2
شۇنداق قىلىپ ئاسمان بىلەن زېمىن، پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يارىتىلىپ بولدى.
خۇدا يەتتىنچى كۈنىگىچە قىلىدىغان ئىشىنى تاماملىدى. ئۇ يەتتىنچى كۈنى بارلىق يارىتىش ئىشىنى توختىتىپ ئارام ئالدى.   يەتتىنچى كۈنى خۇدا بارلىق يارىتىش ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى.
 
«ئاسمان-زېمىننىڭ تارىخلىرى» {4:2-26:4} •••• ئېرەم باغ ــ ئادەمئاتىنى يارىتىش جەريانى
پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنىدە، ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق: ــ
زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. لېكىن يەردىن بۇلاق سۈيى چىقىپ، تامام يەر يۈزىنى سۇغاردى. ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى.   ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا مەشرىق تەرەپتە ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بىنا قىلىپ، ياسىغان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، مېۋىلىرى يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى.   10 باغنى سۇغىرىشقا ئېرەمدىن بىر دەريا ئېقىپ چىقتى؛ ئاندىن بۆلۈنۈپ، تۆت ئېقىن بولدى. 11 بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 12 بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ئېسىل ئىدى؛ شۇ يەردە پۇراقلىق دېۋىرقاي بىلەن ئاق ھېقىقمۇ چىقىدۇ. 13 ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىھون بولۇپ، پۈتكۈل كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 14 ئۈچىنچى دەريانىڭ نامى دىجلە بولۇپ، ئاشۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تۆتىنچى دەريانىڭ نامى ئەفرات ئىدى.
 
15 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېلىپ ئېرەم بېغىغا ئىشلەپ، پەرۋىش قىلسۇن دەپ ئۇنى شۇ يەرگە قويۇپ قويدى.
16 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: باغدىكى ھەربىر دەرەخ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭچە يە؛ 17 ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى.
 
ھاۋا ئانىنىڭ يارىتىلىشى
18 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى.
19 پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار-قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى. 20 بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى.
21 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت-گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى. 22 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ بىقىنىدىن ئالغان شۇ قىسىمدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. 23 ئادەمئاتا خۇشال بولۇپ: ــ مانا بۇ سۆڭەكلىرىمدىكى سۆڭەك، ئېتىمدىكى ئەت بولغاچ، «ئايال» دەپ ئاتالسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر، ــ دېدى.  
24 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ بىر بولۇپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ.  
25 ئادەمئاتا بىلەن ئايالى ھەر ئىككىسى يالىڭاچ بولسىمۇ، ھېچ ئۇيالمايتتى.  
 
 
2:1 «پۈتكۈل مەۋجۇداتلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق قوشۇنلىرى». بۇ سۆز، شۈبھىسىزكى، بارلىق جانىۋارلارنىلا ئەمەس، ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ۋە كېرۇب-پەرىشتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2:2 «ئارام ئالدى» ــ خۇدانىڭ «ئارام ئېلىش»ى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 2:2 مىس. 20‏:11؛ 31‏:17؛ قان. 5‏:14؛ ئىبر. 4‏:4. 2:3 «مۇقەددەس كۈن» ــ «مۇقەددەس كىتاب»تا، «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «خۇداغا مەخسۇس ئاتالغان»، «خۇدانىڭ ئىشلىتىشىگە مەخسۇس ئايرىلغان»، «خۇداغىلا مەنسۇپ» دېگەندەك مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. 2:4 «پەرۋەردىگار» ــ مۇشۇ كىتابتا ئېلىنغان «پەرۋەردىگار» بولسا، ئىبرانىي تىلىدىكى «ياھۋەھ» دېگەننىڭ تەرجىمىسىدۇر. «ياھۋەھ» خۇدانىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ، «مەڭگۈلۈك بولغۇچى»، «ئۆزۈم باردۇرمەن»، «ئەھدىسىدە مەڭگۈ تۇرغۇچى خۇدا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرۇلۇق يەنە مۇناسىۋەتلىك تەبىرلەرنى كۆرۈڭ. «ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاسمان-زېمىنلارنىڭ دەۋر-تارىخلىرى مۇنداق بولدى» ــ «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» دېگەن كىتابتا ئون بىر «تولىدوت» («تارىخ») بولۇپ، ھەربىرى «بۇلار پالانچى-پوكۇنچى دەۋرىنىڭ تولىدوتى (تارىخى)...» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ يەردە بايان قىلىنىۋاتقىنى تارىخنىڭ بىرىنچىسىدۇر (4:2-26:4). «پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنى» دېگەن مۇشۇ يەردە بەلكىم 24 سائەتلىك بىر كۈن ئەمەس، بەلكى 4:2-26:4دە بايان قىلىنغان پۈتكۈل مەزگىلنى كۆرسەتسە كېرەك. 2:5 «ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى» ــ بۇ جۈملىدە بەلكىم ئېرەم بېغىدا ئالاھىدە بولغان ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن. 2:6 «بۇلاق سۈيى» ــ ياكى «بىرخىل تۇمان». 2:7 «ئادەم» ۋە «توپا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «توپا» ۋە «ئادەم» دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى يېقىن؛ ئۇ يەنە «قىزىل» دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك (ئوتتۇرا شەرقتە توپا قىزىلغا مايىل بولىدۇ). 2:7 1كور. 15‏:45، 47. 2:8 «ئېرەم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېدەن». مەنىسى «لەززەت»، «ھۇزۇر». 2:9 «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ» ــ بۇ دەرەخلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 2:9 ۋەھ. 2‏:7. 2:12 «دېۋىرقاي» ــ ياكى «مەرۋايىت». 2:14 «دىجلە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھىددەكەل». «ئاشۇر» ــ ئاسۇرىيەنىڭ قەدىمكى نامى. 2:15 «پەرۋىش قىلسۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋىش قىلىش» مۇشۇ يەردە يەنە «قوغداش، مۇداپىئە قىلىش، قاراش» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېنىقكى، ئىنساننىڭ ئەمگەك-خىزمەت قىلىشى ئىنساننىڭ گۇناھكار بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بىرخىل بەخت-بەرىكەتتۇر. بىراق ئىنسانلارنىڭ گۇناھقا پېتىپ قالغاندىن كېيىنكى قىلغان ئەمگىكى بەك جاپالىق بولىدۇ. 2:18 «ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان» ــ ياكى «ئۆزىگە ئوخشاش». «ياردەمچى ھەمراھ» ــ بۇ سۆز ھەرگىز ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىدىن مەلۇم تەرەپتە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى يەرلەردە خۇدا ئۆزىنىڭ ئىنسانغا «ياردەمچى» بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن، «زەب.» 14:10، 10:30، 1:46، 4:54دە). 2:21 «بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ» ــ ياكى «بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ». 2:22 1كور. 11‏:8. 2:23 «ئايال» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئىششاھ»، «ئەر كىشى» «ئىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزلەر ئەرەبچە «ئىنسان» ۋە «نىسا» دېگەن سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 2:23 مال. 2‏:14؛ ئ‍ەف. 5‏:30،31. 2:24 «باغلىنىش» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «باغلىنىش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «يىلىم بىلەن چاپلىنىش» دېگەنگە يېقىندۇر. «بىر تەن» ــ ياكى: «بىر ئەت». «بىر تەن بولىدۇ» ــ ياكى: «بىر تەن بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ». 2:24 مات. 19‏:5؛ مار. 10‏:7؛ ئ‍ەف. 5‏:28، 29، 31؛ 1كور. 6‏:16. 2:25 «يالىڭاچ بولسىمۇ، ھېچ ئۇيالمايتتى» ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 2:25 يار. 3‏:7.