32
ياقۇپنىڭ ئەساۋ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلىنىشى
ياقۇپ ئۆز يولىغا كېتىپ باراتتى؛ يولدا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئۇچرىدى. ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ جاي خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن! ــ دەپ، بۇ جاينىڭ نامىنى «ماھانائىم» دەپ قويدى.
ئاندىن ياقۇپ سېئىر زېمىنىدىكى «ئېدوم يايلىقى»غا، ئاكىسى ئەساۋنىڭ قېشىغا ئالدىن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر خوجامغا، يەنى ئەساۋغا: «كەمىنىلىرى ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ مەن لاباننىڭ قېشىدا مۇساپىر بولۇپ، تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە تۇردۇم. ئەمدى مەندە كالا، ئېشەك ۋە قويلار، قۇل-دېدەكلەرمۇ بار؛ مەن ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپارمەنمىكىن دەپ خوجامغا خەۋەر يەتكۈزۈشنى لايىق كۆردۈم»، دەڭلار، ــ دېدى.
خەۋەرچىلەر ياقۇپنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ: ــ بىز ئاكىلىرى ئەساۋنىڭ قېشىغا باردۇق؛ ئۇ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
ياقۇپ ناھايىتى قورقۇپ، غەم-غۇسسىگە چۈشۈپ ئادەملىرىنى قوي، كالا ۋە تۆگىلىرىگە قوشۇپ، ئىككى توپقا ئايرىدى. ئۇ: ــ «ئەگەر ئەساۋ كېلىپ بىر توپىمىزغا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپى قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» ــ دەپ ئويلىدى.
ئاندىن ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسھاقنىڭ خۇداسى! ماڭا: «ئۆز زېمىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا يېنىپ كەتكىن، ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار! 10  ــ مەن سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭغا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە بارلىق ۋاپادارلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە يالغۇز بىر ھاسام بار ئىدى. ئەمدى مەن ئىككى توپ ئادەم بولۇپ قايتىۋاتىمەن. 11 ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى ئۇ كېلىپ مەن بىلەن خوتۇن-بالىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن، دەپ قورقىمەن. 12 سەن: «مەن جەزمەن ساڭا زور ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى دېڭىزدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز كۆپ قىلىمەن»، دېگەنىدىڭ، ــ دېدى.
13‏-15 ئۇ شۇ كېچىسى شۇ يەردە قونۇپ قالدى؛ ئاندىن ئۇ قول ئىلىكىدىكى ماللاردىن ئېلىپ، ئاكىسى ئەساۋغا ئىككى يۈز ئۆچكە، يىگىرمە تېكە، ئىككى يۈز ساغلىق، يىگىرمە قوچقار، ئوتتۇز چىشى تۆگىنى تايلاقلىرى بىلەن، قىرىق ئىنەك، ئون بۇقا، يىگىرمە مادا ئېشەك، ئون ھاڭگا ئېشەكنى سوۋغات قىلىپ تەييارلاپ، 16 بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم توپ قىلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر مەندىن بۇرۇن مېڭىپ، ھەر توپنىڭ ئارىسىدا ئارىلىق قويۇپ ھەيدەپ مېڭىڭلار، ــ دېدى.
17 ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى توپ بىلەن ماڭغان كىشىكە ئەمر قىلىپ: ــ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر ئۇ سەندىن: «كىمنىڭ ئادىمىسەن؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ئالدىڭدىكى جانىۋارلار كىمنىڭ؟» ــ دەپ سورىسا، 18 ئۇنداقتا سەن جاۋاب بېرىپ: «بۇلار كەمىنىلىرى ياقۇپنىڭ بولۇپ، خوجام ئەساۋغا ئەۋەتكەن سوۋغاتتۇر. مانا، ئۇ ئۆزىمۇ كەينىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ» ــ دېگىن، دېدى.
19‏-20 شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پادىلارنى ھەيدەپ ماڭغۇچى كىشىلەرگىمۇ ئوخشاش ئەمر قىلىپ: ــ ئەساۋ سىزلەرگە ئۇچرىغاندا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق دەڭلار، ئاندىن: ــ مانا، كەمىنىلىرى ياقۇپ ئۆزىمۇ ئارقىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ، ــ دەڭلار، دېدى؛ چۈنكى ئۇ: ــ مەن ئالدىمدا بارغان سوۋغات بىلەن ئۇنى مېنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇپ، ئاندىن يۈزىنى كۆرسەم، مېنى قوبۇل قىلارمىكىن، ــ دەپ ئويلىغانىدى.
21 شۇنداق قىلىپ سوۋغات ئالدىن ئەۋەتىلدى؛ ئۇ شۇ كېچىسى بارگاھدا قونۇپ قالدى.
 
ياقۇپنىڭ خۇدا بىلەن چېلىشىشى
22 ئۇ شۇ كېچىدە قوپۇپ، ئىككى ئايالى ۋە ئىككى دېدىكى ۋە ئون بىر ئوغلىنى ئېلىپ، ياببوك كېچىكىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 23 ئۇ ئۇلارنى ئېقىندىن ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا ھەممە تەئەللۇقىنىمۇ ئۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزدى. 24 ياقۇپ بولسا بۇ قاتتا يالغۇز قالدى؛ بىر زات كېلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. 25 لېكىن بۇ زات ئۇنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چېلىشىۋاتقاندا ياقۇپنىڭ يوتىسى قازاندىن چىقىپ كەتتى.
26 ئۇ زات: ــ مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، دېدى.
ــ سەن مېنى بەرىكەتلىمىگۈچە، سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، دېدى ياقۇپ.
27 ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى.
ئۇ: ئېتىم ياقۇپ، ــ دېدى.
28 ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئېتىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بولماي، بەلكى ئىسرائىل بولىدۇ؛ چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ، ئىنسان بىلەنمۇ ئېلىشىپ غالىب كەلدىڭ، ــ دېدى.  
29 ئاندىن ياقۇپ ئۇنىڭدىن: ــ نامىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ: ــ نېمىشقا مېنىڭ نامىمنى سورايسەن؟ ــ دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى.
30 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ: ــ خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى، دەپ ئۇ جاينىڭ نامىنى «پەنىئەل» دەپ ئاتىدى.
31 ئۇ پەنىئەلدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا، كۈن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى يورۇتتى؛ ئەمما ئۇ يوتىسى تۈپەيلىدىن ئاقساپ ماڭاتتى .
32 بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار بۈگۈنگىچە يوتىنىڭ ئۈگىسىدىكى پەينى يېمەيدۇ؛ چۈنكى شۇ زات ياقۇپنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا، يەنى ئۇنىڭ پېيىگە قولىنى تەگكۈزۈپ قويغانىدى.
 
 
32:1 يار. 48‏:16. 32:2 «ماھانائىم» ــ بۇنىڭ مەنىسى «ئىككى بارگاھ». بۇ «ئىككى بارگاھ» ياقۇپنىڭ بارگاھى ۋە خۇدانىڭ بارگاھىنى كۆرسىتىدۇ. ياقۇپنىڭ «بارگاھ» دېگىنىدىن قارىغاندا، شۇ جايدا كۆرگەن پەرىشتىلەر دەرۋەقە ئىنتايىن كۆپ بولسا كېرەك. 32:9 يار. 31‏:13. 32:10 «ھېچنېمە ئەمەسمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىنتايىن كىچىكمەن». 32:12 يار. 28‏:13. 32:13‏-15 «ھاڭگا ئېشەك» ــ ياكى «تەخەي». 32:19‏-20 «ئۇنى مېنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇپ، ئاندىن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا كافارەت قىلالايمەن، ئاندىن...». «كافارەت» دېگەن ئىش توغرۇلۇق «مىس.» 33:29 ۋە ئىزاھاتى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. 32:25 «يوتىسىنىڭ يىرىقىغا...» ــ ياكى «يوتىسىنىڭ ئۈگىسىگە». 32:26 ھوش. 12‏:4. 32:28 «ئىسرائىل» ــ مەنىسى «خۇدا بىلەن بىللە بولغان ئەمىر» ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ «خۇدا بىلەن ئېلىشقۇچى». 32:28 يار. 35‏:10. 32:29 «پەنىئەل» ــ (ياكى «پەنۇئەل») ــ مەنىسى «خۇدانىڭ جامالى». 32:30 «خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى» ــ بۇ ئىنتايىن سىرلىق ۋەقە ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.