8
ئەزرا بىلەن بىللە قايتقانلارنىڭ سانى
پادىشاھ ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرۈپ تۇرغان ۋاقىتتا، بابىلدىن مېنىڭ بىلەن بىللە قايتقانلارنىڭ ئاتا جەمەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ
فىنىھاسنىڭ ئەۋلادلىرىدىن گەرشون، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن دانىيال، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاتتۇش، شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن نەسەبنامىدە تىزىملانغان ئەركەكلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك كىشى؛ پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەراھىياھنىڭ ئوغلى ئەليويىناي ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز كىشى؛ شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ياھازىيەلنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئۈچ يۈز كىشى؛ ئادىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبەد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئەللىك كىشى؛ ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاتالىيانىڭ ئوغلى يەشايا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى؛ شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر سەكسەن كىشى؛ يوئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەلنىڭ ئوغلى ئوبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز ئون سەككىز كىشى؛ 10 شېلومىتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوسىفىيانىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئاتمىش كىشى؛ 11 بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىباينىڭ ئوغلى زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 12 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاككاتاننىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئون كىشى؛ 13 ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەڭ ئاخىرىدا قايتقانلارنىڭ ئىسىملىرى ئەلىفەلەت، جەئىيەل ۋە شېمايا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئاتمىش كىشى؛ 14 بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بىلەن زاببۇد ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى.
 
لاۋىيلار بىلەن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ــ يەنى «نەتانىيلار» ــ ئۇلارنىڭ چاقىرتىلىشى
15 ــ مەن ئۇلارنى ئاخاۋاغا ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا يىغدىم؛ بىز ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ ئۈچ كۈن تۇردۇق. خەلقنى ۋە كاھىنلارنى ئارىلاپ قارىسام ئۇ يەردە لاۋىيلار يوق ئىكەن. 16 شۇڭا مەن باشلىقلاردىن ئەلىئېزەر، ئارىيەل، شېمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللاملارنى ۋە ئۇلارغا قوشۇپ ئوقۇمۇشلۇق ئالىملاردىن يوئارىب بىلەن ئەلناتاننى چاقىرتىپ كېلىپ، 17 ئۇلارغا ھاۋالە قىلىپ كاسىفىيا دېگەن يەرگە، ئىددو دېگەن ئاتامان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتىم. مەن كاسىفىيا دېگەن يەردە ئىددوغا ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بولغان قېرىنداشلىرىغا دەيدىغان گەپلەرنى ئاغزىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى بىزگە ئەكېلىشنى ئۆتۈندۇم. 18 خۇدايىمىزنىڭ شاپائەتلىك قولى بىزدە بولغاچقا، ئۇلار بىزگە ئىسرائىلنىڭ ئەۋرىسى، لاۋىينىڭ نەۋرىسى ماھلىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ئوقۇمۇشلۇق بىر ئادەمنى، يەنى شەرەبىيانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمئىي ئون سەككىز كىشىنى باشلاپ كەلدى. 19 ئۇلار يەنە ھاشابىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەشايا ھەم ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە كىشىنى، 20 يەنە ئىلگىرى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرى لاۋىيلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا تەيىنلىگەن «نەتىنىيلار»دىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشىنى باشلاپ كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى.
 
قايتىپ كېلىشكە تەييارلىنىش
21 شۇ چاغدا ئاخاۋا دەرياسى بويىدا مەن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمىزنى تۆۋەن قىلىپ، ئۆزىمىز ۋە كىچىك بالىلىرىمىز ھەم بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن خۇدايىمىزدىن ئاق يول تىلەشكە روزا تۇتايلى، دەپ جاكارلىدىم. 22 چۈنكى بىز ئەسلىدە پادىشاھقا: «خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۇنى بارلىق ئىزدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە ئىلتىپات كۆرسىتىشكە قويۇلىدۇ؛ لېكىن ئۇنىڭ قۇدرىتى بىلەن غەزىپى ئۆزىنى تاشلىغانلارغا زەربە بېرىشكە تەيياردۇر» دېگەنىدۇق، ئەمدى يەنە ئۇنىڭدىن يولدىكى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەر تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم. 23 شۇنىڭ بىلەن بىز روزا تۇتۇپ خۇدايىمىزدىن شۇ ئىش توغرۇلۇق ئۆتۈندۇق، ئۇ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.
 
مۇقەددەس ئۆي ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتلار
24 مەن كاھىن باشلىرى ئىچىدىن ئون ئىككى ئادەمنى ۋە شەرەبىيا، ھاشابىيا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ئاكا-ئۇكىلىرىدىن ئون ئادەمنى تاللاپ، 25 ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى، يەنى پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمىرلىرى ۋە شۇنىڭدەك شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللار «كۆيدۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە قىلغان سوۋغاتلارنى تاپشۇردۇم. 26 مەن كۈمۈشتىن ئالتە يۈز ئەللىك تالانت، يۈز تالانت ئېغىرلىقتىكى كۈمۈش قاچا-قۇچا، يۈز تالانت ئالتۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆلچەپ تاپشۇردۇم. 27 ئۇلارغا تاپشۇرغانلىرىمدىن يەنە ئالتۇن داس يىگىرمە بولۇپ، قىممىتى مىڭ دارىك، سۈپەتلىك ۋە ۋالىلداپ پارقىرايدىغان مىس چوڭ داس ئىككى بولۇپ، ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى. 28 مەن ئۇلارغا: ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا مۇقەددەستۇرسىلەر، قاچا-قۇچىلارمۇ مۇقەددەستۇر، ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىختىيارىي ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتتۇر. 29 تاكى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار-خەزىنىلەرگە يەتكۈزۈپ، كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ باشلىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا تارازىدىن ئۆتكۈزگۈچە بۇلارنى ئوبدان قاراپ قوغداڭلار، دېدىم. 30 شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار يېرۇسالېمدىكى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىدىغان، تارازىدىن ئۆتكۈزۈلگەن شۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى تاپشۇرۇۋالدى.
 
يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىش
31 شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى بىز ئاخاۋا دەرياسىنىڭ بويىدىن قوزغىلىپ يېرۇسالېمغا چىقىشقا ماڭدۇق. خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۈستىمىزدە بولغاچقا، ئۇ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يولدا پايلاپ تۇرغان قاراقچىلاردىنمۇ قۇتقۇزدى. 32 بىز يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق؛ 33 تۆتىنچى كۈنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدە ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلار تارازىدا ئۆلچىنىپ كاھىن ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموتنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئەلىئازار، يەنە لاۋىيلاردىن يەشۇئانىڭ ئوغلى يوزاباد بىلەن بىننۇئىينىڭ ئوغلى نوئادىياھلار بار ئىدى. 34 ھەممە نەرسە سانى بويىچە ۋە ئېغىرلىقى بويىچە ئۆلچەندى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈپ قويۇلدى.
35 شۇ چاغدا ئەسلى ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتقانلار ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن ئون ئىككى تورپاق، توقسان ئالتە قوچقار، يەتمىش يەتتە قوزا سۇندى، يەنە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكە سۇندى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئىدى. 36 ئۇلار پادىشاھنىڭ يارلىق خەتلىرىنى پادىشاھنىڭ ۋالىيلىرىغا ۋە دەريانىڭ بۇ غەرب تەرىپىدىكى ھۆكۈمدارلارغا تاپشۇرۇۋىدى، ئۇلار خەلققە ۋە خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىغا ئىزچىل ياردەم بەردى.
 
 
8:3 «شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى (2-ئايەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ): «داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، ھاتتۇش، يەنى شېكانىيانىڭ ئوغلى، پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن... ». 8:5 «شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ياھازىيەلنىڭ ئوغلى» ــ كونا گرېكچە تەرجىمىسى (LXX)دە «زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ياھازىيەلنىڭ ئوغلى شېكانىيا» دېيىلگەن. بۇ كونا تەرجىمە توغرا بولۇشى مۇمكىن. 8:10 «شېلومىتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوسىفىيانىڭ ئوغلى» ــ كونا گرېكچە تەرجىمىسى (LXX)دە «بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوسىفىيانىڭ ئوغلى شېلومىت» دېيىلگەن. بۇ كونا تەرجىمە توغرا بولۇشى مۇمكىن. 8:13 «ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەڭ ئاخىرىدا قايتقانلار...» ــ ياكى «ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا قايتقانلار...» 8:15 «لاۋىيلار يوق ئىكەن» ــ كاھىنلار ئۆزلىرى لاۋىيلار، ئەلۋەتتە (پەقەت ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى كاھىن بولىدۇ)؛ مۇشۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى كاھىنلىقتىن باشقا روھىي خىزمەت قىلالايدىغان لاۋىيلارنى كۆرسىتىدۇ. 8:20 «نەتىنىيلار» ــ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى. 8:25 ئەزرا 7‏:14، 15 8:26 «كۈمۈشتىن ئالتە يۈز ئەللىك تالانت... يۈز تالانت ئالتۇن...» ــ شۇ دەۋردىكى ئىسرائىللار ئارىسىدا بىر «تالانت»نىڭ توپتوغرا قانچىلىك ئىكەنلىكى بىزگە ئېنىق ئەمەس؛ «كۈمۈشنىڭ تالانتى» بولسا بەلكىم 45 كىلوگرام، «ئالتۇننىڭ تالانتى» بەلكىم 90 كىلوگرام بولۇشى مۇمكىن؛ شۇڭا 650 تالانت كۈمۈش بەلكىم 29 توننىچە بولاتتى، 100 تالانت كۈمۈش 6.5 توننىچە، 100 تالانت ئالتۇن 9 توننىچە بولاتتى. 8:27 «دارىك» ــ (ياكى «دراخما») ــ پارس ئىمپېريەسىدىكى بىرخىل ئالتۇن تەڭگە؛ مۇشۇ يەردە بۇ داسلارنىڭ قىممىتى 400-500 كىلوگرام ئالتۇنغا باراۋەر ئىدى.