16
تىموتىينىڭ پاۋلۇس ۋە سىلاسقا قوشۇلۇشى
ئاندىن ئۇ دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ باردى. مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى. لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ توغرۇلۇق ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى. پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى ئېلىپ خەتنە قىلدۇردى.   ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار يات ئەللەرگە بېكىتكەن بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشى ئۈچۈن تاپشۇردى. شۇنداق قىلىپ، جامائەتلەر ئېتىقادتا كۈچەيتىلىپ، سانلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.
 
ماكېدونىيەلىكنىڭ چاقىرىقى
مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ، مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ئەيسانىڭ روھى ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىقىمۇ يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىيەدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە چۈشتى. شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيەلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ:
ــ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيەگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرگەيسەن! ــ دەپ ئۆتۈندى.
10 ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق.
 
لىديانىڭ ئېتىقاد قىلىشى
11 بىز كېمىگە چىقىپ، تروئاستىن يولغا چىقىپ، سامودراك ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق ۋە ئەتىسى ماكېدونىيەدىكى نېئاپولىس شەھىرىگە يېتىپ باردۇق. 12 ئۇ يەردىن ماكېدونىيەنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپپى دېگەن مۇھىم شەھىرىگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىمدىكى بىر مۇستەملىكە شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق. 13 شابات كۈنى، شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ دەريا ساھىلىگە باردۇق؛ چۈنكى بىز ئۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاي بار دەپ ئويلىدۇق؛ دەرۋەقە شۇنداق بولدى. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە يىغىلغان ئاياللارغا سۆزلەشكە باشلىدۇق. 14 ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. رەب ئۇنىڭ قەلبىنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئاچتى. 15 ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولۇپ بىزدىن ئۆتۈنۈپ:
ــ ئەگەر سىلەر مېنى ھەقىقەتەن رەبگە ئېتىقاد قىلغۇچى دەپ بىلسەڭلەر، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇڭلار! ــ دەپ چىڭ تۇرۇپ بىزنى ماقۇللاتتى.
 
پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ زىندانغا تاشلىنىشى
16 بىر كۈنى بىز شۇ دۇئا قىلىدىغان جايغا كېتىپ بارغىنىمىزدا، بىر دېدەك بىزگە يولۇقتى؛ بۇ قىزغا پال سالغۇچى بىر جىن چاپلىشىۋالغانىدى؛ دېدەك خوجايىنلىرىغا پال سېلىش يولى بىلەن نۇرغۇن پايدا تېپىپ بەرگەنىدى.    17 ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ:
ــ بۇ كىشىلەر ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ قۇللىرى، ئۇلار سىلەرگە نىجاتلىق بىر يولىنى جاكارلايدۇ! ــ دەپ ۋارقىراپ ماڭدى.
18 ئۇ ئۇدا كۆپ كۈنلەر شۇنداق ۋارقىرىدى. بۇ ئىش پاۋلۇسنىڭ قەلبىنى ئازابلاپ، ئۇ قىزغا بۇرۇلۇپ، جىنغا:
ــ ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى.  
19 دېدەكنىڭ خوجايىنلىرى ئۇنىڭغا باغلىغان پۇل تېپىش ئۈمىدىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى كۆرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قول سېلىپ، ئۇلارنى بازار مەيدانىغا سۆرەپ، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 20 ئۇلار ئىككىيلەننى سوراقچى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ:
ــ بۇ ئادەملەر يەھۇدىيلار بولۇپ، شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەكتە. 21 بىز بولساق رىملىقلارمىز، ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ بولغان ۋە قوبۇل قىلىشقا ياكى يۈرگۈزۈشكە بولمايدىغان قائىدە-يوسۇنلارنى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى.
22 توپلانغان خالايىقمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغالدى؛ سوراقچى ئەمەلدارلار ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن دۇمبىلاشقا ئەمر چۈشۈردى. 23 ئىككىيلەننى كالتەك بىلەن كۆپ دۇمبىلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى زىندانغا تاشلىدى ۋە شۇنداقلا گۇندىپاينى قاتتىق كۆزىتىشكە بۇيرۇدى. 24 ئۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى.
25 تۈن يېرىمدا، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە كۈيلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. 26 تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى ۋە زىنداننىڭ ھەممە ئىشىكلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ھەربىر مەھبۇسنىڭ كىشەنلىرىمۇ چۈشۈپ كەتتى. 27 گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى.
28 لېكىن پاۋلۇس قاتتىق ئاۋازدا:
ــ ئۆزۈڭگە زەرەر يەتكۈزمە، ھەممىمىز بار! ــ دەپ ۋارقىرىدى.
29 گۇندىپاي: چىراغلارنى كەلتۈرۈڭلار دەپ توۋلاپ ئىچكىرىگە ئېتىلىپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. 30 ئاندىن ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ:
ــ قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.
31 رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! ــ دېدى ئۇلار.  
32 شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزدى. 33 كېچە شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى؛ ئاندىن ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى؛ 34 ئىككىيلەننى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇ پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن زور شادلاندى.
35 ئەتىسى ئەتىگەندە، سوراقچى ئەمەلدارلار ياساۋۇللارنى زىندانغا ئەۋەتىپ:
ــ ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! ــ دەپ بۇيرۇدى.
36 گۇندىپاي بۇ سۆزنى پاۋلۇسقا يەتكۈزۈپ:
ــ سوراقچى ئەمەلدارلار ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش يارلىقىنى چۈشۈردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقىپ، تىنچ-ئامان يولۇڭلارغا چىقىڭلار، ــ دېدى.
37 بىراق پاۋلۇس ياساۋۇللارغا:
ــ بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار ھازىر بىزنى يوشۇرۇنچە قوغلىماقچىمۇ؟ ياق، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ! ئەمەلدارلار ئۆزلىرى كېلىپ بىزنى چىقارسۇن! ــ دېدى.
38 ياساۋۇللار بۇ سۆزلەرنى سوراقچى ئەمەلدارلارغا يەتكۈزدى. ئۇلار ئىككىيلەننىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى؛ 39 ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا زىندانغا بېرىپ، ئۇلارنى زىنداندىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ كېتىشنى قايتا-قايتا ئۆتۈندى.
40 ئىككىيلەن زىنداندىن چىقىشى بىلەن لىديانىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئاندىن ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەندىن كېيىن، يولغا چىقىپ كەتتى.
 
 
16:1 «مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى» ــ كېيىنكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، «شۇ يەر» لىسترا ئىدى. 16:3 «بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس ئۇنى ئېلىپ خەتنە قىلدۇردى» ــ پاۋلۇسنىڭ تىموتىينى خەتنە قىلىشى ئېتىقادىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغاندا يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. 16:3 1كور. 9‏:20؛ گال. 2‏:3. 16:4 روس. 15‏:20. 16:6 «مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ...» ــ فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرى ئاسىيانىڭ بىر قىسمى ئىدى ــ پاۋلۇس شۇ يەردىن ئۆتكىنى بىلەن خۇدانىڭ سۆزىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۇ يەردە توختىمىدى. 16:7 «مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق ئەيسانىڭ روھى ئۇلارغا بۇنداق قىلىشىقىمۇ يول قويمىدى» ــ قىزىق بىر يېرى شۇكى، كېيىنرەك روسۇل پېترۇس دەل مۇشۇ رايونلارنىڭ بەزى يەرلىك كىشىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى (2پېت.» 1:1نى كۆرۈڭ). شۇڭا مۇمكىنچىكلىكى باركى، پاۋلۇسلار مۇشۇ يەرلەردىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلاردا، پېترۇس شۇ يەردە ئىدى ياكى پات ئارىدا شۇ يەرلەرگە كەلمەكچى ئىدى. پاۋلۇسمۇ كېيىن گالاتىيا دېگەن رايونغا بېرىپ، خۇش خەۋەرنى تارقىتىپ، بىر جامائەت بەرپا قىلىندى (23:18 ۋە «گال.» 13:4نى كۆرۈڭ). 16:8 2كور. 2‏:12. 16:9 «دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيەگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرگەيسەن!» ــ ماكېدونىيە رىم ئىمپېرىيەسىدىكى گرېتسىيەگە جايلاشقان «ماكېدونىيە ئۆلكىسى» ئىدى. 16:10 «ئۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، رەب بىزنى جەزمەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر جاكارلاشقا چاقىرغان، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، دەرھال ماكېدونىيەگە بېرىشقا تەييارلاندۇق» ــ مۇشۇ ئايەتتىن باشلاپ «بىز» دەپ بايان قىلىشنىڭ سەۋەبى ــ مۇشۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى لۇقا مۇشۇ يەردە پاۋلۇسلارغا قوشۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 16:12 «ئۇ يەردىن ماكېدونىيەنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپپى دېگەن مۇھىم شەھىرىگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىمدىكى بىر مۇستەملىكە شەھەر ئىدى» ــ فىلىپپى دېڭىز بويىكى نېئاپولىستىن 16 كىلومېتر يىراقلىقتا ئىدى. «رىمدىكى مۇستەملىكە» ــ بىۋاسىتە رىم ھۆكۈمىتى ئۆزى باشقۇرغان، ئاھالىسى «رىم گراژدانلىق» ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىغا ئىگە ئىدى. 16:13 «شابات كۈنى، شەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىپ دەريا ساھىلىگە باردۇق؛ چۈنكى بىز ئۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاي بار دەپ ئويلىدۇق» ــ ئەھۋالغا قارىغاندا فىلىپپى شەھىرىدە يەھۇدىيلارنىڭ بىرمۇ سىناگوگى يوق ئىدى («سىناگوگ»نىڭ ئاساسى ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئون يەھۇدىي ئەركەك كىشى بىر-بىرىگە قوشۇلۇشى كېرەك). ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئاياللار (بەلكىم يەھۇدىي ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەر، يەنى «خۇدانىڭ قورققانلار») ھەر شابات كۈنى تەۋراتتىن ئېلىنغان سۆزلەر بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا يىغىلاتتى. 16:14 «ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى» ــ «خۇدادىن قورقىدىغان» دېگەن تۇراقلىق ئىبارە، لىديانىڭ يەھۇدىي ئەمەس، ئەمما تەۋرات ئېتىقادىدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 16:15 يار. 19‏:3؛ 33‏:11؛ ھاك. 19‏:21؛ لۇقا 24‏:29؛ ئىبر. 13‏:2. 16:16 «بۇ قىزغا پال سالغۇچى بىر جىن چاپلىشىۋالغانىدى» ــ «پال سالغۇچى بىر جىن» گرېك تىلىدا «پىتون روھى». «پىتون» يوغان يىلان بولۇپ، گرېكلارنىڭ رىۋايەتلىرى بويىچە ئۇ دەلفى شەھىرىدىكى بۇتخانىدا تۇرۇپ، پالچىلىق سىرلىرىنى باشقۇراتتى. 16:16 1سام. 28‏:7؛ روس. 19‏:24. 16:17 «...ئۇلار سىلەرگە نىجاتلىق بىر يولىنى جاكارلايدۇ!» ــ ياكى «...ئۇلار سىلەرگە نىجاتلىق يولىنى جاكارلايدۇ!». 16:18 «بۇ ئىش پاۋلۇسنىڭ قەلبىنى ئازابلاپ،...» ــ گرېك تىلىدا «قەلبىنى ئازابلاش» دېگەن سۆز ھەم دەرد، بىزارلىق ۋە خاپىچىلىقنى (دېگەن مەنىلەرنى) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «جىن شۇئان چىقىپ كەتتى» ــ ياكى «جىن شۇ سائەت ئىچىدە چىقىپ كەتتى». 16:18 مار. 16‏:17. 16:19 2كور. 6‏:5. 16:20 1پاد. 18‏:17؛ روس. 17‏:6. 16:22 2كور. 11‏:25؛ 1تېس. 2‏:2. 16:25 روس. 4‏:31. 16:26 روس. 5‏:19؛ 12‏:7. 16:27 «گۇندىپاي ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ... مەھبۇسلار قېچىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى» ــ رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى بويىچە مەھبۇسلارنى قاچۇرۇپ قويغان ئەسكەرلەر ياكى گۇندىپايلار ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىناتتى. 16:30 لۇقا 3‏:10؛ روس. 2‏:37؛ 9‏:6. 16:31 «رەب ئەيساغا ئېتىقاد قىلغىن، ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ!» ــ گۇندىپاينىڭ «قۇتقۇزۇلۇشۇم ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سوئالنى قويۇشىدا، ئۇ بەلكىم «قۇتقۇزۇلۇش»نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئانچە چۈشەنىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى روھىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇشى ئىدى. 16:31 يـۇھ. 3‏:16،36؛ 6‏:47؛ 1يۇھ. 5‏:10. 16:34 لۇقا 5‏:29؛ 19‏:6. 16:37 «بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ، زىندانغا تاشلىدى» ــ رىملىق پۇقرالارغا ئۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھەربىر باسقۇچى رىم قانۇنىغا خىلاپ ئىدى. 16:39 مات. 8‏:34.