24
يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇس ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى
بەش كۈندىن كېيىن، باش كاھىن ئانانىياس ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن ۋە تەرتۇللۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيەگە چۈشۈپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى رەسمىي شىكايەتلىرىنى ۋالىيغا سۇندى. 2‏-3 پاۋلۇس چاقىرتىلىپ، تەرتۇللۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى:
ــ ھۆرمەتلىك فېلىكس جانابلىرى! بىز ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىلىرىدا ھەر تەرەپتىن ئامان-ئېسەنلىككە نېسىپ بولۇپ كەلمەكتىمىز ۋە ئالدىن كۆرەرلىكلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا دانا ئىسلاھاتلار بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە، بىز بۇ ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تولۇق مىننەتدارلىق بىلەن بەھرىمان بولۇۋاتىمىز. بىراق ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن، شەپقەتلىرى بىلەن سۆزىمىزنى قىسقىلا ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. چۈنكى بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ ئادەم بالاخور بولۇپ، پۈتكۈل جاھاندىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ماجىرا-توپىلاڭ پەيدا قىلىشنى كۈشكۈرتكۈچى، شۇنداقلا «ناسارەتلىكلەر» دەپ ئاتالغان مەزھەپنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر. 6‏-7 ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى. شۇڭا، بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىمىز بويىچە سوتلايتتۇق. لېكىن مىڭبېشى لىسىياس ئەشەددىي زورلۇق بىلەن ئۇنى قوللىرىمىزدىن تارتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرۇغانىدى.   ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ يېتىدىلا!
سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇلۇپ: راست، راست، دەپ شىكايەتنى كۈچەيتتى.
 
پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى
10 ۋالىي پاۋلۇسقا سۆز قىلغىن دەپ قول ئىشارىتىنى قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى:
ــ مەن سىلىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ خەلقنى سوراپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلگەچكە، خاتىرجەملىك بىلەن ئالدىلىرىدا ئۆزۈم توغرامدا جاۋاب بېرىمەن. 11 ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى. 12 ئۇلار مېنىڭ ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمنى كۆرمىگەن، ياكى سىناگوگلاردا ياكى شەھەردە ئاممىنى توپىلاڭغا قۇتراتقانلىقىمنىمۇ ھېچ كۆرمىدى. 13 ئۇلار يەنە ھازىر جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ھېچ ئىسپاتمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ.
14 بىراق سىلىگە شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئۇلار «مەزھەپ» دەپ ئاتىغان يول بىلەن مېڭىپ، تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسىغا ئىبادەت قىلىمەن. 15 مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ.
16 شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا ئىنتىلىمەن. 17 مەن يېرۇسالېمدىن ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە ئۆز خەلقىمگە خەير-سەدىقە يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇدا ئالدىغا ھەدىيە سۇنغىلى بارغانىدىم. 18 مەن بۇ ئىشلاردا بولۇۋاتاتتىم، بۇلار مېنى تازىلىنىش قائىدىسىنى ئادا قىلىپ بولغان چاغدا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتتى؛ لېكىن مەن ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق، مالىمانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق. 19 ئەمەلىيەتتە مېنى ئۇچراتقانلار بولسا ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بار بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئەرز قىلىشقا توغرا كېلەتتى. 20 بولمىسا، مۇشۇ سورۇندىكىلەر ئالىي كېڭەشمە ئالدىدا تۇرغىنىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تاپقانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن! 21 پەقەت مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى: ــ مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا، «بۈگۈنكى كۈندە ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى توغرۇلۇق سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلغانمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم.
22  رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرى بار بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا:
ــ مىڭبېشى لىسىياس كەلگەندە دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى چىقىرىمەن، ــ دېدى.
23 ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئەمما ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭچىلىك قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۇنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشىنى توسمىغىن، دەپ بۇيرۇدى.
 
پاۋلۇس ۋالىي فېلىكس بىلەن درۇسىلانىڭ ئالدىدا
24 بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كەلدى (درۇسىلا يەھۇدىي ئىدى). ئۇ پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولى توغرۇلۇق ئاڭلىدى. 25 پاۋلۇس ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىشلار توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا، فېلىكس ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا:
ــ ھازىرچە قايتىپ تۇرساڭ بولىدۇ. كېيىن ماڭا پەيت كەلگەندە، يەنە چاقىرتىمەن، ــ دېدى.
26 ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىمكانقەدەر پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى. 27 لېكىن ئىككى يىل توشقاندا، فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى.
 
 
24:1 روس. 23‏:2. 24:2‏-3 «بىز ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىلىرىدا ھەر تەرەپتىن ئامان-ئېسەنلىككە نېسىپ بولۇپ كەلمەكتىمىز» ــ ياكى «بىز ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىلىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئامان-ئېسەنلىككە نېسىپ بولۇپ كەلمەكتىمىز». «ئالدىن كۆرەرلىكلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا دانا ئىسلاھاتلار بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە، بىز بۇ ئىشلاردىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تولۇق مىننەتدارلىق بىلەن بەھرىمان بولۇۋاتىمىز» ــ بەزى رىملىق تارىخچىلارنىڭ خاتىرىلىرى بويىچە، فېلىكس ئەمەلىيەتتە ئاچكۆز، رەھىمسىز ۋە قابىلىيەتسىز ئادەم ئىدى. 24:4 «ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن...» ــ ياكى «ئۆزلىرىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن...». 24:6‏-7 «ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى....» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ۋە ئۇنى ئۆز قانۇنىمىز بويىچە سوتلايتتۇق. لېكىن مىڭبېشى لىسىياس ئەشەددىي زورلۇق بىلەن ئۇنى قوللىرىمىزدىن تارتىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىشكە بۇيرۇغانىدى» دېگەن سۆزلەر مۇشۇ يەردە تېپىلماي، پەقەت «ئۇ بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىزنىمۇ بۇلغىماقچى بولغانىدى» دېيىلىدۇ. 24:6‏-7 روس. 21‏:28. 24:12 روس. 25‏:8؛ 28‏:17. 24:14 «تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ،...» ــ «تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى»: يەھۇدىي خەلقى بەزىدە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن بەش كىتابنى «تەۋرات» ۋە تەۋراتتىكى باشقا قىسىملارنى «زەبۇر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرى» دەپ ئاتايدۇ. «تەبىرلەر» ۋە تەۋراتتىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 24:15 «مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ» ــ ئوقۇرمەنلەرگە شۇ ئايانكى، ئىنجىلدا «ئۈمىد» تىلغا ئېلىنغاندا مۈجمەل بىر تىلەك-ئارزۇ ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ۋەدلىرىگە ئاساسلىنىپ، مۇقىم، پۇختا مەلۇم بىر ئىشنى كۈتۈشنى بىلدۈرىدۇ. 24:16 روس. 23‏:1. 24:17 روس. 11‏:29؛ رىم. 15‏:25. 24:18 روس. 21‏:27. 24:21 روس. 23‏:6؛ 28‏:20. 24:23 روس. 27‏:3؛ 28‏:16. 24:27 «فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن...» ــ ياكى «فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن...».