9
سائۇلنىڭ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى
ئەمما شۇ چاغلار سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇ باش كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ،   دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە مەسىھ يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى، مەيلى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى.

سائۇل يولغا چىقىپ، دەمەشق شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇ يەرگە يىقىلدى ۋە ئۆزىگە:
ــ سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ ــ دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى.
ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ.
ئاۋاز: ــ مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن. ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» ــ دېدى.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى. سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى. ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى.
10 دەمەشقتە ئانانىياس ئىسىملىك مەلۇم بىر مۇخلىس بار ئىدى. رەب ئۇنىڭغا بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرۈنۈپ ئۇنى:
ــ ئانانىياس! ــ دەپ چاقىردى.
ــ مانا مەن، ئى رەب، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
11 رەب ئۇنىڭغا:
ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ. 12 ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى.
13 ئانانىياس:
ــ ئى رەب، مەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن!    14 ھازىر ئۇ مۇشۇ يەردە نامىڭغا نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ باغلاش ئۈچۈن باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ ــ دېدى.
15 لېكىن رەب ئۇنىڭغا:
ــ بارىۋەر! چۈنكى ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئالاھىدە تاللىغان بىر ئەسۋابتۇر.
  
16 چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى.
17 بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا:
ــ قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، ــ دېۋىدى، 18 سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 19 ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىنىپ ماغدۇرغا كىردى.
 
سائۇلنىڭ دەمەشقتە خۇش خەۋەر جاكارلىشى
20  سائۇل دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە
ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى. 21 ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ:
ــ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا بۇ نامغا نىدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق ۋەيران قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداقلارنى باغلاپ باش كاھىنلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
22 لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى.
23 كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى. 24 لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى. 25 لېكىن مۇخلىسلار بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل كامارىدىن چۈشۈردى.  
 
سائۇل يېرۇسالېمدا
26 سائۇل يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇخلىسلارغا قوشۇلماقچى بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. 27 بىراق بارناباس ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، روسۇللار بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشقنىڭ يولىدا رەبنى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەبنىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭ دەمەشقتە ئەيسانىڭ نامىدا قانداق جۈرئەتلىك بىلەن سۆز-كالام يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 28 بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ، يۈرەكلىك ھالدا رەبنىڭ نامىدا سۆز-كالام يەتكۈزەتتى. 29 ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى. 30 قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى.
31 ئۇ چاغدا، پۈتكۈل يەھۇدىيە، گالىلىيە ۋە سامارىيەدىكى جامائەتلەر بىر مەزگىل تىنچلىققا ئېرىشىپ، ئېتىقادتا قۇرۇلدى؛ رەبنىڭ قورقۇنچىدا مېڭىپ، مۇقەددەس روھنىڭ رىغبەت-تەسەللىسى بىلەن ئۇلارنىڭ سانلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى.
 
پېترۇس لىددا ۋە يوپپا ‘جاففا، خايفا’ شەھەرلىرىدە ياراتقان مۆجىزىلەر
32 شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، پېترۇس ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەندە، لىددا شەھىرىدىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىمۇ يوقلاشقا چۈشتى. 33 ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. 34 پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ ئەنېياس، ئەيسا، يەنى مەسىھ بولغۇچى سېنى ساقايتىدۇ. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پالىسىڭنى يىغىشتۇر! ــ دېدى.
ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. 35  ئەنېياسنى كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.
36 يوپپا شەھىرىدە بولسا تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال مۇخلىس بار ئىدى (ئۇنىڭ ئىسمى گرېكچىدە «دوركاس» ئىدى). ئۇ ھەردائىم ياخشى ئەمەللەر ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارغا بېرىلەتتى. 37 شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى. 38 يوپپا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا، يوپپادىكى مۇخلىسلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار: «ھايال بولماي يېنىمىزغا كەلسەڭ!» ــ دەپ يېلىندى. 39 پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك-كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى.
40 لېكىن پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. ئاندىن ئۇ جەسەتكە قاراپ:
ــ تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! ــ دېدى.
تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، ئورنىدا ئولتۇردى.
41 پېترۇس ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن تۇل ئاياللارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى. 42 بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەبگە ئېتىقاد قىلدى. 43 شۇنداق بولدىكى، پېترۇس يوپپادا سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن كۈنلەر تۇردى.
 
 
9:1 «سائۇل ھەر نەپىسىدە رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى سېلىۋاتقان پەيت ئىدى» ــ گرېك تىلىدا «سائۇلنىڭ ھەر نەپەسلىرى رەبنىڭ مۇخلىسلىرىغا تېخىچە ئىزچىل قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرى بولۇپ،...». 9:1 روس. 8‏:3؛ 22‏:4؛ 26‏:9؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. 9:2 «مەسىھ يولىدىكىلەر» ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا پەقەت ««يول»دىكىلەر» دېيىلىدۇ (چۈنكى ئېتىقادنىڭ پەقەت بىرلا يولى باردۇر). «دەمەشق شەھىرىدىكى سىناگوگلارغا تەۋسىيە خېتى يېزىپ بېرىشنى سورىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ دەمەشقتە مەسىھ يولىدىكىلەردىن بىرەرسىنى... تېپىۋالسىلا، باغلاپ تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشكە رۇخسەت بولاتتى» ــ سائۇل تۇتماقچى بولغانلار مەسىھگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارلا ئىدى (ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىدىن ھېچ خەۋىرى بولمىسا كېرەك). دەمەشقتىكى سىناگوگلار دەمەشق شەھىرىنى باشقۇرمىغان، ئەلۋەتتە. لېكىن شەھەردە يەھۇدىيلارنىڭ تەسىرى خېلى كۈچلۈك بولغاچقا (23-ئايەتنى كۆرۈڭ) سائۇل يەھۇدىي ئىشەنگۈچىلەرنى تۇتماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى ياكى رۇخسىتىنى سورىمىسا بولمايتتى. 9:3 روس. 22‏:6؛ 26‏:31؛ 1كور. 15‏:8؛ 2كور. 12‏:2. 9:4 «سائۇل، سائۇل!» ــ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىككى قېتىم چاقىرىش بولسا رەبنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە ئۆزىگە تولىمۇ ئەزىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 9:5 روس. 5‏:39. 9:6 لۇقا 3‏:10؛ روس. 2‏:37؛ 16‏:30. 9:7 دان. 10‏:7. 9:11 روس. 21‏:39؛ 22‏:3. 9:13 «ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن!» ــ ئىنجىلدا «مۇقەددەس بەندىلەر» دېگەن ئىبارە كۆپ يەرلەردە ئىشلىتىلگەن. ئۇ گرېكچىدە «مۇقەددەسلەر» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «تەبىرلەر»دە ئېيتقىنىمىزدەك، «مۇقەددەس» دېگەن سۆز «خۇداغا ئاتالغان»، «خۇداغا خاس»، «خۇداغا مەخسۇس ئايرىلغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 9:13 روس. 9‏:1؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. 9:15 «...ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن...» ــ گرېك تىلىدا «... ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا كۆتۈرۈش ئۈچۈن...». «ئەللەر» ــ يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەر. 9:15 روس. 13‏:2؛ 22‏:21؛ رىم. 1‏:1؛ گال. 1‏:15؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:1. 9:16 روس. 21‏:11؛ 2كور. 11‏:23. 9:17 روس. 22‏:12. 9:22 «سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ،..» ــ ياكى، «سائۇل بارغانسېرى كۈچلەندۈرۈلۈپ،...». «دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى» ــ ياكى «دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى بۇنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى». 9:24 2كور. 11‏:32. 9:25 «ئۇنى ... سېپىل كامارىدىن چۈشۈردى» ــ ياكى، «ئۇنى... كۈنگۈرىدىن چۈشۈردى». «2كور.» 33:11نىمۇ كۆرۈڭ. 9:25 يە. 2‏:15؛ 1سام. 19‏:12. 9:26 روس. 22‏:17. 9:27 روس. 11‏:25. 9:28 «سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ...» ــ گرېك تىلىدا «سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە كىرىپ-چىقىپ...». 9:31 «ئۇ چاغدا...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنىڭ بىلەن...» ياكى «شۇڭا...». 9:33 «ئورۇن تۇتۇپ...» ــ گرېك تىلىدا «پالاس تۇتۇپ...». 9:35 «...شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى» ــ گرېك تىلىدا «شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى (ئۆز يولىدىن) بۇرۇلۇپ رەبگە باغلاندى». 9:36 «يوپپا شەھىرى» ــ كرېك تىلىدا ئىسمى «يوپپا». ھازىرقى ئىسمى «جاففا» ياكى «خايفا». «...تابىتا....دوركاس...» ــ «تابىتا» ئىبرانىي تىلىدا، «دوركاس» گرېك تىلىدا «جەرەن» دېگەن مەنىدە. 9:42 «بۇ خەۋەر پۈتكۈل يوپپاغا تارقىلىپ...» ــ مۇشۇ يەردە «يوپپا» يوپپا (جاففا) شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل يەرلەرنى كۆرسەتسە كېرەك. (ھازىرقى ئىسمى «خايفا»).