2
بىرىنچى قېتىم قايتقان يەھۇدالار •••• «نەھ.» 6:7-73نى كۆرۈڭ
تۆۋەندىكىلەر نېبوقادنەسار تەرىپىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتكەنلەر: ــ
ــ ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، سېرايا، رەئىلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رەھۇم ۋە بائاناھلار بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ
 
پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛ پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون ئىككى كىشى؛ ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز قىرىق بەش كىشى؛ زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛ 10 بانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛ 11 بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 12 ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 13 ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە كىشى؛ 14 بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئەللىك ئالتە كىشى؛ 15 ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى تۆت يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 16 ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛ 17 بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 18 يوراھنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛ 19 ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 20 گىببارنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛ 21 بەيت-لەھەملىكلەر بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 22 نىتوفالىقلار ئەللىك ئالتە كىشى؛ 23 ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 24 ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى؛ 25 كىرىئات-ئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛ 26 راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ 27 مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 28 بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 29 نېبولىقلار ئەللىك ئىككى كىشى؛ 30 ماگبىشنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئەللىك ئالتە كىشى؛ 31 ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 32 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛ 33 لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بەش كىشى؛ 34 يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 35 سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى.
 
قايتىپ كەلگەن كاھىنلار ۋە لاۋىيلار
36 كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛ 37 ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛ 38 پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛ 39 ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى.
40 لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خوداۋىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى؛ 41 غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى.
42 دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز توققۇز كىشى.
 
قايتىپ كەلگەن مۇقەددەس جاي ۋە شاھ جەمەتىدىكى خىزمەتكارلار
43 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى، 44 كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىياھانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، 45 لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، 46 ھاگابنىڭ ئەۋلادلىرى، شاملاينىڭ ئەۋلادلىرى، ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، 47 گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، 48 رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، 49 ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، 50 ئاسناھنىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، 51 باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، 52 بازلۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، 53 باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، 54 نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرى.
55 سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پىرۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، 56 يائالاھنىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، 57 شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئامىنىڭ ئەۋلادلىرى.
58 ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى.
 
كېلىپ چىقىشى نائېنىق كىشىلەر •••• «نەھ.» 61:7-65نى كۆرۈڭ
59 تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددان ۋە ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. 60 بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز ئەللىك ئىككى كىشى؛ 61 كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. 62 بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى. 63 ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى.
 
قايتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى •••• «نەھ.» 66:7-69نى كۆرۈڭ
64 پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛ 65 بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. 66 ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى، 67 تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى.
 
مۇقەددەس ئۆي ئۈچۈن تەقدىم قىلىنغان مال-مۈلۈكلەر •••• «نەھ.» 70:7-73نىمۇ كۆرۈڭ
68 جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى يېرۇسالېمغا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلگەن چاغدا، خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئەسلى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنىشى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. 69 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇربىغا قاراپ قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە ئاتمىش بىر مىڭ دارىك ئالتۇن، بەش مىڭ مىنا كۈمۈش ۋە يۈز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى. 70 شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى؛ قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى.



 
 
2:2 «سېرايا» ــ ياكى «سارايا». 2:25 «كىرىئات-ئارىملىقلار» ــ ياكى «كىرىئات-يېئارىملىقلار». 2:33 «لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى...» ــ ياكى «لودلىقلار، ھادىدلىقلار ۋە ئونولۇقلار...». 2:43 «ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەتىنىيلار». مەنىسى بەلكىم «بېغىشلانغانلار». ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بەلكىم «گىبېئونلۇقلار» ئىدى. «يەشۇئا» 27:9نى ۋە «1تار.» 2:9نى كۆرۈڭ. 2:46 «شاملاي» ــ ياكى «شالماي». 2:61 «كوزنىڭ ئەۋلادلىرى» ــ ياكى «ھاككوزنىڭ ئەۋلادلىرى». 2:63 «ۋالىي» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى «تىرشاتا» ئەسلىدە پارس تىلى بولۇپ، مەنىسى بەلكىم «جانابلىرى». «ئۇرىم ۋە تۇممىم» ــ ئالاھىدە بىرخىل تاشلار. ئۇ كاھىن كىيگەن «ئەفود»نىڭ يانچۇقىدا (قوشېندا) تۇرىدۇ. بۇ تاشلار ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقى خۇدادىن يول سورىسا بولاتتى. «مىس.» 28:28-30نى كۆرۈڭ. «ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە» ــ مەنىسى بەلكىم: (1) ئۇرىم ۋە تۇممىم بابىلدا سۈرگۈن بولغان ۋاقتىدا يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن؛ (2) تېپىلغىنى بىلەن ئۇلارغا تەبىر بېرىپ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدىغان كاھىن تېخى چىقمىدى. 2:69 «دارىك» ــ ( ياكى «دراخما») ــ مۇشۇ يەردە ئۇ پارس ئىمپېرىيەسىدىكى بىرخىل ئالتۇن تەڭگە؛ مۇشۇ يەردە بۇلارنىڭ جەمئىي قىممىتى بەلكىم 400-500 گرام ئالتۇن ئىدى؛ «مىنا» بىرخىل كۈمۈش تەڭگە، 60 شەكەلگە ياكى «تالانت»تىن ئاتمىشتىن بىرىگە باراۋەر ئىدى. مۇشۇ يەردە كۈمۈشنىڭ جەمئىي ئېغىرلىقى بەلكىم 1800-2700 كىلوگرامچە ئىدى. 2:70 «شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار... ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى؛ قالغان ئىسرائىل ... ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى» ــ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى بەلكىم: (1) كاھىنلار، لاۋىيلار قاتارلىقلار ئۆزىگە يېڭىۋاشتىن تەقسىم قىلىنغان شەھەرلىرىدە ماكان تۇتتى، ياكى يېرۇسالېمدىكى خىزمەتتە بولۇش ئۈچۈن يېرۇسلېمغا يېقىن بولغان، شۇنداقلا ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەردە ماكانلاشتى؛ (2) لاۋىيلاردىن باشقا ئىسرائىللار، يەنى ئون ئىككى قەبىلىدىن قايتىپ كەلگەنلەر ئەسلىدە ئۆزىگە خاس شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى ياكى يېڭىۋاشتىن ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەردە ماكانلاشتى. كۆپ شەھەر-يېزىلار ۋەيران بولغاچقا، ياكى يات ئەللەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدا بولغاچقا، بەلكىم ھەرخىل ئىمكانىيەت تەڭ بولۇشى مۇمكىن ئىدى.