10
نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى ــ «ئەللەرنىڭ نەسەبنامىسى»
1تار. 1‏:1-27
تۆۋۆندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ     
يافەتنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى.
گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە تورگاماھ ئىدى.
ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلىشاھ، تارشىش، كىتتىيلار ۋە دودانىيلار ئىدى. بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ئايرىم-ئايرىم ياشىغان خەلقلەر بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تىلى، ئۆز ئائىلە-قەبىلىلىرى بويىچە ئۆز زېمىنلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.
ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائانلار ئىدى.  
كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائاماھنىڭ ئوغۇللىرى شېبا ۋە دېدان ئىدى. كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ چىقتى.   ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى؛ شۇ سەۋەبتىن «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن» دېگەن گەپ تارقالغان. 10 ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەردە باشلانغانىدى. 11‏-12 ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى).


13 مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، 14 پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى.
15 قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن. 16 ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، 17 ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار، 18 ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قانائانىيلارنىڭ قەبىلىلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى. 19 قانائانىيلارنىڭ يۇرت چېگرىسى بولسا زىدوندىن تارتىپ، گەرار تەرىپىگە سوزۇلۇپ، گازاغا چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادماھ بىلەن زەبوئىم تەرىپىگە تۇتىشىپ، لېشاغىچە يېتىپ باراتتى.
20 يۇقىرىقىلار بولسا ھامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى.
21 شەممۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى؛ شەم بولسا يافەتنىڭ ئاكىسى، ئېبەرلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى.
22 شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ 23 ئارامنىڭ ئوغۇللىرى ئۇز، ھۇل، گەتەر، ماش ئىدى.
24 ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى.   25 ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.
26 يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، 27 ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ، 28 ئوبال، ئابىمائەل، شېبا، 29 ئوفىر، ھاۋىلاھ ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 30 ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرى بولسا مېشادىن تارتىپ، سەففار دېگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى.
31 يۇقىرىقىلار بولسا شەمنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى.
32 يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز نەسەبلىرى ۋە قوۋملىرى بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىنكى يەر يۈزىدىكى بارلىق قوۋملار ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تارقالغان.  
 
 
10:1 «ئىزاھات» ــ مۇشۇ بابتىكى نەسەبنامىدىكى بەزى تەپسىلاتلار ۋە نەسەبنامىدىكى يەتمىش ئەلنىڭ ھازىرقى قايسى ئەل ئىكەنلىكى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك خەرىتىنى كۆرۈڭ. «تۆۋەندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ » ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ تۆتىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تولىدوتى» («نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (1:10-9:11) باشلىنىدۇ. 10:1 1تار. 1‏:4 10:2 1تار. 1‏:5. 10:4 «بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى» ــ بەزى ئالىملار «يافەتنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرى»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر پەقەت ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز ئىككىنچى پىكىرگە مايىل. 10:6 «مىسىر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مىتسرائىم». «پۇت» ــ «لىۋىيە»دىكىلەرنىڭ ئەجدادى بولدى. 10:6 1تار. 1‏:8. 10:8 «نىمرود» ــ بۇ ئىسىم «ئاسىي» «ئىسيان كۆتۈرگۈچى» دېگەن مەنىدە. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىسىم ئۇنىڭغا كېيىنرەك قويۇلۇپ، ئۇنىڭ خۇداغا قارشى چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن. 10:8 1تار. 1‏:10. 10:9 «ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم نىمرودنىڭ ئىسمىنى چۈشەندۈرىدۇ. «ئوۋچى» مۇشۇ يەردە بەلكىم ھايۋانلارنىلا ئەمەس، ئىنسانلارنى ئوۋلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ بۇ يەردە «ئوۋچى» دېگەن سۆزنىڭ «جاھانگىر» دېگەن مەنىسىمۇ بار. كونا يەھۇدىي ئۇستازلار («راببىلار»)نىڭ ھەممىسى: «پەرۋەردىگار ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى» دېگەن سۆزلەر ئۇنىڭ خۇداغا قارشى تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايتتى. چۈنكى نىمرود كېيىن بەرپا قىلغان شەھەرلەر، جۈملىدىن بابىل شەھىرى خۇدا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى چىققان، شۇنداقلا خۇداغا قارشى چىقىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن» ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئىنتايىن سەلبىي بولۇشى مۇمكىن: «ئۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئادەم»، «ناھايىتى تەكەببۇر بىر جاھانگىر»، «ھەتتا پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىشقا پېتىنىدۇ» دېگەندەك مەنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 10:10 «شىنار» ــ «بابىل» ياكى «بابىلون»نىڭ باشقا بىر نامىدۇر. «ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى» ــ «ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاساسى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەر ئىدى». 10:11‏-12 «ئاشۇر» ــ يەنى «ئاسۇرىيە». مۇمكىنچىلىكى باركى، نىمرود بابىل شەھىرىدە خۇداغا قارشى بولغان ھەرىكەتكە باشلامچى بولغانىدى؛ شۇڭا كېيىن (ئىنسان تىللىرى قالايمىقانلاشتۇرۇلغاندا) ئۇ بابىل شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. «ئۇ بۇ زېمىنىدىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئاشۇر شۇ زېمىندىن چىقىپ،...». «بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى» ــ دېمەك، نىنەۋە دېگەن «كاتتا شەھەر»نى كۆرسىتىدۇ («يۇن.» 1:1، 2:3، 3:3، 11:4نى كۆرۈڭ). چۈنكى كېيىنرەك، بۇ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە رەسەن دېگەن تۆت شەھەر بىرلىشىپ بىر چوڭ كاتتا شەھەر، يەنى «نىنەۋە شەھەر»ى بولدى. بەزى ئالىملار «كاتتا شەھەر» پەقەت كالاھ بىلەن رەسەندىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ بىزنىڭچە «كاتتا شەھەر» نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە رەسەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 10:22 يار. 11‏:10؛ 1تار. 1‏:17. 10:23 «ماش» ــ ياكى «مەشەك». 10:24 «ئېبەر» ــ مەنىسى بەلكىم «(دەريادىن) ئۆتكۈچى». «ئىبرانىي» دېگەن سۆز بەلكىم بۇ سۆزدىن چىققان. 10:24 1تار. 1‏:18. 10:25 «پەلەگ» ــ بۇ سۆزنىڭ تەلەپپۇزى «بۆلۈنۈش»كە يېقىندۇر. «ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى» ــ بۇ سۆز ھەقتە ئۈچ خىل ئىمكانىيەت بار: (1) بۇ سۆزلەر بابىل مۇنارى ۋەقەسىدە (11-باب)، خۇدانىڭ تىلنى بۆلۈشى بىلەن ئەللەرنىمۇ بۆلگەنلىكىنى، شۇنداقلا «يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەن»لىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) يەر-زېمىننىڭ ئۆزىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 9:1 بويىچە يەر-زېمىن ئەسلىدە بىرلا قۇرۇقلۇق ئىدى، چوقۇم كېيىنچە مەلۇم ۋاقىتتا ھازىرقى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئانتاركتىكا قىتئەلىرىگە بۆلۈنگەن)؛ (3) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئىمكانىيەتنىڭ تەڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 10:32 روس. 17‏:26