10
تىگرىس، يەنى «دىجلە» دەرياسى بويىدا كۆرگەن غايىبانە كۆرۈنۈش
قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.
ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم. ئۈچ ھەپتىگىچە ھېچقانداق نازۇ-نېمەت يېمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم. بىرىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، مەن ئۇلۇغ دەريا، يەنى دىجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاناپ كىيىپ، بېلىگە ئۇفازدىكى ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىرلاپ، كۆزلىرى يېنىپ تۇرغان ئوتتەك چاقنايتتى؛ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى پارقىراپ تۇرىدىغان مىستەك ۋالىلدايتتى؛ ئاۋازى زور بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلايتتى.
غايىبانە كۆرۈنۈشنى يالغۇز مەنكى دانىياللا كۆردۈم، يېنىمدىكىلەر ئالامەتنى كۆرمىگەنىدى. ئەمما زور بىر ۋەھىمە ئۇلارنى بېسىپ، ئىنتايىن تىترەپ كېتىشتى، مۆكۈنۈۋالغۇدەك يەرنى ئىزدەپ قېچىپ كەتتى. ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز قېلىپ بۇ كارامەت غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. قىلچە ماغدۇرۇم قالمىدى، چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ئۆلۈك ئادەمدەك بولۇپ قالدىم، پۇت-قوللىرىمدا بىرئازمۇ ماغدۇر قالمىدى.   
لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم، ھوشۇمدىن كەتتىم. 10 مانا، تۇيۇقسىز بىر قول ماڭا تەگدى، مېنى شۇئان يۆلەپ يەرگە تۆت پۇتلۇق قىلىپ تۇرغۇزدى. 11 شۇ زات ماڭا:
ــ ئەي دانىيال، ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم! سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ چۈشەنگىن، ئۆرە تۇرغىن! چۈنكى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىشى بىلەن، مەن تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم.
12 شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
ــ «ئەي دانىيال، قورقما؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان سېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىڭ ئىجابەت قىلىندى؛ ئېيتقانلىرىڭ ئۈچۈن مەن يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم. 13 لېكىن، «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ماڭا قارشى چىقىپ يولۇمنى يىگىرمە بىر كۈن توسۇۋالدى. مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى.
14 مەن ساڭا ئاخىرقى زامانلاردا خەلقىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى كەلدىم. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى توغرىسىدىدۇر».
 
15 ئۇ ماڭا بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، پەقەتلا يەرگە قارغىنىمچە زۇۋان سۈرەلمەي تۇرۇپ قالدىم. 16 مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا:
ــ تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم. 17 تەقسىرىمنىڭ كەمىنە قۇللىرى قانداقمۇ سىلى تەقسىرىم بىلەن سۆزلىشىشكە پېتىنالايتتىم؟ چۈنكى ھازىرلا ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپەسىم ئۈزۈلىدۇ، ــ دېدىم.
18 ئاندىن گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى مېنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ، ماغدۇر كىرگۈزدى 19 ۋە:
ــ ئى ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم، قورقما! ساڭا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي. غەيرەتلىك بول، ئەمدى غەيرەتلىك بول! ــ دېدى.
ئۇ شۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن:
ــ تەقسىر يەنە سۆز قىلغايلا، چۈنكى سىلى ماڭا ماغدۇر كىرگۈزدىلا، ــ دېدىم.
20 ئۇ مۇنداق دېدى:
ــ «مېنىڭ قېشىڭغا نېمىگە كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى قايتىپ بېرىپ، «پارستىكى ئەمىر» بىلەن جەڭ قىلىمەن؛ مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، «گرېتسىيەدىكى ئەمىر» مەيدانغا چىقىدۇ. 21 لېكىن مەن بېرىشتىن ئاۋۋال ھەقىقەتنىڭ كىتابىدا پۈتۈلگەن ۋەھىيلەرنى مەن ساڭا بايان قىلىمەن.
بۇ ئىشلاردا سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق.
 
 
10:1 «لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر» ــ ياكى «لېكىن ناھايىتى قاتتىق سىناشلار توغرىسىدىدۇر». 10:2 «تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تولۇق ئۈچ ھەپتە... ماتەم قىلدىم» ــ بۇ مەلۇم بىر ئۆلگۈچى ئۇرۇق-تۇغقىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆلۈك روھىي ھالىتىگە بولغان ماتەم، ئەلۋەتتە. 10:3 «تېنىمگە پۇراقلىق ماي سۈرمىدىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈمنى مەسىھ قىلمىدىم». 10:4 يار. 2‏:14 10:5 ۋەھ. 1‏:13، 14، 15 10:8 «چىرايىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شان-شەرىپىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ...» ياكى «چىرايلىقلىقىم قاتتىق ئۆزگىرىپ ...». 10:8 دان. 7‏:28 10:12 «... سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە... كۆڭۈل قويغان» ــ بۇ يەردىكى «چۈشىنىش» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن «يېرۇسالېمنىڭ خاراب بولىدىغان جازا مەزگىلىنىڭ ۋاقتى 70 يىل» توشاي دېگەن ۋاقىتتا دانىيال دۇئا قىلىشقا باشلىدى. دانىيالنىڭ ئارزۇ-ئىستىكى شۇكى، 70 يىلنىڭ توشۇشى بىلەن، خۇدانىڭ سەلتەنىتى دەرھال پەيدا بولسۇن دېگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن 7-، 8- ۋە 9-بابتىكى غايىبانە ئالامەتلەر ئۇنىڭغا، ئاز دېگەندىمۇ يەنە 70 «يەتتە ۋاقىت»نىڭ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇ ئىشلار ئۇنىڭ دېگىنىدەك: «دانىيالنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى». شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، بۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىكى «كېچىكتۈرۈش»نى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويىدۇ. 10-بابتىكى غايىبانە ئالامەتتە بولسا، بۇ ۋاقىتنىڭ يەنىلا ھەم ئۇزۇن ھەم جاپالىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ خەۋەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۇ غەيرەتلىك، ماغدۇرلۇق بولۇشى كېرەك. 10:13 «پارس پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى» ــ بەلكىم ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل جىن بولۇپ، پارس رايونلىرىدا شەيتاننىڭ پىلانلىرىنى بەجا قىلغۇچى بولۇشى مۇمكىن. «پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا..» ــ بۇ سۆزلەر مۇشۇ پەرىشتىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ شۇ پادىشاھلارنىڭ قىلماقچى بولغان يامانلىقىنى توسۇش ياكى بولمىسا، ئۇلارغا ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىشكە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. «مەن پارس پادىشاھلىرىنىڭ يېنىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغاچقا، باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لېكىن باش ئەمىرلەردىن بىرى مىكائىل ماڭا ياردەم قىلغىلى كەلدى. مەن ئۇنى پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قالدۇردۇم». «باش ئەمىرلەر» ــ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك پەرىشتىلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك («يەھ.» 9-ئايەتنى كۆرۈڭ). 10:21 «ھەقىقەتنىڭ كىتابى» ــ مۇقەددەس كىتابنى كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغدىكى «ھەقىقەتنىڭ كىتابى» دانىيال پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىن ئىلگىرى بارلىق نازىل قىلىنغان تەۋرات قىسىملىرىدىن تەركىب تاپقان، ئەلۋەتتە. «سىلەرنىڭ ئەمىرىڭلار مىكائىل» ــ بۇ سۆز مىكائىل باش پەرىشتىنىڭ ئىسرائىلغا ئالايىتەن مەسئۇل بولغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ.