26
ئىسھاقنىڭ گەراردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇشى
قانائان زېمىنىدا ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى ئاچارچىلىقتىن باشقا يەنە بىر قېتىملىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەرار شەھىرىگە، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا باردى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ مۇنداق دېدى: ــ سەن مىسىرغا چۈشمەي، بەلكى مەن ساڭا كۆرسىتىپ بېرىدىغان يۇرتتا تۇرغىن. موشۇ زېمىندىن چىقماي مۇساپىر بولۇپ تۇرغىن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئادا قىلىمەن؛ نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛   چۈنكى ئىبراھىم مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، تاپىلىغىنىم، ئەمرلىرىم، بەلگىلىمىلىرىم ۋە قانۇنلىرىمنى بەجا كەلتۈردى، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەراردا تۇرۇپ قالدى. ئەمما ئۇ يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ ئايالى توغرىسىدا سورىسا ئۇ: ــ بۇ مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ، ــ دېدى؛ چۈنكى رىۋكاھ ئىنتايىن چىرايلىق بولغاچقا، ئىسھاق ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ»، دېسەم، بۇ يەرلىك ئادەملەر رىۋكاھنىڭ سەۋەبىدىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، ــ دەپ قورقتى.
لېكىن ئۇ شۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دەرىزىدىن قارىۋىدى، مانا ئىسھاق ۋە ئايالى رىۋكاھ بىر-بىرىگە ئەركىلىشىپ تۇراتتى. ئاندىن ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرىپ: ــ مانا، ئۇ جەزمەن سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن! سەن نېمە دەپ: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم»، دېدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ چۈنكى مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرسى مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ــ دېدى.
10 ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ تاس قاپتۇ خەلق ئارىسىدىن بىرەرسى ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغىلى؟! ئۇنداق بولغان بولسا سەن بىزنى گۇناھقا پاتقۇزغان بولاتتىڭ! ــ دېدى.
11 ئاندىن ئابىمەلەك ھەممە خەلققە بۇيرۇپ: ــ كىمكى بۇ كىشىگە ۋە ياكى خوتۇنىغا قول تەگكۈزسە جەزمەن ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ، ــ دەپ يارلىق چۈشۈردى.
12 ئىسھاق ئۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلدى: ئۇ شۇ يىلى يەردىن يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىگەنىدى. 13 بۇ كىشى باش كۆتۈرۈپ، بارغانسېرى راۋاج تېپىپ، تولىمۇ كاتتا كىشىلەردىن بولۇپ قالدى. 14 ئۇنىڭ قوي-كالا پادىلىرى ۋە ئۆيىدىكى قۇللىرى ئىنتايىن كۆپەيدى؛ فىلىستىيلەر ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى.
15 بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ كۈنلىرىدە ئاتىسىنىڭ قۇللىرى كولىغان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى فىلىستىيلەر ئېتىپ، توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى.
16 ئابىمەلەك ئىسھاققا: ــ سەن بىزدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتتىڭ، ئەمدى ئارىمىزدىن چىقىپ كەتكىن، ــ دېدى.
17 ئىسھاق ئۇ يەردىن كېتىپ، گەرار ۋادىسىغا چېدىر تىكىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. 18 ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا قۇللىرى بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازغانىدى؛ بىراق ئىبراھىم ئۆلگەندىن كېيىن، فىلىستىيلەر بۇلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق بۇ قۇدۇقلارنى قايتىدىن كولىتىپ، ئۇلارغا ئاتىسى ئىلگىرى قويغان ئىسىملارنى يەنە قويدى. 19 ئىسھاقنىڭ قۇللىرى ۋادىدا قۇدۇق كولاۋاتقاندا سۇلىرى ئۇرغۇپ چىقىپ ئاقىدىغان بىر قۇدۇقنى تېپىۋالدى. 20 لېكىن گەراردىكى پادىچىلار ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرىدىن ئۇنى تالىشىپ: ــ بۇ سۇ بىزنىڭكىدۇر، ــ دېدى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن جېدەللەشكەچكە، ئۇ بۇ قۇدۇقنى «ئېسەك» دەپ ئاتىدى. 21 ئۇلار يەنە باشقا بىر قۇدۇقنى كولىدى، ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق توغرىسىدا جېدەللەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق بۇنىڭ ئىسمىنى «سىتناھ» دەپ ئاتىدى.
22 ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، باشقا يەرگە بېرىپ، شۇ يەردىمۇ يەنە بىر قۇدۇق كولىدى؛ ئەمدى گەراردىكىلەر بۇ قۇدۇقنى تالاشمىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۇنىڭ ئېتىنى «رەھوبوت» قويۇپ: «ئەمدى پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن جاي بەرگەنىكەن، بۇ زېمىندا مېۋىلىك بولىمىز»، ــ دېدى.
23 ئاندىن ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ بەئەر-شېباغا باردى. 24 پەرۋەردىگار شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىمەن، سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى قۇلۇم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن ئاۋۇتىمەن، ــ دېدى.
25 ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى. ئۇ شۇ يەردە چېدىرىنى تىكتى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى شۇ يەردە بىر قۇدۇق كولىدى.
 
ئىسھاقنىڭ ئابىمەلەك پادىشاھ بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى
26 ئەمدى ئابىمەلەك، ئاغىنىسى ئاھۇززات بىلەن لەشكەربېشى فىكول بىرگە گەراردىن چىقىپ، ئۇنىڭ قېشىغا باردى. 27 ئىسھاق ئۇلارغا: ــ ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى ئاراڭلاردىن قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قېشىمغا كەلدىڭلار؟ ــ دېدى.
28‏-29 ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ سەن بىلەن بىللە بولغىنىنى روشەن بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز سېنىڭ توغراڭدا: «ئوتتۇرىمىزدا بىر كېلىشىم بولسۇن، يەنى بىزلەر بىلەن سەن بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ ئەھدە قىلىشايلى» دېدۇق؛ شۇ ۋەجىدىن سەن بىزگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەيسەن؛ بىز ساڭا ھېچ تەگمىگىنىمىزدەك، شۇنداقلا ساڭا ياخشىلىقتىن باشقا ھېچبىر نېمە قىلمىغىنىمىزدەك (بەلكى سېنى ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يولۇڭغا ئەۋەتكەنىدۇق) سەنمۇ شۇنداق قىلغايسەن. مانا ھازىر سەن پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت-بەرىكەت كۆرۈۋاتىسەن! ــ دېيىشتى.
30 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا بىر زىياپەت قىلىپ بەردى. ئۇلار بولسا يەپ-ئىچتى. 31 ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇلار قوپۇپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلىشتى؛ ئاندىن ئىسھاق ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ قېشىدىن ئامان-ئېسەن كەتتى.
32 ئۇ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى كولىغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: «بىز سۇ تاپتۇق!» دېدى. 33 ئۇ ئۇنىڭ نامىنى «شېباھ» قويدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى بۈگۈنگىچە «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
 
ئەساۋنىڭ يات قەبىلىدىن ئالغان ئاياللىرى
34 ئەساۋ قىرىق ياشقا كىرگەندە، ھىتتىيلاردىن بولغان بەئەرىنىڭ قىزى يەھۇدىت بىلەن ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالدى. 35 ئەمما بۇلار ئىسھاق بىلەن رىۋكاھنىڭ كۆڭلىگە ئازاب ئېلىپ كەلدى.
 
 
26:1 «ئابىمەلەك» ــ شۇ ۋاقىتتا گەرار پادىشاھىنىڭ ئومۇمىي ئۇنۋانى ئىدى. بۇ «ئابىمەلەك» ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى «ئابىمەلەك» (20-باب) ئەمەس. 26:2 «سەن مىسىرغا چۈشمەي» ــ گەرار شەھىرى قانائان زېمىنىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، مىسىر زېمىنىغا بارىدىغان يول ئۈستىدە ئىدى. 26:3 يار. 13‏:15؛ 15‏:18. 26:4 «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ» ــ ياكى «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ». 26:4 يار. 12‏:3؛ 18‏:18؛ 22‏:18. 26:8 «ئىسھاق ۋە ئايالى رىۋكاھ بىر-بىرىگە ئەركىلىشىپ تۇراتتى» ــ ياكى «ئىسھاق ئايالى رىۋكاھنى سىلاپ تۇراتتى». 26:15 «قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى فىلىستىيلەر ئېتىپ، توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى» ــ ئاچارچىلىق بولغان ۋاقتىدا بۇنداق قىلىش يامان ئىش ھېسابلىناتتى ھەم ھاماقەتلىك بولاتتى. 26:20 «ئېسەك» ــ «ماجىرا». 26:21 «سىتناھ» ــ «قارشىلىق». 26:22 «رەھوبوت» ــ «ئازادە يەر». 26:28‏-29 «ئەھدە قىلىشىش» ــ «ئەھدە كېسىش» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (10:15نى كۆرۈڭ). 26:33 «شېباھ» ۋە «شېبا» ــ بۇ ئىككى سۆز «قەسەم» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. «بەئەر-شېبا» دېگەننىڭ مەنىسى «قەسەمنىڭ قۇدۇقى». بۇ بەلكىم شۇ يەردىكى ئىككىنچى قۇدۇق بولۇشى مۇمكىن؛ ئىبراھىم ئەسلىدە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىش تۈپەيلىدىن شۇ يەرگە ئوخشاش ئىسىم قويغانىدى (31:21نىمۇ كۆرۈڭ). 26:35 يار. 27‏:46.