5
مۇقەددەس ئۆينى يەنە بىر قېتىم يېڭىۋاشتىن سېلىش
بۇ چاغدا پەيغەمبەرلەر، يەنى ھاگاي پەيغەمبەر بىلەن ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەر يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلارغا بېشارەت بېرىشكە باشلىدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ نامىدا ئۇلارغا بېشارەت بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا باشلىدى؛ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ ئۇلارغا ياردەم بەردى.
شۇ چاغدا دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: «كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟» دەپ سورىدى. ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغۇچىلارنىڭ ئىسمى نېمە؟» دەپ سورىدى. لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدا ئاقساقاللىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى، شۇڭا باش ۋالىي قاتارلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا مەلۇم قىلغۇچە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە بىرەر جاۋاب يارلىق كەلگۈچە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى.
 
پادىشاھ دارىئۇسقا يەنە بىر ئەرز مەلۇم قىلىنىشى
دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى، يەنى دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا خەت ئەۋەتتى؛ خەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى مانا تۆۋەندىكىدەك: ئۇلار پادىشاھقا ئەۋەتكەن مەلۇماتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دارىئۇس ئالىيلىرىغا چوڭقۇر ئامان-ئېسەنلىك بولغاي! پادىشاھىمىزغا شۇ ئىش يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەھۇدىيەگە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆردۇقكى، شۇ ئۆي يوغان تاشلار بىلەن ياسىلىۋاتىدۇ، تاملىرىغا لىملار ئۆتكۈزۈلۈپ سېلىنماقتا؛ بۇ قۇرۇلۇش تېز سۈرەتتە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. ئاندىن بىز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللاردىن: ــ كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟ ــ دەپ سورىدۇق. 10 ۋە ئالىيلىرىغا مەلۇم بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسمىلىرىنى پۈتۈپ خاتىرىلىمەكچى ئىدۇق. 11 ئۇلار بىزگە: «بىز ئاسمان-زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ قۇللىرى، بىز ھازىر بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سېلىنغان ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىۋاتىمىز. مۇشۇ ئۆينى ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئۇلۇغ بىر پادىشاھى سالدۇرغانىدى. 12 لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسماندىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغاچقا، خۇدا ئۇلارنى كالدىيەلىك بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان؛ ئۇ بۇ ئۆينى چاقتۇرۇۋېتىپ، خەلقنى بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتكەن. 13 لېكىن بابىل پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى پادىشاھ قورەش خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن. 14 ۋە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىل بۇتخانىسىغا ئاپىرىپ قويغان خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىمۇ پادىشاھ قورەش ئۇلارنى بابىل بۇتخانىسىدىن ئەپچىقتۇرۇپ، شەشبازار ئىسىملىك بىر كىشىگە تاپشۇرغان؛ ئۇ ئۇنى باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 15 ھەم ئۇنىڭغا: ــ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ قويغىن؛ خۇدانىڭ ئۆيى ئەسلى جايىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن، دەپ بۇيرۇغان 16 ئاندىن شۇ شەشبازار دېگەن كىشى كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئۇل سالغان؛ ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ياسىلىۋاتىدۇ، تېخى پۈتمىدى» دەپ جاۋاپ بەردى.
17 ئەمدى ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمىزنىڭ شۇ يەردە، يەنى بابىلدىكى خەزىنىنى ئاختۇرۇپ بېقىشىنى، ئۇ يەردە پادىشاھ قورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن يارلىقىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى سورايمىز ھەم پادىشاھىمىزنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆز ئىرادىسىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمىز».
 
 
5:1 ھاگ. 1‏:1؛ زەك. 1‏:1 5:3 «بۇ قۇرۇلۇشنى...» ــ ياكى «بۇ تامنى...». 5:8 «...تېز سۈرەتتە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ» ــ ياكى «...ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ». 5:12 2تار. 36‏:16-21 5:13 2تار. 36‏:23،22؛ ئەزرا 1 5:14 ئەزرا 1‏:8