21
ئىسھاقنىڭ دۇنياغا كېلىشى
ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك ساراھنى يوقلىدى؛ پەرۋەردىگار ساراھقا دېگىنىدەك قىلدى.
  
ساراھ ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىم قېرىغاندا خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتتا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئىبراھىم ئۆزىگە تۆرەلگەن ئوغلى، يەنى ساراھ ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق قويدى. ئاندىن ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى. ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى. ساراھ: «خۇدا مېنى كۈلدۈرۈۋەتتى؛ ھەركىم بۇ ئىشنى ئاڭلىسا، مەن بىلەن تەڭ كۈلۈشىدۇ»، دېدى.
ئۇ يەنە: ــ كىممۇ ئىبراھىمغا: «ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ!» دەپ ئېيتالايتتى؟ چۈنكى ئۇ قېرىغاندا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم! ــ دېدى.
 
ھەجەر بىلەن ئىسمائىلنىڭ قوغلىنىشى
بالا چوڭ بولۇپ، ئەمچەكتىن ئايرىلدى. ئىسھاق ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى ئىبراھىم چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئەمما ساراھ مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇلنىڭ ئىسھاقنى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى. 10 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبراھىمغا: ــ بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن تەڭ ۋارىس بولسا بولمايدۇ!، ــ دېدى.
11  ساراھنىڭ بۇ سۆزى ئىبراھىمغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى؛ چۈنكى ئىسمائىلمۇ ئۇنىڭ ئوغلى-دە! 12 لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: ــ بالاڭ ۋە دېدىكىڭ ۋەجىدىن بۇ سۆز ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن، بەلكى ساراھنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئىسھاقتىن بولغىنى سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ. 13 لېكىن دېدەكنىڭ ئوغلىدىنمۇ بىر خەلق-مىللەت پەيدا قىلىمەن، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ نەسلىڭ، ــ دېدى.
14 ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئىبراھىم قوپۇپ، نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېلىپ ھەجەرگە بېرىپ، ئۆشنىسىگە يۈدكۈزۈپ، بالىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر كېتىپ، بەئەر-شېبانىڭ چۆلىدە كېزىپ يۈردى. 15‏-16 ئەمدى تۇلۇمدىكى سۇ تۈگەپ كەتكەنىدى؛ ھەجەر بالىنى بىر چاتقالنىڭ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ چىدىمايمەن» دەپ، بىر ئوق ئېتىمچە يىراققا بېرىپ، ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى.
 
17 خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ھەجەر، ساڭا نېمە بولدى؟ قورقمىغىن؛ چۈنكى خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ياتقان يېرىدىن ئاڭلىدى. 18 ئەمدى قوپۇپ، قولۇڭ بىلەن بالىنى يۆلەپ تۇرغۇز؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر ئەل-مىللەت قىلىمەن، ــ دېدى.
19 شۇئان خۇدا ھەجەرنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى، ئۇ بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ بېرىپ تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، ئوغۇلغا ئىچكۈزدى.
20 خۇدا ئۇ بالا بىلەن بىللە بولدى؛ ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، مەرگەن بولۇپ يېتىشتى. 21 ئۇ پاران چۆلىدە تۇردى؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىر زېمىنىدىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.
 
ئىبراھىمنىڭ ئابىمەلەك پادىشاھ بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى
22 ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول كېلىپ ئىبراھىمغا: ــ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا، خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر. 23 ئەمدى سەن دەل مۇشۇ يەردە ماڭا، ئوغلۇمغا ۋە نەۋرەمگە خىيانەت قىلماسلىققا خۇدانىڭ نامىدا قەسەم قىلىپ بەرگەيسەن؛ مەن ساڭا كۆرسىتىپ كەلگەن مېھرىبانلىقىمدەك، سەنمۇ ماڭا ۋە سەن ھازىر تۇرۇۋاتقان يۇرتقا مېھرىبانلىق قىلغايسەن، ــ دېدى.
24 ئىبراھىم: قەسەم قىلىپ بېرەي، دېدى.
25 ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەكنى ئەيىبلىدى. 26 ئابىمەلەك: ــ بۇ ئىشنى قىلغان كىشىنى بىلمەيمەن؛ سەن بۇ ئىشنى ماڭىمۇ ئېيتماپسەن؛ مەن بۇ ئىشنى پەقەت بۈگۈنلا ئاڭلىشىم، ــ دېدى.
27 ئىبراھىم قوي-كالا ئېلىپ ئابىمەلەككە تەقدىم قىلدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىككىلىسى ئەھدە قىلىشتى. 28 ئىبراھىم يەنە پادىدىن يەتتە چىشى قوزىنى بىر تەرەپكە ئايرىپ قويدى. 29 ئابىمەلەك ئىبراھىمدىن: ــ سەن بىر تەرەپكە ئايرىپ قويغان بۇ يەتتە چىشى قوزىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، 30 ئۇ: ــ مېنىڭ بۇ قۇدۇقنى كولىغىنىمنى ئېتىراپ قىلغىنىڭغا گۇۋاھلىق سۈپىتىدە بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.
31 بۇ ئىككىسى شۇ يەردە قەسەم قىلىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شۇ جاينى «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىدى. 32 شۇ تەرىقىدە ئۇلار بەئەر-شېبادا ئەھدە قىلىشتى. ئاندىن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول قوزغىلىپ، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كەتتى.
33 ئىبراھىم بەئەر-شېبادا بىر تۈپ يۇلغۇننى تىكىپ، ئۇ يەردە ئەبەدىي تەڭرى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى.   34 ئىبراھىم فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تۇرۇپ قالدى.
 
 
21:1 «پەرۋەردىگار ... ساراھنى يوقلىدى» ــ تەۋرات-ئىنجىلدا، خۇدا مەلۇم كىشىنى ياكى مەلۇك خەلقنى «يوقلاپ» ئۇنىڭغا ياكى ئۇلارغا يېقىنلاشسا، ياكى ئالاھىدە بەخت-بەرىكەت، شاپائەت كۆرسىتىدۇ، ياكى قاتتىق جازالايدۇ. مۇشۇ يەردە بەخت-بەرىكەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە. بۇ ئىشتا قىزىق بىر يېرى شۇكى، ئىبراھىم باشقىلار ئۈچۈن «ئۇلار بالىلىق بولسۇن» (17:20-18) دەپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ پەرزەنت كۆرىدۇ. 21:1 يار. 17‏:19؛ 18‏:10. 21:2 يار. 18‏:14،10؛ گال. 4‏:23؛ ئىبر. 11‏:11. 21:3 «ئىسھاق» ــ «كۈلكە». 21:4 يار. 17‏:10. 21:10 گال. 4‏:30. 21:11 «ئېغىر» ــ ياكى «يامان». 21:12 رىم. 9‏:7؛ ئىبر. 11‏:18. 21:13 يار. 16‏:10؛ 17‏:20. 21:14 «بالا» ــ شۇ ۋاقىتتا ئىسمائىل 15-16 ياشقا كىرگەنىدى. 21:18 يار. 16‏:10؛ 17‏:20. 21:23 يار. 14‏:23. 21:31 «بەئەر-شېبا» ــ «قەسەم قۇدۇقى» دېگەن مەنىدە. ئىبرانىي تىلىدا «قەسەم» («شېبا» ياكى «شېبۇئا») ۋە «يەتتە» («شېبا») دېگەنلەرنىڭ ئاھاڭى ئوخشاش بولغاچقا، يەنە «يەتتىنىڭ قۇدۇقى» دېگەن مەنىسىمۇ بار. 21:32 «فىكول» ــ گەرار پادىشاھنىڭ سەردارىنىڭ ئومۇمىي ئۇنۋانى ئىدى (26:26). 21:33 «بىر تۈپ يۇلغۇننى تىكىپ» ــ يۇلغۇن تىكىش خۇراپىي ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى قوشنا ئەل بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكى ئۈچۈن، «مۇشۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرماقچىمەن» دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. 21:33 يار. 4‏:26. 21:34 «ئۇزۇن ۋاقىت» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نۇرغۇن كۈنلەر».