6
بىر-بىرىڭلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار
قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ-سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.   بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس. لېكىن ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەكشۈرۈپ باقسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەللىرىدىنلا پەخىرلەنگۈدەك ئىش بولسا، پەخىرلەنسە بولىدۇ. چۈنكى ھەربىر ئادەم ئۆز يۈكىنى كۆتۈرۈشى كېرەك.   خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىن تەلىم ئالغۇچى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلسۇن. ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار ــ خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ. شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ھارمايلى. ئۇنىڭغا ئېرىنمىسەك ۋاقتى-سائىتى توشقاندا چوقۇم ھوسۇل ئالالايمىز. 10 شۇ سەۋەبتىن، بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.  
 
ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سالام
11 مانا، ئۆز قولۇم بىلەن شۇنچە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يازغىنىمغا قاراڭلار!
12 سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس؛ ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس. 13 چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ خەتنە قىلىنغىنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ لېكىن ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ. 14 ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن ماختانمىغايمەن! چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن. 15 چۈنكى مەسىھ ئەيسادا نە خەتنىلىك نە خەتنىسىزلىك دېگەنلەر كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر؛ بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر!    16 بۇ قائىدە بويىچە ماڭىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە خۇدانىڭ ئىسرائىلىغا خاتىرجەملىك ۋە رەھىم-شەپقەت بولغاي!
  
17 بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم بۇ ئىشلار بىلەن يەنە مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى مەن ئۆز بەدىنىمدە ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرىنى كۆتۈرىمەن!  
18 قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن!
6:1 «... ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار» ــ «روھىي كىشىلەر» ياكى «روھقا تەۋە بولغانلار» بولسا دائىم مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «كورىنتلىقلارغا (1)»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 6:1 رىم. 14‏:1؛ 15‏:1؛ 1كور. 9‏:22. 6:2 مات. 11‏:29؛ يـۇھ. 13‏:14؛ رىم. 15‏:1؛ 1تېس. 5‏:14. 6:3 «چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس» ــ 2-ئايەتكە قارىغاندا، پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزى ھاجەتمەنلەرگە ياكى موھتاج بولغانلارغا ياردەم قولىنى ھېچ ئۇزارتمايدىغان ئادەملەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتىلغان. 6:4 «شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى...» ــ ياكى «شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمايلا، ...». 6:5 «چۈنكى ھەربىر ئادەم ئۆز يۈكىنى كۆتۈرۈشى كېرەك» ــ دېمەك، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك. 6:5 زەب. 62‏:12؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 1كور. 3‏:8؛ 2كور. 5‏:10؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 22‏:12. 6:6 رىم. 15‏:27؛ 1كور. 9‏:11. 6:7 لۇقا 16‏:25؛ 1كور. 6‏:10. 6:8 «ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى» ــ گرېك تىلىدا «ئۆز ئەتلىرىگە ئۇرۇق چاچقان كىشى». «ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ» ــ ياكى «ئۆز ئەتلىرىدىن ھالاكەتنى ئالىدۇ». 6:9 2تېـس. 3‏:13. 6:10 «بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى» ــ «ئېتىقادتىكى ئائىلە» بولسا دۇنيادىكى بارلىق ئېتىقادچىلار، خۇدانىڭ ئائىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. 6:10 1تىم. 5‏:8. 6:11 «مانا، ئۆز قولۇم بىلەن شۇنچە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يازغىنىمغا قاراڭلار!» ــ نېمىشقا پاۋلۇس بۇنى يازىدۇ؟ يۇقىرىقى 15:4-ئايەت ئۈستىدىكى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، پاۋلۇس ئادەتتە پۈتۈكچى ئارقىلىق خەتلىرىنى يازغان (مەسىلەن، «رىم.» 22:16). بىزنىڭچە سەۋەبى ئۇنىڭدا بىرخىل كۆز كېسىلى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن: ــ (1) پاۋلۇس بۇ خەتنى يېزىش جىددىي بولغاچقا، يېنىدا مۇۋاپىق پۈتۈكچى بولمىغانلىقتىن ئۆز قولى بىلەن خەتنى يېزىشقا مەجبۇر بولغان؛ (2) خەتنى ھەقىقەتەن ئۆزىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ ئاخىرقى ئايەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن يازدى. چۈنكى شۇ چاغدا «ساختا روسۇللار» كۆپ ئىدى، ھەتتا پاۋلۇسنىڭ نامى بىلەن ساختا خەتلەرنى يازغانلار بار ئىدى («2تېس.» 2:2نى كۆرۈڭ). ئۆز پىكرىمىزچە، پاۋلۇس بۇ پۈتۈن خەتنى ئۆز قولى بىلەن يازغان. 6:12 «سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس» ــ «ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان»لار بولسا نىجاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، دېگەن يەھۇدىيلارنىڭ گېپىدىن قورققان، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىشىنى خالايدىغان كىشىلەردۇر. «تاشقى قىياپەتتە» گرېك تىلىدا «ئەتلەردە» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس» ــ «مەسىھنىڭ كرېستى تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىك»: دېمەك، «مەسىھنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى (ياكى «كرېستىنىڭ بىزارلىقى») تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىك». بۇ زىيانكەشلىك يەھۇدىيلار تەرىپىدىن، ئەلۋەتتە. «مەسىھنىڭ كرېستى» دېگىنى بولسا، «مەسىھنىڭ كرېستلەنگەندە بولغان قۇربانلىقى بىردىنبىر نىجات يولىدۇر» دېگەن خەۋەرنىڭ قىسقىچە ئىپادىسىدۇر. شۇ چاغدا مۇشۇ ھەقىقەتنى تارقاتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن (ۋە كۆپ باشقىلار تەرىپىدىنمۇ، ئەلۋەتتە) زىيانكەشلىككە ئۇچرايتتى. 6:13 «ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ» ــ «ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش» دېگەن ئىبارىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ مۇشۇ يەھۇدىيلار، «گالاتىيالىقلار گېپىمىزگە كىردى، ئۇلارغا خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ ئۇلارنى نىجات يولىغا ئالغا باستۇردۇق!» دەپ باشقا يەھۇدىيلار ئالدىدا ماختىنىشنى خالايتتى. 6:14 «چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن» ــ «بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن» دېگەن ئىبارە، ماڭا نىسبەتەن ئۆلگەن، دېمەكچى. 6:15 «بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر! » ــ «يېڭى بىر يارالغۇچى» دېگەن ئىبارە «يېڭى (يارىتىلغان) ئادەم»نى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ؛ لېكىن بۇ ئىبارە يەنە مەسىھنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق ئاپىرىدە بولغان ھەربىر «يېڭى ئادەم» ۋە كەلگۈسىدە پەيدا بولىدىغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 6:15 مات. 12‏:50؛ يـۇھ. 15‏:14؛ 2كور. 5‏:16؛ گال. 5‏:6؛ كول. 3‏:11. 6:16 «بۇ قائىدە بويىچە ماڭىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە خۇدانىڭ ئىسرائىلىغا خاتىرجەملىك ۋە رەھىم-شەپقەت بولغاي!» ــ «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» (ياكى «خۇدانىڭ ھەقىقىي ئىسرائىلى») ــ دېمەك، باشقا بىر «ئىسرائىل» بار. بىزنىڭچە بۇ ئىبارە ئىسرائىلدىن، يەنى يەھۇدىيلار ئىچىدىكى خۇدانىڭ نىجات يولىدا ماڭغان، مەسىھ ئەيسانى قوبۇل قىلغانلارنى (يەنى «خۇدانىڭ قالدىسى»نى) كۆرسىتىدۇ. قالغان يەھۇدىيلار «ئىسرائىل» بولسىمۇ، «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» ئەمەس. بەزى ئالىملار بۇ جۈملىدىكى «ۋە»نى «يەنى» دەپ تەرجىمە قىلىپ، «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» پۈتكۈل جاھاندىكى مەسىھكە تەۋە بولغانلاردىن بولغان جامائەتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىبارىسى، «مەن يۇقىرىدا بەزى يەھۇدىيلار توغرۇلۇق قاتتىق گەپ قىلغىنىم بىلەن، ھەممە يەھۇدىي شۇنداق، دەپ ئويلاپ كەتمەڭلار! «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» باردۇر!» دېمەكچى. 6:16 زەب. 125‏:5. 6:17 «... مەن ئۆز بەدىنىمدە ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرىنى كۆتۈرىمەن!» ــ «ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرى» ــ دېمەك، پاۋلۇسنىڭ تېنىدە قالغان يارا ئىزلىرى، يەنى مەسىھ ئۈچۈن خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىدۇر. شۇ تەرەپتە ئۇ كۆپ يارىلانغان رەببى ئەيساغا ئوخشاشتۇر. «ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرى»نىڭ گرېك تىلىدا ئىككىنچى مەنىسىمۇ بار: «ئەيسانىڭ (باسقان) تامغىسى» ــ دېمەك، پاۋلۇس بۇ سۆز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەيساغا پۈتۈنلەي مەنسۇپ ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىمەكچى. 6:17 2كور. 4‏:10.