22
ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلاش سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسىلەر، ــ دېدى.
ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى:
ــ مەن بىر يەھۇدىي، كىلىكىيەدىكى تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم؛ لېكىن بۇ شەھەردە بېقىپ چوڭ قىلىندىم، گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم-تەربىيە ئالدىم. مەن سىلەرنىڭ بۈگۈن بولغىنىڭلارغا ئوخشاش، خۇدا يولىغا ئىنتايىن قىزغىن ئىدىم.   مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم.   بۇ توغرۇلۇق باش كاھىن ۋە ئالىي كېڭەشمىدىكى بارلىق ئاقساقاللارمۇ ماڭا گۇۋاھچىدۇر. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى يەھۇدىي قېرىنداشلارغا يېزىلغان خەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بۇ يولدىكىلەرنى جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمغا ئاپىرىمەن دەپ يولغا چىققانىدىم. ئەمدى شۇنداق بولدىكى، سەپەر قىلىپ دەمەشقكە يېقىنلاشقاندا، چۈشكە يېقىن، تۇيۇقسىز ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى. مەن يەرگە يىقىلىپ كەتتىم، ئاندىن ماڭا: «سائۇل، سائۇل، ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. «ئى رەب، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا: ــ «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسارەتلىك ئەيسادۇرمەن!» دېدى. مەن بىلەن بىللە مېڭىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمىدى.    10 مەن يەنە، «ئى رەب، نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سورىسام، رەب ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، شۇ يەردە سەن ئادا قىلىش بېكىتىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ!» دېدى. 11 ھېلىقى نۇرنىڭ جۇلالىقىدىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى.
12 ئۇ يەردە تەۋرات قانۇنىغا ئىخلاس باغلىغان، دەمەشقتىكى بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 13 ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىنداش سائۇل، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارا!» دېدى. مەن شۇئان بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ ئۇنى كۆردۇم. 14 ئۇ ماڭا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى. 15 چۈنكى سەن پۈتۈن ئىنسانلار ئالدىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭغا ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولىسەن! 16 شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىگە ھايال بولىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلۈپ، گۇناھلىرىڭنى يۇغۇزغىن!» دېدى.
17 شۇنداق بولدىكى، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورۇۋالدى 18 ۋە رەبنىڭ ماڭا: «چاپسان بول، يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
19 مەن، «ئى رەب، ئۇلار مېنىڭ ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى زىندانغا سولاپ، ھەربىر سىناگوگلارغا كىرىپ ئۇلارنى ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. 20 سېنىڭ گۇۋاھچىڭ بولغان ئىستىپاننىڭ قېنى تۆكۈلگىنىدە، مەنمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە قاراپ بەردىم!» ــ دېدىم. 21 بىراق ئۇ ماڭا: «كەتكىن! سېنى يىراقتىكى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن!» ــ دېدى.
22 پاۋلۇس مۇشۇ سۆزنى دېگۈچە خالايىق ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىۋاتاتتى. لېكىن بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
ــ ئۇنداق بىر كىشى يەر يۈزىدىن يوقىتىلسۇن! ئۇ تىرىك تۇرۇشقا لايىق ئەمەس! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.  
23 ئۇلار چىرقىرىشىپ، چاپان-يېپىنچىلىرىنى سېلىپ تاشلاپ، توپا-چاڭ سورۇۋاتقاندا، 24  مىڭبېشى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلىۋىدى، خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى. 25 لېكىن ئۇلار پاۋلۇسنى قامچىلاش ئۈچۈن غۇلاچلىتىپ باغلىغاندا، ئۇ يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا:
ــ بىر رىم پۇقراسىنى جىنايىتى بېكىتىلمەيلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دېدى.
26 بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى مىڭبېشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
ــ سىز نېمە ئىش قىلاي دەۋاتىسىز؟ چۈنكى ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن! ــ دېدى.
27 مىڭبېشى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن:
ــ ماڭا ئېيتقىن، سەن راستتىنلا رىم پۇقراسىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ راست، دېدى ئۇ.
28 ــ مەن ناھايىتى يۇقىرى باھادا مۇشۇ پۇقرالىققا ئىگە بولدۇم، ــ دېدى مىڭبېشى.
پاۋلۇس:
ئەمما مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا شۇنداق! ــ دېدى.
29 شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مىڭبېشىمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى باغلاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قورقۇپ كەتتى.
 
پاۋلۇسنىڭ ئالىي كېڭەشمىدە ئۆزىنى ئاقلىشى
30 مىڭبېشى يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىپ، باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى.
 
 
22:3 «مەن... گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم-تەربىيە ئالدىم» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەككى، گامالىيەل داڭقى چىققان تەۋرات ئۆلىماسى ئىدى (24:5). گرېك تىلىدا «(مەن) گامالىيەلنىڭ ئاياغلىرىنىڭ ئالدىدا ... تەلىم-تەربىيە ئالدىم» دېيىلىدۇ. 22:3 روس. 5‏:34؛ 9‏:11؛ 21‏:39؛ 2كور. 11‏:22 22:4 «مەن بۇ يولدىكىلەرنى ھەتتا ئۆلتۈرۈشكىچە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتقۇن قىلىپ زىندانغا سالدۇردۇم» ــ «بۇ يولدىكىلەرنى» ــ مەسىھ يولىدىكىلەرنى، دېمەكچى. گرېك تىلىدا پەقەت «بۇ يولنى» دېيىلىدۇ. تىڭشىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ «مەسىھ ئەيسانىڭ يولى»نىڭ گېپىنى قىلىۋاتقانلىقىنىنى بىلگەن بولاتتى. 22:4 روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 26‏:9؛ 1كور. 15‏:9؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. 22:6 1كور. 15‏:8؛ 2كور. 12‏:2. 22:9 «...لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمىدى» ــ ياكى «... لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئاڭلىماپتۇ». بۇ ئادەملەر بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، لېكىن نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىدى (7:9نى كۆرۈڭ). 22:9 دان. 10‏:7. 22:12 روس. 9‏:17. 22:14 «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى» ــ «ھەققانىي بولغۇچى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 22:18 مات. 10‏:14. 22:19 روس. 22‏:4. 22:20 روس. 7‏:58؛ 8‏:1. 22:21 روس. 9‏:15؛ 13‏:2؛ گال. 1‏:15؛ 2‏:8؛ ئ‍ەف. 3‏:8؛ 1تىم. 2‏:7؛ 2تىم. 1‏:11. 22:22 «لېكىن بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنداق بىر كىشى يەر يۈزىدىن يوقىتىلسۇن! ئۇ تىرىك تۇرۇشقا لايىق ئەمەس! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى» ــ دېمىسەكمۇ، ئۇلارنىڭ پاۋلۇس بۇ سۆزىنى كۆتۈرەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزلىرى ئىنتايىن پەس كۆرىدىغان «يات ئەللەر»گە يەتكۈزۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ، دەيدىغان كۆزقاراشتا ئىدى. 22:22 روس. 21‏:36. 22:24 «مىڭبېشى ... خالايىقنىڭ پاۋلۇسقا) نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى» ــ «قامچىلاپ سوراق قىلىش» بولسا رىملىقلار گۇمان قىلغان ئادەملەرنى گۇناھى بار دەپ ھېسابلاپ، «ھەقىقەتنى ئېنىقلاش ئۈچۈن» ئۇلارنى قىيناش بىلەن سوراق قىلاتتى (ئۇلارنىڭ «قامچا»لىرى كۆپ تاسمىلىق بولۇپ، ھەر تاسمىسىغا ھەرتۈرلۈك تۆمۈر-سۆڭەك پارچىلىرى باغلانغانىدى). ئەمما رىملىق پۇقرالار بولسا ئۇنداق مۇئامىلىدىن خالاس ئىدى. 22:25 «لېكىن ئۇلار پاۋلۇسنى قامچىلاش ئۈچۈن غۇلاچلىتىپ باغلىغاندا...» ــ «غۇلاچلىتىپ باغلىغاندا»: رىملىقلار سوراققا تارتىلغۇچىنى قامچىلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى باغلاپ غۇلىچىنى كېرىپ تۇرغۇزىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «پاۋلۇسنى تاسمىلار بىلەن غۇلاچلاتقاندا،...». 22:29 «شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. مىڭبېشىمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى باغلاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قورقۇپ كەتتى» ــ 24-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. رىم پۇقرالىرىنى جىنايىتى بېكىتمەيلا باغلاشمۇ قانۇنسىز ئىش ئىدى.