19
پاۋلۇس ئەفەسۇس شەھىرىدە
ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە بەزى مۇخلىسلار بىلەن ئۇچرىشىپ،   ئۇلاردىن:
ــ سىلەر ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردا، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ ياق، بىز ھەتتا مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
پاۋلۇس يەنە:
ــ ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ بىز يەھيا پەيغەمبەر يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق، ــ دېدى ئۇلار.
پاۋلۇس: ــ يەھيا پەيغەمبەر خەلققە يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈلۈرۈش بولسا گۇناھلارغا توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان چۆمۈلدۈرۈلۈش بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش كېرەكلىكىنى تاپىلىغانىدى، ــ دېدى.
ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ، رەب ئەيسانىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدى. پاۋلۇس قولىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇشى بىلەن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى.  
ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى ئەركەك كىشى ئىدى.
پاۋلۇس ئۈچ ئاي داۋامىدا ئەفەسۇس شەھىرىدىكى سىناگوگقا كىرىپ، يۈرەكلىك بىلەن سۆز قىلىپ، ئۇلار بىلەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ قايىل قىلىشقا تىرىشتى. لېكىن بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشىنىشنى رەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا رەبنىڭ يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە، پاۋلۇس ئۇلاردىن چىقىپ، مۇخلىسلارنىمۇ ئايرىپ چىقتى. ئۇ ھەركۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.    10 بۇ ئىش ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن ھەممەيلەن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلىدى.
 
سكېۋانىڭ ئوغۇللىرى
11 خۇدا پاۋلۇسنىڭ قوللىرى ئارقىلىق كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى. 12 كىشىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە پەرتۇقلارنى پاۋلۇسنىڭ تېنىگە تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياپاتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، يامان روھلار ئۇلاردىن چىقىپ كېتەتتى.
13 لېكىن شۇ ئەتراپتا يۈرىدىغان، «جىنكەش» يەھۇدىيلارىن بەزىلىرىمۇ رەب ئەيسانىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىپ، جىن چاپلاشقانلار ئۈستىدە تۇرۇپ جىنلارغا: «پاۋلۇس جاكارلاۋاتقان ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!» دەيدىغان بولدى. 14 بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى. 15 لېكىن ئۇلار قوغلىۋەتمەكچى بولغان يامان روھ ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇستىن خەۋىرىم بار، بىراق ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟! ــ دېۋىدى، 16 يامان روھ چاپلىشىۋالغان كىشى ئۇلارغا ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ شاما قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. ئۇلار يالىڭاچ ۋە يارىلانغان ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى.
17 بۇ ئىش ئەفەسۇس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە گرېكلەرگىمۇ مەلۇم بولۇپ، قورقۇنچ ھەممىسىنى باستى ۋە رەب ئەيسانىڭ نامى ئۇلۇغلاندى. 18 نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇنقى قىلغانلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئالدىغا چىقتى. 19 سېھىرگەرلىك قىلغانلاردىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك كىتاب-پالنامىلىرىنى ئەكېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى. 20 شۇنداق قىلىپ، رەبنىڭ سۆز-كالامى كۈچگە ئىگە بولۇپ، بەرق ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
 
ئەفەسۇس شەھىرىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ
21 بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاۋلۇس كۆڭلىدە، ماكېدونىيە ۋە ئاخايا ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ يېرۇسالېمغا بېرىشقا نىيەت باغلىدى. ئۇ: ــ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىنى كۆرۈپ كېلىشىم كېرەك، ــ دېدى.  
22 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە تۇردى.
23 دەل شۇ چاغدا، ئەفەسۇس شەھىرىدە رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى.    24 ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنى سۈرەتلەپ كۈمۈش تەكچە-ھەيكەللەرنى ياسىغۇچى دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھۈنەرۋەنلەرگە كۆپ پايدا تاپقۇزاتتى. 25 دىمىترىي ھۈنەرۋەنلەرنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا:
ــ بۇرادەرلەر، بىزنىڭ گۈللىنىشىمىزنىڭ بۇ ئىش بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ 26 ھازىر ھېلىقى پاۋلۇسنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ: «قول بىلەن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىلاھلار ئەمەس» دېيىش بىلەن، پەقەت ئەفەسۇستا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاسىيا ئۆلكىسىدە دېگۈدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، ئازدۇرۇپ بۇراۋاتىدۇ. 27 ئەمدى ھازىر بىزنىڭ بۇ سودىمىزغا بەتنام چاپلاش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۈيۈك ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ ئەرزىمەس دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل جاھان ئىبادەت قىلىدىغان بۇ ئايال ئىلاھىمىزنىڭ شان-شەرىپىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ! ــ دېدى.
28 بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك غەزەپكە چۆمۈپ، قايتا-قايتا:
ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
29 بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل شەھەرمالىماتاڭ بولۇپ كەتتى. خالايىق پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيەلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇپ سۆرەپ، سېرك مەيدانىغا تەڭلا يوپۇرۇلۇپ ماڭدى.    30 پاۋلۇس خالايىق ئارىسىغا كىرمەكچى بولغانىدى، لېكىن مۇخلىسلار ئۇنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدى. 31 ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان ئۆلكە ئەمەلدارلىرىدىن بەزىلىرىمۇ ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى سېرك مەيدانىغا بېرىشقا تەۋەككۈل قىلماسلىققا جېكىلىدى.
32 ئەمدى بەزىلەر بۇنى دەپ ۋارقىرىسا، بەزىلەر ئۇنى دەپ ۋارقىرىشىپ، پۈتۈن سورۇن ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى؛ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. 33 يەھۇدىيلار ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئالدىغا ئىتتىرىپ چىقىرىۋىدى، كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىغا تۇرغۇزدى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئاقلىماقچى بولدى. 34 بىراق كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، ھەممىسى تەڭلا:
ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان كۆتۈرۈپ تۇرۇشتى. 35 ئاخىردا، شەھەرنىڭ باش مىرزىسى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ــ ئەي ئەفەسۇسلۇقلار! بىز ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ شەھىرىنىڭ بۈيۈك ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن سۈرىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىم بار! 36 بۇ ئىشلارنى ئىنكار قىلالمىغانىكەن، ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، باشباشتاقلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك. 37 چۈنكى سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە سوراققا تارتىشقا ئېلىپ كەلدىڭلار؛ لېكىن ئۇلار يا بۇتخانىلارنى بۇلغۇچىلار يا بىزنىڭ ئايال ئىلاھىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئەمەس. 38 ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق تۇرماقتا ۋە سوراقچى ۋالىيلارمۇ بار. ئۇلار شۇ يەرلەردە بىر-بىرى بىلەن دەۋالاشسۇن؛ 39 ۋە باشقا بىرەر مەسىلىلىرىڭلار بولسا، رەسمىي سورۇندا بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم. 40 بىز ئەمدى يەنە بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ ئەرز قىلىنىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىمىز؛ چۈنكى بۇ مالىمانچلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەچكە، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە!
41 بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ يىغىلغان خالايىقنى تارقىتىۋەتتى.
 
 
19:1 «ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى» ــ ياكى «ئېگىزلىكلەر ئارقىلىق ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى». 19:1 1كور. 1‏:12 19:2 «مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟» ــ گرېك تىلىدا: «مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟». «ياق، بىز ھەتتا مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز» ــ مۇشۇ جاۋابنىڭ مەنىسى بەلكىم «مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنغىنى ياكى مۇقەددەس روھنىڭ ئىنسانلارغا كەلگىنىنى ئاڭلىماپتىكەنمىز» دېگەندەك بولسا كېرەك. 19:3 «ئۇنداقتا، سىلەر قانداق چۆمۈلدۈرۈلۈشتە چۆمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟» ــ ياكى «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە دەپ چۈمۈلدۈرۈلگەنسىلەر؟». ئېنىقكى، شۇ كىشىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا چۈمۈلدۈرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنى چۈمۈلدۈرگۈزچى ئېتىقادچى ئۇلارغا «خۇدا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە مۇقەددەس روھىنى سوۋغات قىلىپ ئاتا قىلىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن بولۇشى كېرەك ئىدى. چۈنكى مەسىھدە بولغان خۇش خەۋەر دەل شۇكى: (1) مەسىھنىڭ قۇربانلىقى بىلەن ئېتىقادچى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ (2) مەسىھنىڭ قۇربانلىقى بىلەن خۇدا ئېتىقادچى ئىنسانلارغا يېڭى بىر ھايات ئاتا قىلىدۇ؛ مۇشۇ ھايات مۇقەددەس روھنىڭ ئىنساننىڭ قەلبىدە ماكان قىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. روسۇل پېترۇسنىڭ سۆزلىرىگە قاراڭ (38:2-39)، «1پېت.» 21:3 ۋە بۇ ئايەت توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. «بىز يەھيا پەيغەمبەر يەتكۈزگەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق» ــ ئۇلارنىڭ جاۋابىغا قارىغاندا، ئۇلار مەرھۇم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى؛ مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇلار يەھيا پەيغەمبەرنىڭ توۋا قىلىشى ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرۇلۇق تەلىملىرىنى ئاپوللوستىن ئاڭلىغانىدى. 19:4 مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:4؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16. 19:6 «...مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشكە ھەم پەيغەمبەرلەرچە ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى» ــ مۇقەددەس روھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان «نامەلۇم (كارامەت) تىللاردا سۆزلەش» ئىلتىپاتى بىلەن كىشىلەر ئۆز سۆزلىرىنى چۈشەنمىگەن ھالدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنىڭ سىرلىرىنى جاكارلايدۇ («1كور.» 2:14نى كۆرۈڭ). 19:6 روس. 8‏:17؛ 11‏:15. 19:9 «خالايىق ئالدىدا رەبنىڭ يولىغا ھاقارەت كەلتۈرگەندە...» ــ مۇشۇ يەردە «رەبنىڭ يولى» گرېك تىلىدا پەقەت «يول» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ (چۈنكى ئېتىقادنىڭ نەزىرىدە پەقەت بىر يوللا باردۇر. 2:9نىمۇ كۆرۈڭ). «تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ لېكسىيىخانىسىدا مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى» ــ «لېكسىيىخانا» ياكى «مەكتەپ»: بۇ بەلكىم پەلسەپە ئۆگىتىدىغان بىر مەكتەپ بولسا كېرەك. «مۇنازىرە-مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش» ــ بەلكىم ئىشەنمىگەنلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىش (10-ئايەتنى كۆرۈڭ) ۋە ئىشەنگەنلەرگە كۆپرەك تەلىم بېرىش. 19:9 2تىم. 1‏:15. 19:10 «يەھۇدىيلار بولسۇن، گرېكلەر بولسۇن...» ــ دېمەك، «يەھۇدىيلار بولسۇن، يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن...». 19:11 مار. 16‏:20؛ روس. 14‏:3. 19:13 ««جىنكەش» يەھۇدىيلار» ــ مەخسۇس ئاتالمىش «جىن ھەيدەش قەسپى» ئارقىلىق پۇل تاپىدىغانلار. «ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!» ــ گرېك تىلىدا: «...ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قەسەم ئاستىدا بۇيرۇيمەن!». 19:14 «بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى» ــ ياكى «بۇ ئىشنى قىلغۇچىلار سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي باش كاھىننىڭ يەتتە ئوغلى ئىدى». 19:18 مات. 3‏:6. 19:19 «جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگە» ــ بىر تەڭگىگە بىر قوي كېلەتتى. شۇڭا ھازىرقى بويىچە جەمئىي ئىككى يېرىم مىليون دوللارغا باراۋەر ئىدى (2006). 19:20 يەش. 55‏:11. 19:21 «پاۋلۇس كۆڭلىدە... نىيەت باغلىدى» ــ گرېك تىلىدا «پاۋلۇس روھتا... نىيەت باغلىدى». 19:21 رىم. 15‏:25؛ گال. 2‏:1. 19:22 «ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ...» ــ پاۋلۇسنىڭ شۇنىڭ مەقسىتى ئۇلارنىڭ بەلكىم ئۆزىنى كۇتۈش ئۈچۈن ۋە بەلكىم ئۆزىنىڭ بېرىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىدى (1:20-3نى كۆرۈڭ). 19:23 «دەل شۇ چاغدا، ئەفەسۇس شەھىرىدە رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق ئېغىر مالىماچىلىق كۆتۈرۈلدى» ــ «رەبنىڭ يولى» گرېك تىلىدا پەقەت «يول» دېيىلىدۇ. 19:23 2كور. 1‏:8. 19:24 روس. 16‏:16. 19:26 زەب. 115‏:4؛ يەر. 10‏:3. 19:27 «پۈتكۈل جاھان ئىبادەت قىلىدىغان بۇ ئايال ئىلاھىمىزنىڭ شان-شەرىپىمۇ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ!» ــ دىمىترىينىڭ «ئايال ئىلاھىمىزنىڭ شان-شەرىپى» دېگەن سۆزى بەلكىم ئارتېمىسنىڭ ھەيۋەتلىك بۇتخانىسىنىمۇ كۆرسەتمەكچى بولۇشى مۇمكىن. 19:29 «خالايىق ... گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇپ سۆرەپ، سېرك مەيدانىغا تەڭلا يوپۇرۇلۇپ ماڭدى» ــ ئارتېمىسنىڭ «بۈيۈك بۇتخانىسى» يوقاپ كەتتى، ئەمما بۇ سېرك مەيدانى بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇت، ئۇنىڭغا 25000 كىشى سىغىدۇ. 19:29 روس. 20‏:4؛ 27‏:2؛ كول. 4‏:10. 19:33 «كۆپچىلىك ئۇنى ئالدىغا تۇرغۇزدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كۆپچىلىك بۇ ئىش ئۇنىڭغا باغلىق دەپ ئويلىدى» دېيىلىدۇ. 19:34 «بىراق كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، ھەممىسى تەڭلا: ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان كۆتۈرۈپ تۇرۇشتى» ــ خالايىق ئىسكەندەرنى پاۋلۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەم، نېمىلا بولمىسۇن يەھۇدىي بولغاچقا، بۇتپەرەسلىككە قارشى بولسا كېرەك، دېگەن ئويدا بولغان بولسا كېرەك. 19:35 «ئارتېمىسنىڭ ... ئاسماندىن چۈشكەن سۈرىتى...» ــ ياكى «ئارتېمىسنىڭ ... ئاسماندىن چۈشكەن تېشى...».