7
ئىستىپاننىڭ گۇۋاھلىقى
باش كاھىن ئىستىپاندىن:
ــ بۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى راستمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاتىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدا تۇرۇۋاتقاندا، يەنى ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ ماكانلىشىشتىن ئىلگىرى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۇنىڭغا ئايان بولۇپ: «سەن ئۆز يۇرتۇڭ ۋە ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن» دېگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ زېمىنغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان زېمىنغا يۆتكەپ كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ زېمىندىن مىراس بەرمىدى، ھەتتا ئۇنىڭقا تەۋە پۇت قويغۇدەكمۇ بىر يەر بەرمىگەنىدى. گەرچە ئۇ تېخىچە پەرزەنت كۆرمىگەن بولسىمۇ، خۇدا بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئىگىلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلدى. ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سېنىڭ نەسىللىرىڭ ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرىدۇ، شۇ يۇرتتىكىلەر ئۇلارنى قۇل قىلىپ تۆت يۈز يىل خورلايدۇ. بىراق ئۇلارنى قۇللۇققا سالغان ئەلنى جازالايمەن»، دېدى خۇدا، «ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، نەسىللىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىمدە بولىدۇ».  
كېيىن خۇدا ئىبراھىم بىلەن بەلگىسى خەتنە بولغان ئەھدىنى تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ئۇنىڭدىن تۆرەلدى؛ ئىبراھىم ئۇنى سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئىسھاقتىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپتىن ئون ئىككى «قەبىلە ئاتىسى» تۆرەلدى.  
كېيىن، «قەبىلە ئاتىلىرى» ئىنىسى يۈسۈپكە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا قۇللۇققا سېتىۋەتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ،    10 ئۇنى بارلىق جەبىر-جاپالاردىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلدى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر، ئوردىسىغا باش غوجىدار قىلدى. 11 كېيىن، ئېغىر ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر ۋە قانائان يەرلىرىنى بېسىپ، زور قىيىنچىلىق بولدى. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈك تاپالمىدى. 12 ياقۇپ ئەمدى مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان بولۇپ، ئوغۇللىرىنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم ئەۋەتتى.    13 ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىكىلەر پىرەۋن پادىشاھقا مەلۇم بولدى.    14 ئاندىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى پۈتۈن ئائىلە-جەمەتى بىلەن، جەمئىي يەتمىش بەش كىشىنى مىسىرغا ئۆزىگە چاقىردى. 15 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ مىسىرغا چۈشتى ۋە شۇ يەردە ئۆلدى؛ كېيىن ئۇنىڭدىن بولغان ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ شۇ يەردە ئۆلدى. 16 ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى كېيىن شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئىبراھىم بۇرۇن ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن مەلۇم پۇلغا سېتىۋالغان، شەكەمدىكى بىر يەرلىككە قويۇلدى.  
17 لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا ئەسلى قىلغان ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىل خەلقىنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپەيگەنىدى.    18 ئۇ ۋاقىتتا، يۈسۈپتىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. 19 بۇ پادىشاھ قوۋمىمىزغا ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى ھايات قالدۇرماسلىقى ئۈچۈن تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى. 20 مۇسا مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا ئالاھىدە يېقىملىق بالا بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي بېقىلدى.    21 كېيىن ئۇ سىرتقا قويۇپ قويۇلغاندا، پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنى سۇدىن ئېلىپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى. 22 مۇسا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق بىلىم-ھېكمىتى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆزدە ۋە ئەمەلدە ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ئادەم بولۇپ چىقتى.
23 لېكىن ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا قىرىق يىل توشقاندا، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىغا يېتىش نىيىتىگە كەلدى.    24 ئۇ ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئۇۋال قىلىنىپ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، خارلانغان كىشى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ خارلىغۇچى مىسىرلىقنى ئۆلتۈردى. 25 چۈنكى ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى: ــ خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق بىزگە قۇتقۇزۇش يولىنى ئاچقان دەپ چۈشىنىدىغۇ، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى. 26 ئەتىسى، مۇسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئۇرۇش-جېدەلنى كۆرۈپ، ئارىسىغا كىرىپ ياراشتۇرماقچى بولۇپ: سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى.
27 بىراق قېرىندىشىنى يولسىز بوزەك قىلغان كىشى ئۇنى چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ: ــ كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ؟! 28 مېنىمۇ تۈنۈگۈنكى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. 29 مۇسا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قورقۇپ، مىسىردىن قېچىپ مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ شۇ يەردە ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.
30 قىرىق يىل توشقاندىن كېيىن، سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە، كۆيۈۋاتقان بىر چاتقاللىقنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈندى. 31 بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەن مۇسا ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ قالدى؛ بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەي دەپ يېقىنراق بارغاندا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ: 32 «مەن سېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن» دېدى. مۇسا قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. 33 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئايىغىڭنى سېلىۋەت؛ چۈنكى سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. 34 مەن دەرھەقىقەت مىسىردا تۇرۇۋاتقان خەلقىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. شۇڭا مەن ئۇلارنى ئېلىپ چىققىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن، مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى.
35 مانا ھېلىقى كىشىلەر: «كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغان دەل مۇشۇ مۇسانى، خۇدا ئۇنىڭغا چاتقاللىقتا كۆرۈنگەن پەرىشتىنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىللارغا ھەم باش ھەم قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى. 36 ئەنە شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى.    37 ئەنە شۇ مۇسا ئۆزى ئىسرائىللارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى.    38 چۆل-باياۋاندىكى جامائەتكە ھەمراھ بولغان، سىناي تېغىدا ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرىشتە بىلەن بىللە بولغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن بىللە بولغان ھەمراھ دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ ھاياتلىق بەخش يەتكۈزىدىغان ۋەھىيلەرنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇچى بولغان دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ 39 شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى خالىماي، ئۇنى چەتكە قېقىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى؛ 40 شۇڭا ئۇلار ھارۇنغا: ــ «بىزگە يول باشلايدىغان ئىلاھلارنى ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى.    41 شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنلەردە ئۇلار موزاي شەكلىدە بىر بۇت ياساپ، بۇ مەبۇدقا ئاتاپ قۇربانلىق سۇندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بىر نەرسىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشكە كىرىشتى. 42 لېكىن خۇدا ئۇلاردىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇز قوشۇنلىرىغا چوقۇنۇشقا قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىسىدا پۈتۈلگەدەك، خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى: ــ
«سىلەر چۆل-باياۋاندا بولغان قىرىق يىل جەريانىدا قىلغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى ھەقىقەتەن ماڭا ئېلىپ كەلگەنمۇسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟ 43 بەرھەق، سىلەر چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسىغان مەبۇدلار، يەنى «مولوق»نىڭ چېدىرى ھەم بۇتۇڭ بولغان «رەمفان»نىڭ يۇلتۇز بەلگىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار؛ ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ بابىلدىن يىراققا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن».  
44 ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدىن كەزگەن ۋاقتىدا، «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» چېدىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەنگەنىدى؛ ئۇ دەل مۇساغا سۆز-كالام يەتكۈزگۈچىنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسالغانىدى.    45 شۇ ئىبادەت چېدىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرىدىكىلەردىنمۇ ئىگىدارچىلىقىغا تاپۇشۇپ، يەشۇئانىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا قوغلىغان ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغىنىدا، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇ شۇنداقلا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە تۇرغان.    46 داۋۇت خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان سېلىشقا ئىجازەت سورىغان.    47 بىراق كېيىن، خۇدا ئۈچۈن ئىبادەتخانا سالغان داۋۇت ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سۇلايمان بولدى.    48 ھالبۇكى، ئەڭ ئالىي بولغۇچى ئىنساننىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان ماكانلاردا تۇرمايدۇ؛ خۇددى پەيغەمبەر مۇنداق دېگىنىدەك: ــ
49 «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم،
زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەردۇر،
ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟
ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟
50 بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان ئەمەسمىدى؟»  
51 ــ ئەي، بوينى قاتتىق، يۈرىكى ۋە قۇلىقى خەتنىسىز بولغانلار! سىلەر مۇقەددەس روھ بىلەن دائىم قارشىلىشىسىلەر؛ سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى ئوخشاش قىلىۋاتىسىلەر! 52 پەيغەمبەرلەردىن زادى قايسىسىغا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان؟ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار، 53 ئى سىلەر تەۋرات قانۇنىنى پەرىشتىلەرنىڭ ئەمرى-تاپىلىغانلىرى بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغۇچىلار!»
 
ئىستىپاننىڭ چالما-كېسەك قىلىنىشى
54  ئىستىپاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر يۈرىكىگە خەنجەر سانجىلغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. 55 لېكىن ئۇ بولسا مۇقەددەس روھقا تولغان، كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ جۇلاسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئەيسانىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، 56 ــ قاراڭلار! ئاسمانلار ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلىنىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن! ــ دېدى.
57 ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاقلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرۈپ ۋارقىرىشىپ بىرلىكتە ئۇنىڭغا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋىدى، 58 ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. ئۇنى ئەرز قىلغان گۇۋاھچىلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن ئاۋۋال چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ پۇتى ئالدىدا قويۇپ قويۇشتى.    59 ئۇلار ئىستىپاننى چالما-كېسەك قىلغىنىدا ئۇ:
ــ ئى رەب ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! ــ دەپ نىدا قىلدى.
60 ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن:
ــ ئى رەب، بۇ گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالمىغايسەن، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزۈپ ئۇخلاپ كەتتى.
 
 
7:3 يار. 12‏:1. 7:4 «بۇنىڭ بىلەن ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ،..» ــ «كالدىيىلىكلەرنىڭ زېمىنى» «ئۇز» دېگەن يۇرتنى كۆرسىتىدۇ («يار.» 31:11، 1:12نى كۆرۈڭ). 7:5 يار. 12‏:7؛ 13‏:15. 7:6 يار. 15‏:13-14، 16؛ مىس. 12‏:40؛ گال. 3‏:17. 7:7 «...بىراق ئۇلارنى قۇللۇققا سالغان ئەلنى جازالايمەن... ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، نەسىللىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىمدە بولىدۇ» ــ «يار.» 13:15-14. 7:7 يار. 15‏:16؛ مىس. 3‏:12. 7:8 «كېيىن خۇدا ئىبراھىم بىلەن بەلگىسى خەتنە بولغان ئەھدىنى تۈزگەن..» ــ «يار.» 10:17-14. «ئون ئىككى «قەبىلە ئاتىسى»» ــ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئەجدادلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 7:8 يار. 21‏:2؛ 25‏:24؛ 29‏:32؛ 30‏:5؛ 35‏:23. 7:9 «كېيىن، «قەبىلە ئاتىلىرى» ئىنىسى يۈسۈپكە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا قۇللۇققا سېتىۋەتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ...» ــ شۇ ۋاقىتتا «قەبىلە ئاتىلىرى» (يۈسۈپتىن باشقا) ئونەيلەن ئىدى. مۇشۇ ۋەقەنى «يار.» 37-بابتىن كۆرۈڭ. 7:9 يار. 37‏:4،28؛ زەب. 105‏:17. 7:10 يار. 41‏:40. 7:11 يار. 41‏:54؛ زەب. 105‏:16. 7:12 «ياقۇپ ئەمدى مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان بولۇپ، ... ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ئۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم ئەۋەتتى» ــ «بىرىنچى قېتىم ئەۋەتتى» ــ بىرىنچى قېتىم ئۇلار ئۇكىسى يۈسۈپنى تونىيالمىدى (ئون نەچچە يىل ئۆتكەنىدى). «يار.» 42-بابنى كۆرۈڭ. 7:12 يار. 42‏:1. 7:13 «ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىدى» ــ «يار.» 43-45-بابنى كۆرۈڭ. 7:13 يار. 45‏:4. 7:14 «ئاندىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ،...مىسىرغا ئۆزىگە چاقىردى» ــ «يار.» 46-بابنى كۆرۈڭ. 7:15 يار. 46‏:5؛ 49‏:33. 7:16 «ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى كېيىن ... شەكەمدىكى بىر يەرلىككە قويۇلدى» ــ «يارىتىلش» 29:49-32نى كۆرۈڭ. ئىستىپان مۇشۇ يەردە بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بەك قىسقارتىۋېتىدۇ. 7:16 يار. 23‏:16؛ 50‏:13؛ مىس. 13‏:19؛ يە. 24‏:32. 7:17 «خۇدا ئىبراھىمغا ئەسلى قىلغان ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا...» ــ «خۇدا قىلغان ۋەدە» بولسا خۇدانىڭ «سېنىڭ نەسىللىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىبادەت-خىزمىتىمدە بولىدۇ» دېگەن ۋەدىسى (7-ئايەتنى كۆرۈڭ). 7:17 مىس. 1‏:7؛ زەب. 105‏:24. 7:18 مىس. 1‏:8 7:20 «مۇسا...خۇدانىڭ ئالدىدا ئالاھىدە يېقىملىق بالا...» ــ مۇسانىڭ روھىي جەھەتتىكى بەزىبىر ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ («مىس» 2:2). 7:20 مىس. 2‏:2؛ 6‏:19؛ چۆل. 26‏:59؛ 1تار. 23‏:13؛ ئىبر. 11‏:23. 7:21 «كېيىن ئۇ سىرتقا قويۇپ قويۇلغاندا..» ــ مۇشۇ يەردىكى «سىرتقا قويۇپ قويۇش» دېگەن ئىبارە 19-ئايەتتە: (ھايات قالدۇرماسلىقى ئۈچۈن) «تاشلىۋېتىش» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەمما مۇسانىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ بوۋاققا (مۇساغا) بولغان بارلىق مۇئامىلىسى، جۈملىدىن «سىرتقا قويۇش»ى ئىمان-ئىشەنچ بىلەن بولدى. «ئىبر.» 23:11ن، «مىس.» 2-بابنى كۆرۈڭ. «پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنى سۇدىن ئېلىپ...» ــ «مىس.» 2-بابنى كۆرۈڭ. 7:23 «ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىغا يېتىش...» ــ گرېك تىلىدا «ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنى يوقلاش...». 7:23 مىس. 2‏:11-15. 7:27 مات. 21‏:23؛ روس. 7‏:35؛ 4‏:7. 7:28 مىس. 2‏:14. 7:29 «مۇسا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قورقۇپ، مىسىردىن قېچىپ مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ،..» ــ ئۇنىڭ قورقىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى مىسىرلىقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى بولۇشى كېرەك. لېكىن ئاخىردا ئۇنىڭ مىسىرنى تاشلاپ كېتىشى قورقۇنچتىن ئەمەس، بەلكى ئىماندىن ئىدى ( يەنە «مىس.» 2-بابنى، «ئىبر.» 27:11نى كۆرۈڭ). 7:30 مىس. 3‏:2 7:32 مىس. 3‏:6؛ مات. 22‏:32؛ ئىبر. 11‏:16. 7:33 مىس. 3‏:5، 7، 8، 10؛ يە. 5‏:15. 7:34 مىس. 3‏:2-10. 7:36 «...شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى» ــ بۇ ئىشلار «مىسىردىن چىقىش» ھەم «چۆل-باياۋاندىكى سەپەر»دىكى ئۇلۇغ تېمادۇر. 7:36 مىس. 7؛ 8؛ 9؛ 10؛ 11؛ 13؛ 14؛ 16‏:1؛ قان. 1‏:3. 7:37 «خۇدا قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» ــ «قان.» 15:18. 7:37 قان. 18‏:15،18؛ يـۇھ. 1‏:46؛ روس. 3‏:22؛ مات. 17‏:5. 7:38 مىس. 19‏:3؛ گال. 3‏:19. 7:40 «شۇڭا ئۇلار ھارۇنغا...» ــ ھارۇن مۇسانىڭ ئاكىسى. «شۇڭا خالايىق ھارۇنغا: ــ «بىزگە يول باشلايدىغان ئىلاھلارنى ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى» ــ بۇ ۋەقە مۇسا پەيغەمبەر سىناي تېغىدىن تېخى چۈشمىگەن ۋاقىتتا بولغانىدى («مىس.» 32-باب). 7:40 مىس. 32‏:1،23. 7:42 ئام. 5‏:25. 7:43 «... بەرھەق، سىلەر چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسىغان مەبۇدلار، يەنى «مولوق»نىڭ چېدىرى ھەم بۇتۇڭ بولغان «رەمفان»نىڭ يۇلتۇز بەلگىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار؛ ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ بابىلدىن يىراققا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن» ــ «ئام.» 25:5-27. 7:43 ئام. 5‏:26،27. 7:44 ««ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» چېدىرى» ــ يەنى «ئىبادەت چېدىرى»؛ «مىس.» 34:16 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «ئۇ دەل مۇساغا سۆز-كالام يەتكۈزگۈچىنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسالغانىدى» ــ «سۆز-كالام يەتكۈزگۈچى» ــ خۇدانىڭ ئۆزى، ئەلۋەتتە. 7:44 مىس. 25‏:40؛ ئىبر. 8‏:5. 7:45 «يەشۇئانىڭ يېتەكچىلىكىدە...» ــ يەنى يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە. 7:45 يە. 3‏:14. 7:46 «ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان سېلىشقا ئىجازەت سورىغان» ــ گرېك تىلىدا «ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان تېپىشقا ئىجازەت سورىغان» («2سام.» 7-بابنى كۆرۈڭ). 7:46 1سام. 16‏:1؛ 2سام. 7‏:2؛ 1تار. 17‏:1؛ زەب. 89‏:19-21؛ 132‏:5؛ روس. 13‏:22. 7:47 «بىراق كېيىن، (خۇدا) ئۈچۈن ئىبادەتخانا سالغان داۋۇت ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سۇلايمان بولدى» ــ «1پاد.» 5-6-بابنى كۆرۈڭ. 7:47 1پاد. 6‏:1؛ 1تار. 17‏:12. 7:48 1پاد. 8‏:27؛ روس. 17‏:24. 7:49 2تار. 6‏:33؛ يەش. 66‏:1، 2؛ مات. 5‏:34؛ 23‏:22. 7:50 «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەردۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان ئەمەسمىدى؟» ــ «يەش.» 1:66-2. 7:50 يەش. 66‏:1-2؛ يار. 1‏:4. 7:51 نەھ. 9‏:16،17؛ يەر. 6‏:1. 7:52 «شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار،...» ــ «ھەققانىي بولغۇچى» ئەيسانى كۆرسىتىدۇ. 7:53 مىس. 19‏:3؛ 24‏:3؛ يـۇھ. 7‏:19؛ گال. 3‏:19؛ ئىبر. 2‏:2. 7:58 «ئۇنى ئەرز قىلغان گۇۋاھچىلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن ئاۋۋال چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ پۇتى ئالدىدا قويۇپ قويۇشتى» ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە بىرسى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسا ئۇنىڭغا ئەرز قىلغان گۇۋاھچىلار بىرىنچى بولۇپ تاش ئېتىشى كېرەك ئىدى («قان.» 7:17). 7:58 1پاد. 21‏:13؛ لۇقا 4‏:29. 7:59 زەب. 31‏:5؛ لۇقا 23‏:46. 7:60 مات. 5‏:44؛ لۇقا 23‏:34؛ 1كور. 4‏:12.