4
(داۋامى)
1‏-2 يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» ئاستىدا قۇل بولغانىدۇق. لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى.   بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشىغان بىزلەرنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنىڭ ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر. ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى.   شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھازىر قۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرىدۇرسىلەر؛ ئوغۇللىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر.
 
پاۋلۇسنىڭ گالاتىيالىقلاردىن ئەندىشە قىلىشى
بۇرۇن، خۇدانى تونۇمىغان ۋاقتىڭلاردا دەرۋەقە يالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇلغانسىلەر.   ئەمدىلىكتە، ھازىر ھەقىقىي خۇدانى تونۇغانىكەنسىلەر، ــ ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلغانىكەنسىلەر، ئەمدى سىلەر نېمە دەپ بۇ دۇنيادىكى كۈچسىز، ئەبجەق ئەرزىمەس «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»گە قاراپ يانىسىلەر؟ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتىشنى خالامسىلەر؟    10 سىلەر ئالاھىدە كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى ئېتىۋارغا ئېلىپ خاتىرىلەشكە باشلىدىڭلار!    11 مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىم بىكار كېتەرمىكىن، دەپ سىلەر ئۈچۈن ئەنسىرەۋاتىمەن.
12 قېرىنداشلار، مەن شۇنى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم. سىلەر ئەسلىدە ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار. 13 ئەمما سىلەرگە مەلۇمكى، ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم. 14 ئۇ چاغدا، ئەتلىرىمدىكى بۇ زەئىپلىك سىلەرگە نىسبەتەن سىناقتەك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار ياكى چەتكە قاقمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا مەسىھ ئەيسا ئۆزىنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار.    15 ئۇ چاغدىكى بەخت-بەرىكىتىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! مەن سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار! 16 ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟
17  مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ھېلىقى ئادەملەر سىلەرگە قىزغىنلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما نىيىتى دۇرۇس ئەمەس؛ ئۇلار پەقەت سىلەرنى نىجاتنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ، قىزغىنلىقىڭلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى.    18 ئەمما مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، بەلكى دائىم ياخشى ئىشقا قىزغىنلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە.
19 سۆيۈملۈك بالىلىرىم! مەسىھ سىلەردە تۆرەلدۈرۈلگۈچە مەن سىلەر ئۈچۈن تولغاق ئازابلىرىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋاتىمەن! 20 مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە باشقىچە تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئەھۋالىڭلار توغرۇلۇق نېمە قىلىشنى زادىلا بىلمەيۋاتىمەن!
 
«قۇل دېدەك» ھەجەر بىلەن «ھۆر ئايال» ساراھ توغرىسىدىكى تەمسىلدىن تەربىيە-ساۋاق ئېلىش
21 ئى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغانلار، سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتنىڭ ئۆزىدە نېمە دېيىلگەنلىكىگە قۇلاق سالمامسىلەر؟ 22 تەۋراتتا، ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى دېدەكتىن، يەنە بىرى ھۆر ئايالىدىن بولغان، دەپ خاتىرىلەنگەن.    23 دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان؛ ھۆر ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۇغۇلغاندۇر.    24 بۇ ئىككى ئىشنى بىر ئوخشىتىش دېگىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايال خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. بىرىنچى ئەھدە سىناي تېغىدىن كېلىپ، دەرھەقىقەت بالىلىرىنى قۇللۇقتا بولۇشقا تۇغىدۇ؛ مانا ھەجەر ئۇنىڭغا ۋەكىلدۇر؛ 25 دېمەك، ھەجەر بولسا ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنىپ، يەنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغا ئوخشىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى قۇللۇقتا تۇرماقتا.    26 ئەمما يۇقىرىدىن بولغان يېرۇسالېم ھۆردۇر، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئانىسىدۇر؛    27 چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: ــ
«خۇشال بول، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال!
تەنتەنە قىلىپ ياڭرات، توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان!
ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر!»   
28 ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك بىزمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمىز.    29 لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ.    30 لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدىكىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكتىن تاپقان ئوغۇل ھەرگىز ھۆر ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايدۇ!» دەپ پۈتۈلگەن.    31 ئەمدى، قېرىنداشلار، بىز دېدەكنىڭ ئەمەس، بەلكى ھۆر ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرمىز. مەسىھ بىزنى ھۆرلۈكتە ياشىسۇن دەپ ھۆر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار ۋە قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا قايتىدىن قىسىلىپ قالماڭلار.
 
 
4:1‏-2 «... گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ» ــ «غوجىدار» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى يۇقىرىقى «تەربىيىلىگۈچى» دېگەن سۆزگە يېقىن. 4:3 «بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» ــ بەزى ئالىملار مۇشۇ سۆزنى يامان روھلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن «كولوسسىلىكلەرگە»دىكى «كول.» 8:2، 20 توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىز باشقىچە چۈشەندۈرىمىز. 4:4 «لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى» ــ «تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى» دېگەن ئىبارە «ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىغان» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4:4 يار. 15‏:16؛ 49‏:10؛ دان. 9‏:24؛ مات. 5‏:17. 4:5 يـۇھ. 1‏:12؛ گال. 3‏:26. 4:6 «ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاببا» «دادام»نى بىلدۈرىدۇ، «ئاببا! ئاتام!» «ئى سۆيۈملۈك ئاتام!» دېگەن گەپ. 4:6 رىم. 8‏:15. 4:7 «شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھازىر قۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرىدۇرسىلەر» ــ گرېك تىلىدا بۇ ئايەتتىكى «سىلەر» «سەن» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «ئوغۇللىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر» ــ «خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر» بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر» دېيىلىدۇ. 4:8 «بۇرۇن، خۇدانى تونۇمىغان ۋاقتىڭلاردا دەرۋەقە يالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇلغانسىلەر» ــ «يالغان ئىلاھلار» گرېك تىلىدا «ئەينىيىتى ئىلاھ ئەمەسلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 4:8 1كور. 8‏:4. 4:9 «ئەمدى سىلەر نېمە دەپ بۇ دۇنيادىكى كۈچسىز، ئەبجەق ئەرزىمەس «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»گە قاراپ يانىسىلەر؟» ــ «ئەبجەق ئەرزىمەس» ــ گرېك تىلىدا «تىلەمچىلىككە ئائىت» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 4:9 كول. 2‏:20. 4:10 «سىلەر ئالاھىدە كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى ئېتىۋارغا ئېلىپ خاتىرىلەشكە باشلىدىڭلار!» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللار» بولسا بەلكىم تەۋرات قانۇنىدا يەھۇدىيلار ئۈچۈن بېكىتىلگەن ھېيتلارنى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى بويىچە ئۆتكۈزىدىغان ھېيتلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ. مەيلى يەھۇدىيلارنىڭكى بولسۇن بولمىسۇن، پرىنسىپ ئوخشاش، ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئالاھىدە كۈن-ھېيتلارنى خاتىرىلەشنىڭ ھاجىتى يوق. 4:10 رىم. 14‏:5؛ كول. 2‏:16. 4:12 «قېرىنداشلار، ... ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم» ــ پاۋلۇس ئۆزى يەھۇدىي بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ (ھەققانىيلىققا ئائىت تەلەپلىرىدىن باشقا) بارلىق ئەمرلىرىدىن (مەسىھنىڭ نىجاتى بىلەن) ئازاد بولۇپ مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغان؛ شۇڭا ئۇ گالاتىيالىقلاردىن: «ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ؛ «چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم» ــ دېمەك، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەردەك (گالاتىيالىقلاردەك) تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلەپلىرىدىن مۇستەسنا بولدى. لېكىن گالاتىيالىقلار يەھۇدىيلاردەك بولىمىز دەپ ئۆزلىرىنى تەۋرات قانۇنىنىڭ بارلىق تەلەپلىرى ئاستىغا قويماقچى ئىدى! «سىلەر ئەسلىدە ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار» ــ دېمەك، پاۋلۇس ئۇلارغا ھازىرلا ئېيتقان قاتتىق گېپىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قانداقتۇر بىر زىيان ياكى ئازار يەتكۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئېيتقان ئەمەس، دەيدۇ (5-15-ئايەتلەردە ئۇ ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئۆزىگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئەسلەيدۇ)، بەلكى ئۇلارنى كۆزلەپ: «سىلەر ئۆز-ئۆزلىرىڭلارغا ئازار بېرىۋاتىسىلەر» دەپ ئاگاھ بېرىش ئۈچۈن ئېيتىدۇ. 4:13 «ئەمما سىلەرگە مەلۇمكى، ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم» ــ «ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن» ــ بۇ سۆزدىن قارىغاندا، پاۋلۇس بەلكىم كېسەل سەۋەبىدىن گالاتىيادا دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ كېسەل ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن باغلىق بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايىنى ئىنتايىن سەت قىياپەتكە كىرگۈزۈپ قويغانىدى (14-ئايەت). 14-15-ئايەت، 11:6 ۋە «2كور.» 7:12-10نىمۇ كۆرۈڭ. پاۋلۇس ئادەتتە خەتلىرىنى پۈتۈكچى ئارقىلىق يازاتتى (مەسىلەن، «رىم.» 22:16). 4:14 «ئۇ چاغدا، ئەتلىرىمدىكى بۇ زەئىپلىك سىلەرگە نىسبەتەن سىناقتەك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار ياكى چەتكە قاقمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا مەسىھ ئەيسا ئۆزىنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار» ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ كۆز كېسىلى يەنە بىر تەرەپتىن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى ــ ئۇ خۇش خەۋەرنىڭ يولىدا كۆپ ئادەملەرنىڭ كېسەللىرىنى دۇئا قىلىپ ساقايتتى؛ ئۇلارنىڭ ساقايتىلىشى ئارقىلىق كۆپ ئادەملەر خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىدە كېسەل بولغاچقا، بۇ ئىش ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا مازاققا قالدۇرۇش ئېھتىماللىقى بولامدۇ، قانداق؟ 4:14 مال. 2‏:7؛ مات. 10‏:40؛ يـۇھ. 13‏:20. 4:17 «ئۇلار پەقەت سىلەرنى نىجاتنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ...» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۇلار پەقەت سىلەرنى بىزدىن ئايرىلىپ نىجاتنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ» دېيىلىدۇ. 4:17 رىم. 10‏:2؛ 2كور. 11‏:12. 4:18 «ئەمما مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، بەلكى دائىم ياخشى ئىشقا قىزغىنلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەيلى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولاي ياكى بولماي، سىلەرگە نىيىتى ياخشى قىزغىنلىقى بار ئادەملەر بار بولسا، دائىم ياخشى بولىدۇ، ئەلۋەتتە». 4:19 1كور. 4‏:15؛ فلم. 10؛ ياق. 1‏:18. 4:20 «مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە باشقىچە تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ» ــ «باشقىچە بىر تەلەپپۇز بىلەن...» ــ پاۋلۇس تېخىمۇ قاتتىق تەلەپپۇزدىمۇ، ياكى مۇلايىمراق تەلەپپۇزدىمۇ، ئۇلارغا زادى «قانداق تەلەپپۇز»دا سۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلمەيتتى. 4:22 «ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى دېدەكتىن...» ــ دېدەك (قۇل ئايال) ــ يەنى ھەجەر. «يەنە بىرى ھۆر ئايالىدىن بولغان..» ــ ئۆز ھۆر ئايالى ساراھ ئىدى. 4:22 يار. 16‏:2،15؛ 21‏:2؛ روس. 7‏:8؛ ئىبر. 11‏:11. 4:23 «دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان» ــ «ئەت بىلەن» دېگەن ئىبارە «ئىنساننىڭ ئەتلىرىگە تايىنىش»نى بىلدۈرىدۇ. ھەجەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىل پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكرى، ئىنسانىي كۈچى بىلەن تۇغۇلغان. «دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان؛ ھۆر ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۇغۇلغاندۇر» ــ بۇ پۈتۈن ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 4:23 يـۇھ. 8‏:39؛ رىم. 9‏:7. 4:25 «دېمەك، ھەجەر بولسا ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنىپ، يەنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغا ئوخشىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى قۇللۇقتا تۇرماقتا» ــ «قۇللۇقتا» دېگەن سۆز روھىي قۇللۇقتا، يەنى تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا. «بۈگۈنكى يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى» يەھۇدىي خەلقى، شۇنداقلا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشقانلىرىم بىلەن ھەققانىي ئادەم بولاي دېگەن ھەممە ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. 4:25 مىس. 19؛ 20. 4:26 «ئەمما يۇقىرىدىن ئەرشتىن بولغان يېرۇسالېم ھۆردۇر، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئانىسىدۇر...» ــ باشقىچە ئېيتقاندا، ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئايالى ساراھ بولسا ھۆر ئايال بولغاچقا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا يېڭى ئەھدىدە ياشىغان جامائەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، «ئەرشتىكى يېرۇسالېم»نى بىزنىڭ ئانىمىز، دېيىشكە بولىدۇ. 4:26 ۋەھ. 21‏:2. 4:27 «خۇشال بول، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! تەنتەنە قىلىپ ياڭرات، توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر!» ــ يەش.» 1:54. 4:27 يەش. 54‏:1 4:28 «...ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك بىزمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمىز» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلىرىدە «... ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك سىلەرمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرسىلەر» دېيىلىدۇ. 4:28 رىم. 9‏:7، 8. 4:29 «لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ» ــ «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا ــ ئىسمائىلنى، شۇنداقلا ئۇ سىمۋول قىلىنغان «تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغانلار»نى كۆرسىتىدۇ. «روھتىن تۇغۇلغان» ــ خۇدانىڭ ۋەدىسى ۋە مۆجىزىسى ئارقىلىق، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن تۇغۇلغان ئىسھاقنى، شۇنداقلا ئۇ سىمۋول قىلىنغان ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى، مۇقەددەس روھتىن «قايتىدىن تۇغۇلغان» خۇدانىڭ روھىي پەرزەنتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە ئىسمائىل ئىسھاققا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، يەھۇدىي خەلق مەسىھگە ئىشەنگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلاتتى ۋە بۈگۈنگە قەدەر ھەر تۈرلۈك «قانۇنغا تايانغانلار»مۇ ئوخشاشلا «خۇدانىڭ روھىغا تايانغانلار»غا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. 4:29 يار. 21‏:9. 4:30 «سەن بۇ دېدىكىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكتىن تاپقان ئوغۇل ھەرگىز ھۆر ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايدۇ!» ــ «يار.» 10:21. مۇشۇ (21-31) ئايەتلەرگە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە شەرھ بېرىمىز. 4:30 يار. 21‏:10.