‏:1. 48:17 «يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنى يۈسۈپنىڭ كۆزلىرىگە يامان ئىشتەك كۆرۈندى». 48:19 رۇت 4‏:12،11. 48:20 يەر. 31‏:20. 48:22 «مەن ساڭا ... بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم» ــ دېگەن سۆزلەرنىڭ يەنە مۇمكىن بولغان ئىككى مەنىسى بار: ــ (1) «ساڭا... ئاشۇ «ياغلىق رايون» (كۆپ زەيتۇن مېيىنى چىقىدىغان زېمىن)نى تەقدىم قىلدىم،...» ياكى (2) «ساڭا... شەكەم دېگەن يەرنى ... تەقدىم قىلدىم» (34-بابنى كۆرۈڭ). ئەمەلىيەتتە ئۈچ مەنە ئوخشاشلا توغرا بولۇشى مۇمكىن. 48:22 يە. 13‏:7؛ 16‏:1؛ 17‏:1؛ 24‏:8.