4
جەبىر-زۇلۇمغا قاراش
ئاندىن مەن قايتىدىن زېھنىمنى يىغىپ قۇياش ئاستىدا دائىم بولۇۋاتقان بارلىق زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۆردۈم؛ مانا، ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى! ئۇلارغا ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى؛ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى، بىراق ئېزىلگەنلەرگە ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى. شۇڭا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلگۈچىلەرنى تېخى ھايات بولغان تىرىكلەردىن ئۈستۈن دەپ تەرىپلىدىم؛ شۇنداقلا بۇ ئىككى خىل كىشىلەردىن بەختلىكى تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كىشىدۇر؛ چۈنكى ئۇ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان يامانلىقلارنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان.
 
رەقىبلىكنىڭ بىمەنىلىكى
ئاندىن مەن بارلىق ئەجىر ۋە بارلىق خىزمەتنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، ئۇ ئىنساننىڭ يېقىنىنى كۆرەلمەسلىكىدىن بولىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر.
ئەخمەق قول قوشتۇرۇپ، ئۆز گۆشىنى يەيدۇ.
جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر.
 
ئاچكۆزلۈكنىڭ تۈرتكىسىدە ئىشلەش
مەن يەنە زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدىكى بىر بىمەنىلىكنى كۆردۇم؛ بىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ، شۇنداقلا نە ئوغلى نە ئاكا-ئۇكىسى بولمىسىمۇ ــ بىراق ئۇنىڭ جاپاسىنىڭ ئاخىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى بايلىقلارغا تويمايدۇ. ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر جاپادىن ئىبارەتتۇر.
 
ھەمراھلىق
ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ. 10 يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
11 يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر-بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟ 12 يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس.
 
ئىناۋەتنىڭ بىھۇدىلىكى
13 كەمبەغەل ئەمما ئاقىل يىگىت يەنە نەسىھەتنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمايدىغان قېرى ئەخمەق پادىشاھتىن ياخشىدۇر؛ 14 چۈنكى گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ زىنداندىن تەختكە ئولتۇرۇشقا چىقتى.
15 مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تىرىكلەرنىڭ ئاشۇ ئىككىنچىنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئورنىنى باسقۇچىنى، شۇ يىگىتنى قوللايدىغانلىقىنى كۆردۇم. 16 بارلىق خەلق، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇقرالار ساناقسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن كېيىنكىلەر يىگىتتىنمۇ رازى بولمايدۇ؛ بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر.
 
 
4:1 «ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلارنى ئەزگۈچىلەر تەرەپتە كۈچ بار ئىدى». 4:5 پەند. 6‏:10؛ 24‏:33 4:6 «جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر» ــ 4-ئايەتتە مەنپەئەت-ئابرۇي ئىزدەشنىڭ بىمەنىلىكى كۆرسىتىلىدۇ؛ 5-ئايەتتە «ھېچنېمە قىلمايمەن، پايدىسى يوق» دېگەن ھۇرۇنلۇق پوزىتسىيىنى ئەيىبلەيدۇ: 6-ئايەتتە بۇ ئىككى يولنىڭ ئوتتۇرىدىكى دۇرۇس يولنى كۆرسىتىلىدۇ. 4:8 «كبىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ،..» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىرسى يالغۇز، ئىككىنچىسى (ئىككىنچى ئادەم) يوق بولغان ھالدا بولسىمۇ،...». «ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ» ــ بەزى باشقا تەرجىمىلەردە: «ئۇ: «مەن زادى كىم ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ، ئۆز جېنىمدىن ياخشىلىقنى قالدۇرىمەن؟» ــ دەپ ئۆكۈنىدۇ» دەپ ئوقۇلىدۇ. 4:14 «گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ،...» ــ بۇ ئايەتنىڭ قايسى گەۋدىلىك ئەھۋالنى كۆرسەتكەنلىكى ھازىر بىزگە ئېنىق ئەمەس. 4:16 «يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇقرالار» ــ «ئۇلار» دېگەن كىم؟ بەلكىم بىرىنچى «قېرى» پادىشاھ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تەختكە ئولتۇرغان يىگىتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «بارلىق پۇقرالار ساناقسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن كېيىنكىلەر يىگىتتىنمۇ رازى بولمايدۇ» ــ سۇلايمان مەلۇم بىر مىسال توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىدۇ. بۇ «قېرى پادىشاھ» سائۇل پادىشاھقا، «ياش يىگىت» داۋۇت پادىشاھقا ئوخشىتىلىدۇ؛ بىراق دەل ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ (داۋۇت زىنداندا ياتمىغان). گەپنىڭ پوسكاللىسى شۇكى، يۇرتنىڭ پىكرى تايانچىسىزدۇر؛ ئىككىنچى پادىشاھ پەقەت بىر مەزگىللا قارشى ئېلىندى، بىراق خەلق تېزلا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ، ئۇنى قوللىمىدى. بۇ بىر بىمەنىلىك!