27
پاۋلۇس ۋە ھەمراھلىرىنىڭ رىم شەھىرىگە قىلغان دېڭىز سەپىرى
بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا بىرنەچچە مەھبۇسنى «ئاۋغۇستۇس قىسمى»دىكى يۇلىيۇس ئىسىملىك بىر يۈزبېشىغا تاپشۇردى. بىز ئادرامىتتىئۇمنىڭ بىر كېمىسىگە چىقتۇق. كېمە ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە باراتتى. تېسالونىكا شەھىرىدىن بولغان ماكېدونىيەلىك، ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى. ئەتىسى بىز زىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ غەمخورلىقىنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. بىز ئۇ يەردىن يەنە دېڭىزغا چىقتۇق. شاماللار قېرىشقاندەك قارشى تەرىپىمىزدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق. كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق. شۇ يەردە يۈزبېشى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى ئىتالىيەگە بارىدىغان باشقا بىر كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئۇنىڭغا چىقىرىپ قويدى.
دېڭىزدا كۆپ كۈنلەر ناھايىتى ئاستا مېڭىپ، تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدۇق. شامال مىڭىش يۆنىلىشىمىزنى توسۇغاچقا، كرېت ئارىلىنىڭ شامالدىن دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدا تەسلىكتە ئىلگىرىلەپ قىرغاقنى بويلاپ، لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «گۈزەل ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق.
سەپەر بىلەن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ، روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا پاۋلۇس كۆپچىلىككە نەسىھەت قىلىپ:
10 ــ بۇرادەرلەر، بۇ سەپەرنىڭ بالايىئاپەت ۋە ئېغىر زىيان بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن؛ مال ۋە كېمىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، سەپەر ئۆز جېنىمىزغىمۇ زامىن بولىدۇ! ــ دەپ ئاگاھلاندۇردى.
11 بىراق يۈزبېشى بولسا پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي، كېمە باشلىقى بىلەن كېمە ئىگىسىنىڭ سۆزىگە ئىشەندى. 12 ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پورتمۇ قىشلاشقا مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا، كۆپچىلىك يەنە دېڭىزغا چىقىپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. فېنىكس بولسا كرېت ئارىلىدىكى بىر دېڭىز پورتى بولۇپ، بىر تەرىپى غەربىي جەنۇبقا ۋە بىر تەرىپى غەربىي شىمالغا قارايتتى.  
 
دېڭىزدىكى بوران-چاپقۇن
13 جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىۋاتاتتى، كۆپچىلىك نىشانىمىزغا يېتىدىغان بولدۇق دەپ، لەڭگەرنى ئېلىۋېتىپ، كېمىنى كرېت ئارىلىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ ھەيدەپ ماڭدى. 14 لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق «شەرقىي شىمالدىن كەلگۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەشەددىي قارا بوران چىقىپ كەتتى. 15 كېمە بۇراننىڭ قاماللىقىدا قالغاچقا، ئۇنى شامالغا يۈزلەندۈرەلمەي، بوراننىڭ مەيلىچە مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق. 16‏-17 كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق. ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش-قۇم دۆۋىلىرىگە قېقىلىپ پېتىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، تورمۇز لەڭگەرلىرىنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى شامالنىڭ ھەيدىشىگە قويۇپ بەردى. 18 بوران ئۈستىمىزگە شىددەتلىك سوققاچقا، ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى. 19 ئۈچىنچى كۈنىدە ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن كېمىدىكى قورال-جابدۇقلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. 20 كۆپ كۈنلەرگىچە يا كۈن يا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەي، بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك ئۈستىمىزگە توختىماي سوقۇۋەرگەچكە، ئاخىردا قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزمۇ يوققا چىققانىدى.
21 كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە كۆپ كۈنلەر بولغاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ:
ــ بۇرادەرلەر، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سېلىپ كرېتتىن دېڭىزغا چىقماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭلار بۇ بالايىئاپەت ۋە زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتىڭلار. 22 لېكىن ئەمدى سىلەرنى غەيرەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى ئاراڭلاردا ھېچقايسىڭلار جېنىدىن ئايرىلغىنى يوق، پەقەت كېمىدىنلا مەھرۇم قالىسىلەر. 23 چۈنكى مەن تەۋە بولغان ۋە ئىبادەت-خىزمىتىنى قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۈنۈگۈن كېچە يېنىمغا كېلىپ 24 ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن قەيسەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇشۇڭ كېرەك؛ ۋە مانا، خۇدا شاپائەت قىلىپ سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى تىلىگىنىڭنى ساڭا ئىجابەت قىلدى!» دېدى. 25 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئەپەندىلەر، غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى خۇداغا ئىشىنىمەنكى، ماڭا قانداق ئېيتىلغان بولسا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 26 بىراق بىز مەلۇم ئارالنىڭ قىرغىقىغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ.
27 سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان بولۇپ، تۈن نىسپىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قېلىپتۇق، دەپ ئويلىدى. 28 ئۇلار چوڭقۇرلۇقنى ئۆلچەش ئارغامچىسىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، يىگىرمە غۇلاچ چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئون بەش غۇلاچ چىقتى. 29 ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ، تاڭ ئېتىشنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ تۇردى. 30 لېكىن كېمىچىلەر كېمىدىن قاچماقچى بولۇپ كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەرنى ئېلىپ تاشلىۋېتەيلى دەپ باھانە كۆرسىتىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى. 31 پاۋلۇس يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەرگە:
ــ بۇ كېمىچىلەر كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! ــ دېدى.
32 بۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى. 33 تاڭ ئاتاي دېگەندە، پاۋلۇس ھەممەيلەننى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ:
ــ سىلەرنىڭ دەككە-دۈككە ئىچىدە ھېچنېمە يېمەي تۇرغىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى. 34 ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. چۈنكى ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ چۈنكى ھېچقايسىڭلارنىڭ بېشىدىكى بىر تال مويمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! ــ دېدى.
35 بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ يېدى. 36 شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ غىزالىنىشقا باشلىدى 37 (كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق). 38 ھەممەيلەن قورساقلىرىنى توقلىغاندىن كېيىن، كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
 
كېمىنىڭ غەرق بولۇشى
39 تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنىڭ نە ئىكەنلىكىنى تونۇمىدى. لېكىن ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە ئۇرۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى. 40 ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنى بوشىۋېتىپ، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنىڭ ئىككى يۆنىلىش پالىقىنىڭ باغلىرىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى شامالغا چىقىرىپ، كېمىنى قۇملۇقنىڭ قىرغىقىغا قارىتىپ ماڭدۇردى. 41 ئەمدى ئىككى ئېقىم بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرگە كىرىپ قېلىپ، ئۇلار كېمىنى قىراققا سوقتۇرۇۋالدى؛ كېمىنىڭ بېشى دېڭىز تېگىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ، مىدىرلىماي قالدى، لېكىن كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى.  
42 لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. 43 لېكىن يۈزبېشى پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا چۈشۈپ قىرغاققا چىقىشىنى، 44 قالغانلارنىڭ بەزىلىرىنى تاختايلارغا، بەزىلىرىنى كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن پارچىلىرىغا ئېسىلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق بولدىكى، ھەممەيلەن قۇتۇلۇپ ساق-سالامەت قۇرۇقلۇققا چىقتى.
 
 
27:1 «بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز...» ــ «بىز» دېگەن سۆزگە قارىغاندا لۇقا قايتىدىن پاۋلۇسقا ھەمراھ بولغانىدى. «ئىتالىيەگە» ــ رىم شەھىرى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى ئىدى. «ئاۋغۇستۇس قىسمى» ــ ياكى «شاھانە قوشۇن». «ئاۋغۇستۇس» بولسا بىرىنچى رىم ئىمپېراتورى ئىدى. «قىسىم» ياكى «قوشۇن» مۇشۇ يەردە 600 لەشكەرلىك بىرلىكنى كۆرسىتىدۇ. 27:3 روس. 24‏:23؛ 28‏:16. 27:7 «شامال مىڭىش يۆنىلىشىمىزنى توسۇغاچقا، كرېت ئارىلىنىڭ شامالدىن دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ... » ــ ئەسلىدە ئۇلار مەغرىپ تەرەپكە ماڭماقچى، ھازىر جەنۇبقا قاراپ ماڭىدۇ. «روسۇل پاۋلۇسنىڭ سەپەرلىرى» دېگەن خەرىتىنى كۆرۈڭ. 27:9 «روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا،...» ــ يەھۇدىيلارنىڭ «روزا كۈنى» ئادەتتە توققۇزىنچى ئايدا بولىدۇ، ھازىر كۈز پەسلى بولسا كېرەك. ئونىنچى ئايدىن كېيىن بوران كۆپ بولغانلىقتىن «ئوتتۇرا دېڭىز»دا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. 27:12 «روزا كۈنى ئاللىقاچان ئۆتكەن بولغاچقا، كۆپچىلىك يەنە دېڭىزغا چىقىپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى...» ــ فېنىكس پورتى قىشلىق (ئادەتتە شەرقىي جەنۇب ۋە شەرقىي شىمالدىن چىققان) شاماللارغا دالدا بولغاچقا، قىشلاش ئۈچۈن ياخشى جاي ئىدى. 27:16‏-17 «كلاۋدا دېگەن كىچىك بىر ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىپ، ئارانلا ئۇنى ساقلاپ قالالىدۇق» ــ ئادەتتە قولۋاق كېمىنىڭ كەينىدىن سۆرىتىلىپ مېڭىلاتتى. «ئاندىن كېمىچىلەر كېمىنى ئارغامچىلار بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى» ــ بۇ ئارغامچىلار كېمىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن كېمىنى چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى. «سىرتىس دەپ ئاتالغان دېڭىز ئاستىدىكى تاش-قۇم دۆۋىلىرى» ــ «سىرتىس» دېگەن ھازىرقى لىۋىيەدىكى ئىككى دېڭىز قولتۇقىنىڭ ئىسمىدۇر. شۇ قولتۇقلاردا كۆپ تېيىز جايلار ۋە دېڭىز ئاستىدا دائىم كۆچمە قۇم دۆۋىلىرى بولغاچقا، كېمىلەر ئۈچۈن بەك خەتەرلىك جايدۇر. «كېمىنىڭ ... تورمۇز لەڭگەرلىرى» ــ بولسا يېنىكرەك لەڭگەر بولۇپ، دېڭىز تېگىگە تىرىلىپ كېمىنىڭ ئالدىغا مېڭىشىنى ئاستىلىتاتتى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەلكەنلەرنى چۈشۈرۈپ»؛ ئەمما بىزنىڭچە شۇنداق ئەشەددىي بۇراندا يەلكەنلەر ئاللىقاچان چۈشۈرۈلگەن بولاتتى. 27:18 «...ئەتىسى مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى» ــ مالنى تاشلاشنىڭ مەقسىتى كېمىنىڭ پارچىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇنى يېنىكلىتىشتىن ئىبارەت. 27:29 «ئۇلار ... كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەرنى تاشلىۋېتىپ،..» ــ بۇ تۆت لەڭگەرنى (دېڭىزغا) تاشلاشنىڭ مەقسىتى كېمىنى توختىتىش، ئەلۋەتتە. 27:32 «كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى لەيلىتىپ قويدى» ــ ياكى «كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىلىرىنى كېسىپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى». 27:34 مات. 10‏:30. 27:35 1سام. 9‏:13؛ يـۇھ. 6‏:11؛ 1تىم. 4‏:3. 27:40 «كېمىنىڭ ئىككى يۆنىلىش پالىقىنىڭ باغلىرىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈۋەتتى» ــ دېڭىز شۇنداق كۈچلۈك دولقۇنلىغاندا، بۇ پالاقلارنى دېڭىزغا چۈشۈرۈشنىڭ پايدىسى بولمايتتى. شۇڭا ئۇلار دەخلى بولمىسۇن ئۈچۈن پالاقنى بىر-بىرىگە چېتىپ كېمىگە دېڭىزدىن كۆتۈرۈپراق باغلاپ قويغانىدى. ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشلىتىشكە بولاتتى، ئەگەر قاتتىق دولقۇندا بۇزۇلۇپ كەتسە ئامال يوق بولاتتى. 27:41 «ئەمدى ئىككى ئېقىم بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرگە كىرىپ قېلىپ، ئۇلار كېمىنى قىراققا سوقتۇرۇۋالدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «كېمە قىرغاققا يەتكۈچە دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ قالدى». 27:41 2كور. 11‏:25. 27:42 «لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى» ــ رىملىق ئەسكەرلەر مەھبۇسلارنى قاچۇرۇپ قويسا ئۆزلىرى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم بولاتتى.