12
قىيامەت كۈنى
ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.    تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ. ئاقىللار ئاسماندىكى گۈمبۈزدەك پارلاق جۇلالىنىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ».
ئۇ ماڭا يەنە:
ــ ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات؛ مەزكۇر كىتابنىڭ تاكى دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شۇ پېتى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى پىچەتلەپ مۆھۈرلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ، ــ دېدى.   مەنكى دانىيال كۆردۈمكى، مانا ئىككى زات، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپتۇ. ئۇلاردىن بىرى دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان ئاق كاناپ كىيىم كىيگەن زاتتىن:
ــ بۇ كارامەت ئىشلار تۈگىگىچە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇ دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان، كاناپ كىيىم كىيگەن زات ئوڭ ۋە سول قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ:
ــ بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنى پارچىلىغۇچى خورلۇق ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلار تۈگەيدۇ، ــ دېدى.  
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، مەنىسىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن:
ــ تەقسىر، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدىم.
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
ــ «ئەي دانىيال، يولۇڭغا ماڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىقلىق تۇرىدۇ. 10 نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ. رەزىللەر بولسا، داۋاملىق رەزىللىك قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچكىم بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، بىراق ئاقىللار چۈشىنىدۇ. 11 كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان كۈندىن تارتىپ، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» قويۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان كۈن ئۆتىدۇ. 12 ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈننى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!
13 ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن. سەن ئارام تاپىسەن، ۋە كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭگە مۇيەسسەر بولۇشقا قايتا تىرىلىسەن».
12:1 «قېرىنداشلىرىڭ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقىڭنىڭ بالىلىدى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» ــ «ئەمىر» مۇشۇ يەردە، شۈبھىسىزكى «چوڭ پەرىشتە» مەنىسىدە. مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا يەرلەردىن شۇ خۇلاسىگە كېلىمىزكى، مىكائىل دېگەن پەرىشتە «باش پەرىشتە»دۇر («يەھ.» 9-ئايەت، «ۋەھ.» 7:12). «مەيدانغا چىقىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بىر تەرەپتە تۇرىدۇ». دېمەك، ئەسلىدە مىكائىل ئىسرائىل خەلقىگە مۇھاپىزەت بېرىدۇ. لېكىن ھازىر ئۇ مۇھاپىزەتچى رولىنى ۋاقىتلىق بىر ياققا قويىدۇ. «....ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ» ــ بۇ بابتىكى ئۇلۇغ بېشارەتلەر توغرۇلۇقمۇ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 12:1 مات. 24‏:21 12:2 يەش. 26‏:19؛ مات. 25‏:46؛ يـۇھ. 5‏:29؛ روس. 24‏:15 12:3 پەند. 4‏:18؛ مات. 13‏:43 12:4 «سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات» ــ ياكى، «سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى يوشۇرۇپ قوي». «نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ» ــ ياكى «نۇرغۇن كىشىلەر تەتقىق قىلىپ، بىلىم ئاشۇرۇلىدۇ». بۇ بېشارەت يەنە «ئام.» 12:8 بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 12:4 ۋەھ. 5‏:1-5؛ 22‏:10 12:6 دان. 10‏:5 12:7 «بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە «بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت» دېگىنى، يۇقىرىدا 25:7دىكى ئىزاھاتتا تەھلىل قىلغىنىمىز توغرا بولسا، تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىلنى، توپ-توغرا 1260-كۈننى كۆرسىتىدۇ. 12:7 ۋەھ. 10‏:5، 6 12:9 ۋەھ. 5‏:1-5؛ 22‏:10 12:13 «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا» ــ مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىدىغان كۈنى.