9
ساختىپەزلىك ئۈستىگە قىلىنغان جەڭ
مەن رەبنىڭ قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆردۇم؛ ئۇ مۇنداق دېدى: ــ
ــ تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرىنى ئۇرۇڭلار، بوسۇغىلار سىلكىنگىچە ئۇرۇڭلار،
ئۇلارنى ئىبادەتخانىدىكىلەرنىڭ باشلىرىغا چۈشۈرۈپ، پارە-پارە قىلىڭلار!
مەن شۇ بۇتپەرەسلەردىن ئەڭ ئاخىردا قالغانلىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛
ئۇلاردىن قاچاي دېگەنلەر قاچالمايدۇ،
ئۇلاردىن قۇتۇلاي دېگەنلەر قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ.
ئۇلار تەھتىسارا ئىچىگە تېشىپ كىرسە، قولۇم ئاشۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىدۇ؛
ئۇلار ئاسمانغا يامىشىپ چىقسا، مەن شۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چۈشۈرىمەن؛  
ئۇلار كارمەل چوققىسىغا مۆكۈۋالسىمۇ، مەن ئۇلارنى ئىزدەپ شۇ يەردىن ئالىمەن؛
ئۇلار دېڭىز تېگىدە نەزىرىمدىن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسىمۇ،
مەن يىلاننى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى چاقىدۇ؛
دۈشمەنلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن بولسىمۇ،
مەن شۇ يەردە قىلىچنى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ؛
مەن ياخشىلىقنى ئەمەس، بەلكى يامانلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى ئۇلارغا تىكىمەن.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار،
زېمىنغا تەگكۈچى بولسا دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر؛
ئۇ تېگىشى بىلەنلا، زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتىدۇ؛
زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ ــ
مىسىرنىڭ دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ.
راۋاقلىرىنى ئەرشلەرگە سېلىپ، ئاسمان گۈمبىزىنى يەر يۈزىگە بېكىتكۈچى شۇدۇر؛
دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچى ئۇدۇر؛
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.
سىلەر ماڭا نىسبەتەن ئېفىئوپىيە بالىلىرىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟
مەن ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟
فىلىستىيلەرنى كرېت ئارىلىدىن، سۇرىيەلىكلەرنى كىر شەھىرىدىن چىقارغان ئەمەسمۇ؟
قاراڭلار، رەب پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى «گۇناھكار پادىشاھلىق» ئۈستىگە چۈشتى ــ
مەن يەر يۈزىدىن ئۇنى يوقىتىمەن؛
لېكىن مەن ياقۇپ جەمەتىنى تولۇق يوقىتىۋەتمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
چۈنكى قاراڭلار، مەن بۇيرۇق چۈشۈرىمەن،
شۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرسى داننى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىنى ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن،
بىراق ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. 10  ھالبۇكى، خەلقىمنىڭ بارلىق گۇناھكارلىرى، يەنى: «كۈلپەت بىزگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ» دېگۈچىلەر قىلىچ تېگىدە ئۆلىدۇ.
 
ئادەمنى ھەيرانۇھەس قىلىدىغان ۋەدە ــ ئاخىرقى زامانلار
11 شۇ كۈنى مەن داۋۇتنىڭ يىقىلغان كەپىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەيمەن،
ئۇنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتىمەن؛
ئۇنى خارابىلىكتىن ئوڭشاپ،
ئەينى زاماندىكى پېتىدەك قۇرىمەن.
  
12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېدومنىڭ قالدىسىغا ھەمدە نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ بۇنى بېجىرگۈچى پەرۋەردىگار.
13 مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
ــ يەر ھەيدىگۈچى ھوسۇل يىغقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ،
ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ؛
تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىپ،
بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكلەر ئېرىپ كېتىدۇ.  
14 ۋە خەلقىم ئىسرائىلنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرىمەن؛
ئۇلار خاراب شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇلاردا ماكانلىشىدۇ؛
ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى تىكىپ، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچىدۇ؛
ئۇلار باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ.
15 مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنى ئۈستىگە تىكىمەن،
ئۇلار مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندىن ھەرگىز قايتىدىن يۇلۇۋېتىلمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ.
9:1 «مەن رەبنىڭ قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆردۇم؛ ئۇ مۇنداق دېدى: ــ تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرىنى ئۇرۇڭلار، بوسۇغىلار سىلكىنگىچە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنى ئىبادەتخانىدىكىلەرنىڭ باشلىرىغا چۈشۈرۈپ، پارە-پارە قىلىڭلار!» ــ بۇ ئىشلار، شۈبھىسىزكى، بەيت-ئەلدىكى (بۇتپەرەسلىك سورۇنى قىلىنغان، بىراق «پەرۋەردىگارنىڭ نامى» بىلەن ئاتالغان) ئىبادەتخانىدا بولىدۇ. مۇشۇ بۇيرۇق كىمگە بېرىلگەنلىكى ئېنىق دېيىلمىدى؛ بەلكىم پەرىشتىلەرگە بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلۇشى بەلكىم يەر تەۋرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). 9:2 «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاي. 9:2 زەب. 139‏:8-12 9:3 «ئۇلار دېڭىز تېگىدە نەزىرىمدىن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسىمۇ، مەن يىلاننى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى چاقىدۇ» ــ «يەش.» 1:27نى كۆرۈڭ. 9:4 يەر. 44‏:11 9:5 «ئۇ تېگىشى بىلەنلا، زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتىدۇ؛ زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ...» ــ مۇشۇ ئايەتتە يەر تەۋرەش توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت بېرىلىدۇ. 9:6 زەب. 104‏:3، 13؛ ئام. 5‏:8 9:7 «سىلەر ماڭا نىسبەتەن ئېفىئوپىيە بالىلىرىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ مەن ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ فىلىستىيلەرنى كرېت ئارىلىدىن، سۇرىيەلىكلەرنى كىر شەھىرىدىن چىقارغان ئەمەسمۇ؟» ــ «كرېت ئارىلى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كافتور». تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى: ــ ئىسرائىللار «خۇدا بىزنى مىسىردىن ئالاھىدە چىقارغان» دېگەن ئويدا بولۇپ، «نېمىنى قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىز يەنىلا خۇدانىڭ ئالاھىدە خەلقى بولىمىز، ھېچنېمە بىزگە تەگمەيدۇ» دېگەن خاتا ئويغا كېلىپ قالغان بولسا كېرەك. خۇدا مۇشۇ يەردە، باشقا ئەللەرنى («كاپىر» ئەللەرنى) باشقا يەرلەردىن (جۈملىدىن مىسىردىن يىراق جايلاردىن)، ئېلىپ چىقاردىم، دەيدۇ. شۇڭا، مەلۇم بىر ئەل بىر يەردىن باشقا بىر يەرگە يۆتكىلىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قالتىسلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. ئەلنىڭ يۇرتلىرىنى بېكىتكۈچى بولسا پەقەت خۇدا ئۆزىدۇر. 9:9 «شۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرسى داننى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىنى ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن، بىراق ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ» ــ بۇغداي دانلىرى غەلۋىردىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، تاشلار قالىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، شۈبھىسىزكى، خۇدا قىممىتى بار بولغان بارلىق بۇغداي دانلىرىنى (ھەقىقىي ئېتىقادچىلارنى) يىغىپ ساقلايدۇ (10-ئايەتنى كۆرۈڭ). سۈزۈلۈپ قالغانلىرى (تاشلار) تاشلىۋېتىلىدۇ. 9:11 «داۋۇتنىڭ يىقىلىپ چۈشكەن كەپىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەيمەن» ــ بۇ بېشارەت: (1) داۋۇت پەيغەمبەردىن بولغان پادىشاھلىق ناھايىتى ئاجىز بولۇپ ئاندىن تۈگىشىدىغانلىقىنى (يىقىلىدىغانلىقىنى) كۆرسىتىدۇ (ئاموس پەيغەمبەردىن 150 يىل كېيىن شۇنداق بولغان)؛ (2) ئاخىرقى زامانلاردا خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ بىر ئەۋلادىنى ئېلىپ تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، ئىسرائىلنى قايتىدىن بىر پادىشاھلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پادىشاھلىق بارلىق قالغان ئەللەرنى باشقۇرىدۇ (12-ئايەتتە كۆرسىتىلىدۇ). بۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ (12-ئايەت). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 9:11 روس. 15‏:16 9:13 «ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ» ــ «ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى» ئۈزۈم شارابى چىقىرىش ئۈچۈن ئۈزۈملەرنى كۆلچەككە قويۇپ دۆسسەيدىغان ئادەملەر. «يەر ھەيدىگۈچى ھوسۇل يىغقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ، ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ» ــ دېمەك، ھوسۇلنى يىغىپ بولۇشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ھوسۇل ئېلىش ئادەتتە مارت، ئاپرېل ئايلىرىدا باشلىنىدۇ. يەر ھەيدەش ئادەتتە ئۆكتەبر، نويابردا بولىدۇ. بىراق ھوسۇلنى يېغىۋېلىش يەر ھەيدەش باشلانغان ۋاقىتقىچە تېخى تۈگىمەيدۇ؛ ئۈزۈم چەيلەش ۋاقتى ئادەتتە سىنتەبر ئېيىدا بولىدۇ. لېكىن ئاخىرقى زاماندا ئۈزۈم چەيلەش ئۇرۇق چېچىش ۋاقتىغىچە، يەنى نويابر، دېكابر ئايلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. «بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكلەر ئېرىپ كېتىدۇ» ــ بۇ ئىبارە بەلكىم سۈت ۋە شاراب شۇنچە مول بولىدۇ، مېۋە شىرنىلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، تاغلار ۋە دۆڭلەر «ئېرىپ كېتىۋاتقان»دەك كۆرۈنىدۇ، دېگەن مەنىدە. بۇ ئايەت «يو.» 18:3-ئايەتتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن. 9:13 يو. 3‏:18 9:14 «ۋە خەلقىم ئىسرائىلنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرىمەن؛ ئۇلار خاراب شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ،... ئۇلار باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ» ــ بۇ ئۇلۇغ ۋەدە 9:4، 11:5، 27:5، 2:8-ئايەتلەردە خاتىرىلەنگەن جازالارنى يۈزدەيۈز ئۆزگەرتىدۇ. ئاخىر بېرىپ خۇدا ئۆز خەلقىنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ، پاكلاندۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار ئارىسىدا پۈتۈنلەي ئۇلۇغلىنىدۇ. 9:15 يەر. 32‏:41