35
خۇدانىڭ بەيت-ئەلدە ياقۇپقا باشپاناھ بولۇشى
ئاندىن خۇدا ياقۇپقا: ــ سەن ھازىر بەيت-ئەلگە چىقىپ، شۇ يەرنى ماكان قىل، ئۆزۈڭ ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا ساڭا كۆرۈنگەن مەن تەڭرىگە بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھ بۇتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ ئېگىنلىرىڭلارنى يەڭگۈشلەڭلار. ئاندىن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىمىز. مەن شۇ يەردە قىيىنچىلىقتا قالغاندا دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، يۈرگەن يولۇمدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەلگەن تەڭرىگە قۇربانگاھ سالاي، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆز قوللىرىدىكى ھەممە يات ئىلاھ بۇتلىرىنى، شۇنداقلا قۇلاقلىرىدىكى زىرىلەرنى چىقىرىپ ياقۇپقا بەردى. ياقۇپ بۇلارنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى. ئاندىن ئۇلار سەپەرگە ئاتلاندى؛ ئەمما ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى خۇدادىن بولغان بىر ۋەھىمە باسقاچقا، ئۇلار ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنى قوغلىمىدى. بۇ تەرىقىدە ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسى قانائان زېمىنىدىكى لۇز، يەنى بەيت-ئەلگە يېتىپ كەلدى. ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياسىدى؛ ئاكىسىدىن قېچىپ ماڭغىنىدا شۇ يەردە خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنگىنى ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئىسمىنى «ئەل-بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى.  
رىۋكاھنىڭ ئىنىكئانىسى دەبوراھ بولسا شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ بەيت-ئەلنىڭ ئايىغىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە دەپنە قىلىندى. بۇ سەۋەبتىن شۇ دەرەخ «يىغا-زارنىڭ دۇب دەرىخى» دەپ ئاتالدى.
 
خۇدانىڭ ياقۇپقا يەنە بىر قېتىم بەخت ئاتا قىلىپ، يېڭى ئىسمىنى تەكرارلىشى
ياقۇپ شۇ يول بىلەن پادان-ئارامدىن يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. 10 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇپتۇر؛ ئەمما مۇندىن كېيىن سەن ياقۇپ ئاتالماي، بەلكى نامىڭ ئىسرائىل بولىدۇ، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىل قويۇپ قويدى. 11 ئاندىن خۇدا يەنە ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۆزۈم ھەممىگە قادىر تەڭرىدۇرمەن؛ سەن نەسىللىنىپ، كۆپەيگىن؛ بىر ئەل، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئەللەر سەندىن پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھلارمۇ سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ.   12 مەن ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا بەرگەن زېمىننى ساڭا بېرىمەن، شۇنداقلا سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگىمۇ شۇ زېمىننى بېرىمەن، ــ دېدى.
13 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن جايدىن، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. 14 ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن جايدا بىر تاش تۈۋرۈكنى تىكلەپ، ئۈستىگە بىر شاراب ھەدىيەسىنى تۆكتى ۋە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى. 15 ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن شۇ جاينىڭ نامىنى «بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى.
 
راھىلەنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىشى
16 ئاندىن ئۇلار بەيت-ئەلدىن مېڭىپ، ئەفراتقا ئازغىنا يول قالغاندا، راھىلەنى تولغاق تۇتۇپ كېتىپ، قاتتىق تۇغۇت ئازابىدا قالدى. 17 ئەمما تولغىقى قاتتىق ئېغىرلاشقاندا، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن، بۇ قېتىم يەنە بىر ئوغلۇڭ بولىدىغان بولدى ــ دېدى.
18 شۇنداق بولدىكى، راھىلە جېنى چىقىش ئالدىدا، ئاخىرقى نەپىسى بىلەن ئوغلىغا «بەن-ئونى» دەپ ئىسىم قويدى؛ ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى «بەن-يامىن» دەپ ئاتىدى.
19 راھىلە ۋاپات بولدى ۋە بەيت-لەھەم دەپ ئاتىلىدىغان ئەفراتنىڭ يولىنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. 20 ياقۇپ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر خاتىرە تېشى تىكلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر «راھىلەنىڭ قەبرە تېشى» شۇ يەردە تۇرماقتا. 21 ئاندىن ئىسرائىل سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ مىگدال-ئېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۆز چېدىرىنى تىكتى.
 
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى
22 ئىسرائىل ئۇ زېمىندا تۇرغان ۋاقتىدا، رۇبەن بېرىپ ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزىكى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى؛ ئىسرائىل بۇنى ئاڭلاپ قالدى.
ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى: ــ
23 لېياھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ۋە شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ھەم زەبۇلۇن ئىدى.
24 راھىلەدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ يۈسۈپ ۋە بىنيامىن ئىدى.
25 راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ دان ۋە نافتالى ئىدى.
26 لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ گاد بىلەن ئاشىر ئىدى. بۇلار بولسا ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىدى.
 
ئىسھاقنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى
27 ئەمدى ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا، ئىبراھىم ۋە ئىسھاق مۇساپىر بولۇپ تۇرغان كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننىڭ يېنىدىكى مامرەگە كەلدى. 28 ئىسھاقنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى بىر يۈز سەكسەن يىل بولدى. 29 ئىسھاق تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى ۋە ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ ئۇنى دەپنە قىلدى.  
 
 
35:1 يار. 27‏:43؛ 28‏:13،12. 35:7 «ئەل-بەيت-ئەل» ــ مەنىسى «بەيت-ئەلدىكى خۇدا». 35:7 يار. 28‏:19. 35:8 «يىغا-زارنىڭ دۇب دەرىخى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاللون-باقۇت». 35:9 ھوش. 12‏:5. 35:10 يار. 32‏:27؛ 2پاد. 17‏:34. 35:11 «بىر ئەل، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئەللەر سەندىن پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھلارمۇ سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ» ــ بۇ بېشارەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 35:11 يار. 17‏:1، 6؛ 28‏:3؛ 48‏:3. 35:14 يار. 28‏:18. 35:15 «بەيت-ئەل» ــ «خۇدانىڭ ئۆيى». بۇ ياقۇپنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇ نامنى شۇ يەرگە قويۇشى ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ بۇ نامنىڭ ئەھمىيىتىنى بىر قەدەر تولۇق چۈشەنگىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. 35:18 «بەن-ئونى» ــ (ئەرەبچە «ئىبن-ئانىي») ــ مەنىسى «قايغۇمنىڭ ئوغلى». «بەن-يامىن» (بىنيامىن) دېگەننىڭ مەنىسى «ئوڭ قولدىكى ئوغۇل» ياكى «ئامەتلىك بالا». 35:19 يار. 48‏:7. 35:21 «ئىسرائىل» ــ يەنى ياقۇپ، ئەلۋەتتە. «مىگدال-ئېدىر» ــ مەنىسى «قوي پادىسى مۇنارى». 35:22 يار. 49‏:4. 35:23 يار. 46‏:8؛ مىس. 1‏:2. 35:29 «كۈنلىرى توشۇپ،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ...» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى» ــ «ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز قوۋملىرىغا قوشۇلدى» ــ 15:15 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. 35:29 يار. 25‏:8.